مۇبارەك بولسۇن ، يولدىشىڭىز ۋە سىزنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ مېۋىسى پەيدا بولۇشقا باشلىغان بۇ مىنۇتلار سىزنى ھاياجان ۋە خوشاللىقلا چۆمدۈرىدۇ 

1- ھەپتە : 
بۇ ھەپتىدە سىزدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ . قورساقتا ھەتتا ھامىلىنىڭ تۆرەلمە شەكلىمۇ بولمايدۇ ، ھازىر بالىڭىز ھېلىھەم ئىسپېرما شەكلىدە بولۇپ ، سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىن چىقارغان تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا كېتىپ بارىدۇ . شۇڭا بۇ ھەپتىنى ئۆزىڭىزمۇ سەزمەيلا ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىسىز . 
 
ھامىلە 1-ھەپتىسى

ھېسابلاش ئۇسۇلى : ئاخىرقى ئادەتنىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلانغان بىرىنجى ھەپتىدۇر.

ئەمما ئەگەر سىز بىلەن يولدىشىڭىز بالا ئېلىشنى پىلانلىغان بولسىڭىز ، يەنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادەت كېلىش ۋاقتىغا ئاساسەن تۇخۇم چىقارغان ۋاقتىڭىزنى ھېساپلاپ تۇرۇپ يولدىشىڭىز بىلەن بىللە بولغان بولسىڭىز ، بۇ بىرىنجى ھەپتە ھەتتا بۇنىڭدىن ئالدىدىكى تەييارلىقلىرىڭىز مۇھىم بولىدۇ . مەسىلەن تۇرمۇشىڭىزنى رېتىملىق قىلىش ، كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلىق كۆتىرەڭگۈ قىلىش ، ئاچچىق چۈچۈك سىرتنىڭ تاماقلىرىدىن نېرى تۇرىشىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنى زىيادە خىزمەت سەۋەبىدىن ياكى ئۆي ئىشلىرىدىن زىيادە ھاردۇرۋېتىشىتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم . 

بۇنىڭدىن سىرت مۇھىمى يولدىشىڭىز بىلەن بىللە بولۇشنىڭ ئالدىدا ، بەدىنىڭىزدىكى قاننىڭ ئەھۋالى ، ۋىتامىنلارنىڭ ئەھۋالى ، قالقان بەز مىقدارىنىڭ ئەھۋالى ، ھورمونلارنىڭ ئەھۋالى ، ھەم بەدەندە باشقا كېسەللىكلەر بارمۇ يوق ، بۇلارنى ئېنىق تەكشۈتۈشىڭىزنى ھەم ئاياللار دوختۇرىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە كام بولغانلارنى تولۇقلىشىڭىزنى ئەگەر باشقا كېسەللىكلىرىڭىز بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .  ھەتتا زۇكام دىگەندەك كىچىك كېسەللىكلەر بولسىمۇ تۇغۇت دوختۇرىدىن تولۇق تەلىمات ئېلىپ داۋالىتىپ بولۇپ ئاندىن ساغلام ھالەتتە بالا ئېلىشىڭلار لازىم . ئەمما دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىمىسىز قالايمىقان دورا ئىستىمال قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز . 

ئەلۋەتتە يولدىشىڭىزمۇ سىزگە ماسلىشىپ ، يۇقارقى نۇقتىلارغا دېققەت قىلىشى ، تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىش دىگەندەك يامان ئىللەتلىرىنى بىر مەزگىل بولسا بىراقلا قول ئۈزۈشى لازىم . بۇلارنىڭ ھەممىسى يولدىشىڭىزدىن كەلگەن ئسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە ۋە سانىغا ئۇدۇل تەسىر قىلىدۇ . 

يولدىشىڭىز بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتىنى ياخشى ھېسابلاپ ، ياخشى كەيپىياتتا بىللە بولسىڭىز ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھامىلدار بولغان ياخشى خەۋىرىڭىزنى ئالىسىز . 

شۇڭا بۇ بىرىنجى ھەپتە ھەم ئالدىدا چوقۇم ھەرقايسى تەرەپتىكى تەييارلىقلارنى بىر قەدەر تولۇق قىلىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز .


قېنى خوش ، ئەمىسە ئىككىنجى ھەپتىگە قاراپ ماڭايلى . 

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى خەلىقئارالىق سېسىترالار كۈنى مۇبارەك بولسۇن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .