ئىخچام تېما:بۆرەك ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاسراش ئۇسۇلى

بۆرەك ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاسراش ئۇسۇلى

ئاپتور:نامەلۇم      ۋاقىت:2008-02-08 16:05:11   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  بۆرەك

بۆرەك ۋە ئۇنى ئاسراش بۆرەكنىڭ شەكلى پۇرچاققا ئوخشايدۇ ، ئۇ قورساق ئارقا دىۋارىدىكى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ ، بىر جۈپ بولىدۇ ، بۆرەكنىڭ يۇقىرىقى ئۇچى 11-كۆرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئۇدۇلىغا ، تۆۋەندىكى ئۇچى 3 - بەل ئومۇرتقسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ . ھەر بىر بۆرەكنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 150~120گرام ئەتراپدا ، قېلىنلىقى 3~4 سانتىمىتىر ، ئۇزۇنلىقى 10~12 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 5.5سانتىمىتىر بولىدۇ . بىراق بۇلار ئادەمنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ، جىنسي ،يېشى ، ئورۇق -سىمىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ . بۆرەكنىڭ ئىچكى قىرىنىڭ مەركىزىي قىسمى ئىچىگە پاتقان بولۇپ ، بۇ بۆرەكنىڭ دەرۋازىسى دېيىلىدۇ . بۇ ئورۇن قان تومۇر ، لىمفا تومۇرى ، نېرۋا ۋە سۈيدۈك توشۇش نەيچىلىرىنىڭ بۆرەككە كىرىپ چىقىدىغان ئورنىدۇر.

                      بۆرەكنىڭ ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ، خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ھۆل سوغۇققا ئايلىنىپ كەتكەن . بۆرەك ئۆزىدىكى قۇۋۋىتى جازىبە ، قۇۋۋىتى دافىئە ئارقىلىق قان تەركىبىدىكى بەدەنگە لازىملىق بولغان ماددىلارنىڭ بەدەن سېرتىغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . بەدەنگە كېرەكسىز زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق سۈيدۈك ھاسىل قىلىدۇ . بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىتىدىكى سۇ ۋە تۇزلارنىڭ ئالمىشىشىنى ۋە كىسلاتا ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەيدۇ . بەدەن سۇيۇقلۇقىنى مۆتىدىللەشتۈرىدۇ . قاندىكى تەركىبلەرنىڭ نىسبىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ .

                       بۆرەككە زىيانلىق بولغان ئامىللار

                       1.زىيادە ئىسسىق ياكى سوغۇق ئامىللار بۆرەككە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ ، بەل ساھەسىگە زىيادە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى دائىم ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بۇ ئىسسىقلىق بۆرەكنىڭ ئەسلى سوغۇق مىزاجىنى بۇزۇپ ، بۆرەككە زىيادە قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ ، بكرەكنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ، بۆرەكنىڭ نورمال سۈزۈش ئىتقىدارىنى بۇزۇپ قويىدۇ . شۇنداقلا شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئىسسىقلىقتىن بولغان بۆرەك ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       2.بەل ساھەسىگە دائىم سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى ئۇزۇن مەزگىل سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بۇ سوغۇقلۇقلار ئەسلى مىزائى ھۆل سوغۇق بولغان بۆرەككە ئاسانلا تەسىر قىلىپ ، بۆرەكنى تېخىمۇ سوۋۇتۇپ ، سوغۇقتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ ، چىقىرىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىۋېتىپ ، مۇناسىپ ھالدا سوغۇقتىن بولغان بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       3.قالايمىقان جىنسىي قىلمىشلار ، مەسىلەن : كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ، كۆپ ئېھتىلام قىلىش ، جەلەق ، شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار قۇۋۋىتى شەھۋانىينى ئاشۇرۋېتىپ ، بۆرەكنىڭ دائىملىق كۈچىنى ئىشلشىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئاسانلا بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ .

