|
ئۆپكە ۋە ئۇنى ئاسراش
ئۆپكە كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئوڭ ، سول قاناتلىرىنى بولىدۇ . ئۆپكە يۇمشاق ، شۇنداقلا ئىلاستىكىلىكى كۈچلۈك بولىدۇ . ئۆپكىنىڭ سىرتقى يۈزى بىر قەۋەت سىلىق پلازما پەردە قاپلاپ تۇرىدۇ . ئۆپكىنىڭ سول قانىتى سەل ئۇزۇنراق بولۇپ ، يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئىككى ياپراقچىغا بۆلۈنىدۇ . ئوڭ قانىتى سەل كەڭرەك قىسقا بولۇپ ، يۇقىرى ، ئوتتۇرا ، تۆۋەن ئۈچ ياپراچىقغا بۆلۈنىدۇ . ئۆپكىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1200~900گىرامغىچە بولىدۇ . كانايچىلار بارا-بارا كىچىكلەپ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە تۇتىشىدۇ . ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى يېرىم شار شەكلىدىكى خالتىدىن ئىبارەت. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 100كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ تېمى قىل تومۇرلارغا باي بولۇپ ، بىر قەۋەت ئېپىتېلىيە ھۆجەيرىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ . ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە ئالمىشىدۇ .
ئۆپكە بەلغەم خېلىتىنى زاپاس ساقلايدۇ. ئۆپكىنىڭ ئەسلى مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ ، خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ھۆل ئىسسققا ئايلىنىدۇ . ئۆپكە ئۆزىدىكى تارتىش قۇۋۋىتى ئارقىلىق سىرتقى مۇھىتتىن ھاۋانى سۈمۈرۈپپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھاۋائى نەسمى(ئوكسىگىن)نى قانغا ئۆتكۈزۈپ ، خېلىتلارنىڭ لەتف ، ئۇچۇچان تەركىبلىرى بىلەن بىرىكتۈرۈپ ،روھىي ھايۋانىنى ھاسىل قىلىدۇ . شۇنداقلا پۈتۈن بەدەننى ھاۋائى نەسمى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
ئۆپكە ئۆزىدىكى ئىتتىرىش قۇۋۋىتى ئارقىلىق قان تەركىبىدىكى گاز خۇسۇسىيەتلىك بۇخاراتلارنى نەپەس چىقىرىش يوللىرى بىلەن چىقىرىپ تاشلاپ ، بەدەندىكى كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەپ تۇرىدۇ . شۇنداقلا مۇھىتتىن ھاۋا بىلەن برىگە كىرگەن ھەرخىل چاڭ-توزان ، بۇس بۇ-خاراتلارنى ئىتتىرىش قۇۋۋىتى ئارقىلىق بەلغەم چىقىرىش رولى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ . ئۆپكە نورمال نەپەسلىنىش خىزمىتى ئارقىلىق بەدەن تېمپىرا توراسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ .
ئۆپكە بەلغەم خېلىتىنى زاپاس ساقلاش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ھۆل سوغۇقلۇق كەيپىياتى ئارقىلىق خېلىتلارنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
ئۆپكىگە زىيانلىق ئامىللار
تاماكا ، نەشە ، ئەپيۇن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىس - تۈتەك ، بۇس - بۇخاراتلىق مۇھىتلار ئۆپكىنىڭ جازىبە ، ماسكە ،ھازىمە ، دافىئە قاتارلىق قۇۋۋەتلەرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، نورمال فىزوئولگىيىلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ ، بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسىلەن: تاماكا ، نەشە ، ئەپيۇننى كۆپ چەككەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكۇتىننىڭ قاتۇرۇش، ئۇيۇتۇش تەسىرى بولغاچقا ، ئۇلار قان تومۇرلارنى ، شاخ كانايچىلارنى ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى تارايتىپ ، قاتۇرۇپ ، ئۆپكىدە نورمال ھاۋا ئالمىشىشقا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكتىن ، يەرلىك توقۇلمىغا قان ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ، توقۇلما قورۇلۇپ ، راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ .
ئىس - تۈتەك ، بۇس - بۇخاراتلار ئۆپكىدە غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى پەيدا قىلىپ ، بەلغەملىك ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھاۋا تەركىبىدىكى زەھەرلىك خېمىيىۋىلىك گالار شاخ كاناي ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى غىدىقلاپ ، يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ . چاڭ -توزانلىق ، پاسكىنىچىلىك قاتارلىق بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت ياشىغاندا چاڭ توزان خاراكتىرلىك مائائىلار كانايچىلار ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى ئۆزلۈكسىز غىدىقلاپ تۇرغانلىقىدىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە ياللۇغلىنىش ۋە تالالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۆپكىنىڭ نورمال ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۆپكىنىڭ قۇۋۋىتى جازىبەسى بىلەن قۇۋۋىتى دافىئەسىنى بۇزۇپ ،دەم سىقىلىش ۋە نەپەس قىيلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
يامغۇردا قېلىش ۋە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوغۇق ھاۋادا قېلىش كانايچىلارغا كۈچلۈك تەسىر قىلىپ ، كانايچىلارنىڭ ۋە كانايچە تىۋىتچىلىرىنىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سىرتتى كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئۆپكىگە كىرىپ ، ئۆپكە پۈۋۋەكچىلىرىنى غىدىقلىغانلىقتىن ، بۇ خىل يات ماددىغا قارىتا ئۆپكىدىكى قۇۋۋىتى دافىئە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ، ئاخىرىدا كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى قاتارلىق نەپەس سىستىما كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .
