زەكەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە زەكەرنىڭ ئۈستىدىكى باسسا قولغا تىگىپ تۇرىدىغان دوۋسۇن سۆڭىكىدىن تارتىپ زەكەرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ

زەكەرنىڭ ئىككى خىل ئۇزۇنلۇقى بولىدۇ ، بىرى نورمال ۋاقىتتا يەنى جىنسىي ھاياجانلىنىش بولمىغان ، زەكەرنىڭ قاتمىغان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى ۋە جىنسىي ھاياجانلىنىش بولۇپ زەكەرنىڭ قېتىپ ئۇزارغان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى بولىدۇ . بۇ ئىككىلى ئۇزۇنلۇقنىڭ ئادەتتە مۇھىم ئەھمىيەتگە ئىگىدۇر.

ئالىدىدا شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىش لازىمكى تۆۋەندە دىيىلگەن ئىككى خىل ئۇزۇنلۇق ، ئوخشىمىغان گېندىكى ، ئوخشىمىغان دۆۋلەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئىرق ، ئوخشىمىغان مۇھىتلارنىڭ تەسىرى ۋە بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ سەۋىيەسى سەۋەبىدىن ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمايدۇ . تۆۋەندە ئېيتىدىغىنىمىز دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بولغان ئۆلچەمدۇر . بۇنىڭدىن سىرت يەنە ۋاقتىدا خەتمىسىنى قىلمىسا ، زەكەرنىڭ تېرىسى زەكەر بېشىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن . 

نورمال ئۇزۇنلۇقى : ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر يەنى 18 ياشقا كىرگەن ئىككىنجى جىنس ئالامەتلىرى تولۇق يىتىلىپ بولغان ئەرلەردە ئادەتتە 4 سانتىمېتىر ياكى بۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىدۇ . ئۆلچەش ئۇسۇلى : زەكەر قاتمىغان چاغدا قاتتىق سىزغۇچ بىلەن دوۋسۇن سۆڭىكىگە تاقاشتۇرۇپ تۇرۇپ زەكەرنى ئۇچىدىن نورمال كۈچتە تارتىپ تۇرۇپ زەكەرنىڭ ئەڭ ئۇچىغىچە ئۆلچىگەن ئارىلىق بۇ نورمال ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇق بولىدۇ . 

بۇ ۋاقىتتىكى زەكەر ئۇزۇنلۇقى ئاساسلىقى ئىككىلەمچى جىنس خاراكتىرى تولۇق يىتىلىپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى بولالايدۇ . يەنى زەكەر بۇنىڭدىن قىسقا بولسا ئىككىلەمچى جىنس خاراكتىرنىڭ تولۇق يىتىلەلمىگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ . ئەمما بۇ ئەھۋال نورمال جىنسى تۇرمۇشقا تەسىر يىتىشى ناتايىن .

زەكەر قاتقاندىكى ئۇزۇنلۇق : قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر يەنى 18-20 ياشقا كىرگەن ھەم ئىككىلەمچى جىنس ئالامەتلىرى تولۇق يىتىلىپ بولغان ئەرلەر جىنسىي ھىسسىياتلانغاندا زەكەر تولۇق قاتقاندىن كىيىنكى ئۇزۇنلۇقى 9 سانتىمېتىردىن 16 سانتېمىتىرغىچە بولىدۇ . 7 سانتېمىتىردىن قىسقا بولغانلارنىڭ كىچىك زەكەر دەپمۇ ئاتايدۇ . بۇخىل كىچىك زەكەر ئەھۋالى بولغانلاردا نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپ قىلىشى مۇمكىن . 

كىچىك زەكەر بولۇپ قېلىشنىڭ كۆپ خىل سەۋەبلىرى بولىدۇ . بەزىلىرى تۇغما قىسقا بولۇشى ۋەياكى تۇغما گىن كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ، بەزىلىرى ھورمون سەۋىيەسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن . شۇڭا كىچىك زەكەر بولغانلاردا ، جىنسىي ھىسسىياتلانغاندا زەكەر يىتەرلىك قاتماي جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ توغرا دىئاگنوز قويۇلۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . ھەرگىزمۇ خېجىل بولۇش ، قورقۇش سەۋەبىدىن كەسپىي ئىشەنچلىك دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىڭىزغا قالايمىقان دورا ئىشلىتىش ياكى داۋالاش سالاھىيىتىگە ئېگە بولمىغان كىچىك ئامبۇلاتورىيەلەردە ناتوغرا داۋالىنىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشدىن ساقلىنىڭ .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلىك جىنسىي ئەزا رەسىمى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش يوللىرى رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .