|
قاندىن بولغان قارا بېسىش
ئەگەر قان خىلىتى غالىپ بولغان بولسا ، چىرايى ، تىلى ، كۆزلىرىدە قىزىللىق بولىدۇ . بىمار قىزىل رەڭلىك نەرسىلەرنى خىيال قىلىدۇ . قان خلىتىغا خاس ئالامەتلەر بولىدۇ .
بىمار پەرىشانلىق ئىلكىدە ئۇخلايدۇ . بەزىدە بىرەر نەرسە ئۇنى بېسىۋالغاندەك ياكى كۆكرىكىنى سىققاندەك بولىدۇ . بۇ ۋاقتتا ئۇنىڭ نەپىسى سىقىلىپ توختاپ قالىدۇ ، سۆزلىيەلمەيدۇ ، ھەرىكەتمۇ قىلالمايدۇ .
&داۋالاش : 15 دانە ئەينۇلىنى سۇغا چىلاپ ، شىرىسىنى ئېلىپ ، 24 گرام ئانار شەربىتى قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ .
63گرام تەمرى ھىندىنىڭ شىرىسىنى ، 180 گرام ئەرقى گاۋزىباندا چىقىرىپ ، 24 گرام لىمون شەربىتى قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ .
6 گرام شاھتەرە ياكى 4گرام بەدىياننى سۇدا قاينىتىپ ، 24 گرام سىركەنجىۋىل ساددە ياكى ھەسەل سۈيى قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ .
بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان قارا بېسىش
قارا بېسىش بىلەن بىرگە بەلغەم ۋە سەۋدانىڭ خاس ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
&داۋالاش : 6 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقى ياكى 6گرام سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ، 24 گرام ھەسەل قوشۇپ ، تۇز سېپىپ ئىچكۈزۈپ قەي قىلدۇرلىدۇ .
12گرام بادرەنقى بۇيا بىلەن 12گرام ئۇستقۇددۇسنى سۇدا قاينىتىپ ، 24 گرام ئاق ناۋات قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ . شۇنىڭدەك بىر گرام قۇندۇز قەھرىنى 12 گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يالاتقۇزلىدۇ .
|