بەزى كەسپىي ئامىللار نەپەس سىستىمىسىغا ناھايىتى زىيانلىق. مەسىلەن : تاش پاختا زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلار ، پاختا ئاتقۇچىلار ، ئۇن زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلار ، تازىلىق ئىشچلىرى ، دائىم بوردا خەت يازىدىغانلار ، بۇ خىل مۇھىتتىن چىققان چاڭ-توزانلار قۇرۇتۇش ، قاتۇرۇش ، توسالغۇ پەيدا قىلىش رولىغا ئېگە بولغاچقا ، ئۇ ئۆپكە پۈۋۋەكچىلىرىنى قاتۇرۇپ ، توسالغۇ پەيدا قىلىپ ، ئۆپكىدىكى قۇۋۋىتى دافىئەنىڭ رولىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئۆپكىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، بەزى ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايونلاردا ئۇزۇن مەزگەئىل ياشىغاندا بۇ يەردىكى ھاۋاشالاڭ بولغاچقا ، ھەر بىر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۆپكە ھاۋاغا تولۇق تويۇنالماي ، ئۆپكىنىڭ قۇۋۋىتى جازىبەسى بىلەن قۇۋۋىتى دافىئەسى ماسلىشالماي قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن دەم سىقىلىش ، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .
دائىم پەرىشان يۈرۈش ، غەم-قايغۇنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ، دائىم زىيادە ئاچچىقلىنىش ، زىيادەخوش بولۇش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار ئۆپكىنىڭ قۇۋۋىتى جازىبەسى بىلەن دافىئەسنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، نورمال خىزمىتىگە بەزى ئەكىس تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ .
ئۆپكىنى ئاسراش تەدبىرلىرى
ئۆپكىنى ئاسراشتا يۇقىرىقى زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىم .
1.ئۆپكىگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قىش كۈنلىرى قېلىنراق كېيىنىش ، نەشە ،تاماكا ، ئەپيۇن قاتارلىقلانى چېكىشىتىن ساقلىنىش ، چۈنكى بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى ئاسانلا بۇزۇپ قويىدۇ .
2. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھاۋاسى ساپ ئورۇنغا بېرىپ بەدەننى چېنىقتۇرۇپ بېرىش ، بۇنداق قىلغاندا ئۆپكىدىكى كېچىچە تۇرۇپ قالغان بۇزۇق ماددىلارنى تازىلىغىلى بولىدۇ .
3.ئارىلاپ-ئارىلاپ بادام ياكى ئۆرۈك مېغىزى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازىلاپ ياشارتىدۇ .
4.مۇۋاپىق مىقتاردا ئۈجمە ، گىلاس ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە بەلغەمنى چىقىرىپ ، ئۆپكىنى تازىلايدۇ .
5.ئارىلاپ چامغۇر شورپىسى ، توخو شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە ئۆپكىنى تزىلايدۇ ۋە ياشارتىدۇ .
6.مۇۋاپىق مىقتاردا شىكەر قومۇشى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ .
7.ھايۋانات ئۆپكىسىنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ . نورمال بولغان ياخشى كۈلكە ئۆپكىنىڭ نەپەس ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، روھنى ئۇرۇغۇتىدۇ . نەپەس يوللىرىنى تازىلاپ ، بەدەندىكى زەھەرلىك گازلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ .
8.ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئەنجۈر مۇرابباسى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكە ياشىرىدۇ .
9.مۇۋاپىق مىقتاردىكى رۇببىسۇسىنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ، ئازراق شېكەر قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى تازىلايدۇ .
10.گۈل بىنەبشە ، زۇپا، سەرپىستان ھەربىرى 10گىرامدىن ، پىرسىياۋشان 15گىرام ، گاۋزىبان 5گرام ، بۇلاردا چايلىق قىلىپ مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچىپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازىلايدۇ.
11.چايغا مۇۋاپىق مىقتاردا تەرەنجىبىن (يانتاق شىكىرى) سېلىپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى تازىلايدۇ ، ياشارتىدۇ .
12.مۇۋاپىق مىقتاردا زەنجىۋىل مۇرابباسى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازىلايدۇ ھەم ياشارتىدۇ .
13.كۈندىلىك تاماقتا چامغۇر توغراپ ئاش ئېتىپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى ئاسرايدۇ .
14.كۈندە ئەتىگەن سۈت ئىستىمال قىلسا ئۆپكىنى ياشارتىدۇ .
پىششىق دورىلاردىن لوئوقى سەرپىستان ، لوئوقى بادام ئۆپكىنى ئاسرايدۇ .
|