                       4. سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىگەندە بۇ خىل دورىلار بۆرەكنىڭ نورمال چىقىرىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ، بۆرەكنىڭ يېغىنى ئېرىتىۋېتىپ ، ئاسانلا بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       5. باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى ، كۆڭۈل ئاچقۇچى ۋە ھەرخىل ھورمۇنلۇق ، خېمىيىۋېىلىك دورىلارنى كۆپ ۋە قالايمىقان ئىشلەتكەندە بۆرەكنى ۋاقىتلىق قۇۋۋەتلىكگەندەك بىلىنسىمۇ ، ئەمما بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ ، ئاخىرىدا مۇشۇ خىل دورىلارغا كۆنۈپ قېلىش ياكى ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       6.سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋەئۇزۇن مەززگىل ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلانغاندا بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ .

                       7. كىچىك تەرەتنى ۋاقتىدا چىقارماي ، قىستاپ يۈرۈۋەرگەندە ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىتونلۇق ماددىلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ ، كىتوندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۆرەككە بېسىپ كەلتۈرۈپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ . يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق ، دەم ئالماسلىق ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ ، ئاخرى بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       8. ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش،  بىئارام بولۇش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ ، روھىي ھايۋانىغا تەسر كۆرسىتىپ ، بۆرەكنىڭ روھىي ھايۋانىي بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بۆرەكنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       9.ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چىكىپ ۋە ھاراق ئىچكەندە ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ئىسپىرىت بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتنى بۇزۇپ ، بۆرەك ئاجىزلقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                       10. زىيادە تۇز تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش بۆرەككە زىيانلىق .

                       بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

                       يۇقىرىدكى بۆرەككە زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن برىگە تۆۋەندىكى ئاسراش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك:

                       1.ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كېيىنىش ، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئامال بار پوتا باغلىۋېلىش .

                       2.ھايۋانات بۆرىكىنى ئىشتىمال قىلىش

                       3.زەيتۇن يېنى ، قوينىڭكونا دۈمبە يېنى ، بۆرەك يېغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بېرىش .

                       4.زىيادە چارچاپ كەتكەندە تۈز يەردە بىردەم يېتىپ بېرىش ، پات-پات بەل ساھەسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش.

                       5.ئارىلاپ - ئارىلاپ تۇخۇم ئارقىلىق بۆرەككە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تۇخۇم ئىستىمال قىلىش.

                       6.سەۋزە ، چامغۇر ، ئەنجۈر ، خورما ، بانان قاتارلىق مېۋە - چېۋە ، كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش ، ئارىلاپ چامغۇر ، سەۋزە سېلىنغان شورپا ئىچىش .

                       7.ئەنجۈر مۇرابباسى . ياڭاق مۇرابباسى ، زەنجىۋىل مۇرابباسى ، ئۈزۈم شىرنىس، خورما ، لوبو كەبىر ۋە ماددەتۇل ھايات قاتارلىقلار بۆرەكنى ئاسرايدۇ .

                       8.ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقتاردا چېنىقىپ قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەرگەندە بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ .

                       9.ياڭاق ، بادام ، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ ، سوقۇپ ، ئېلىشتۇرۇپ سوقماق قىلىپ ئىستىمال قىلىش بۆرەكنى ئاسرايدۇ .

                       10.كەكلىك ، بۆدۈنە ، باچكا ، قۇشقاچ ، ئۇلار قاتارلىق قۇشلارنىڭ گۆشىنى يەپ بارسە بۆرەككە پايدىلىق .

                       11.كۈندە ئەتىگەندە 1 قوشۇق ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستىمال ئىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى ئاسرايدۇ .

                       12.ياڭاق ، بادام ، پىندۇق ، پىستە قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنىڭ مېغىزىنى سوقۇپ ، ناستىدا چاي سۈتلەپ ئىچكەندە بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ.

                       13.مۇۋاپىق مىقتاردا ياڭاق ماتىڭى ئىستىمال قىلىش بۆرەككە پايدىلىق .

                       14.ھايۋانلارنىڭ بۆرىكىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلسا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

 

 

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى