بۇ بىر پارچە رەسىم بىلەن ئەيدىزنىڭ قايسى يوللار بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

 ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، كېسەللىك مەنبەسىدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. گەرچە مەتبۇئاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۈرلۈك - تۈمەن تەسۋىرلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرانۇھەس قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا يۇقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر يۇقۇش يولى ئۈچ خىل شەرتنى تولۇق ھازىرلىغاندىلا ئاندىن يۇقالايدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ۋە شەرتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

(1) قاندىن يۇقۇش

قاندىن يۇقۇش ئاساسەن ئوكۇل - ئىشپىرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا يۇقىدۇ.
بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەقدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل- ئەسۋابلارنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەقدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش - كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.

(2) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش

ئاساسەن قوغدىنىشسىز (گاندون ئىشلىتىلمىگەن) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت (جىما) جەريانىدا، جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخىمگە ئۇچرىغاچقا، مەنىي ۋە جىنسىي ئەزا سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى شۇ جايلاردىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسىي يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.

ئەگەر ئەر - ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسىي كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىكى جاراھەت ئاسانلا يېرىلىپ قانىغاچقا، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسىي كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسىي كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا 3 − 5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.

(3) ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش مەزگىللىرىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسىي كېسىلى بار - يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى تولۇق بولمىغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىغا كىرگەندە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇپ 18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتىتېلاسى بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئانىسىنىڭ ئانتىتېلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەكەر ئۇزۇنلۇقى قانچىلىك بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئېلىپ بارسا نورمال بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .