ئىخچام تېما:ئاۋاز پۈتۈشنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

ئاۋاز پۈتۈشنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

ئاپتور:داۋا…      ۋاقىت:2008-03-09 15:17:16   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئاۋاز پۈتۈش

ئاۋاز پۇتۇش-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىزاج بوزۇلۇش،زۇكام نەزلىسى ساقىيىش،گالنىڭ قورغاقلىقى ئېشىپ كېتىش،سىرىتتىن سوغۇق ۋە زىيادە غىدىقلىغۇچى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا گال ئىچى قىزىپ قېچىشش ۋە قۇرۇش،بەزىدە گال قوشۇلۇپ ئاغرىش،سۆزلىگەندە ئاۋاز تۇلۇق چىقماي خىقىراپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

تۇنۇش:

             ئاۋاز پۇتۇش-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىزاج بوزۇلۇش،زۇكام نەزلىسى ساقىيىش،گالنىڭ قورغاقلىقى ئېشىپ كېتىش،سىرىتتىن سوغۇق ۋە زىيادە غىدىقلىغۇچى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا گال ئىچى قىزىپ قېچىشش ۋە قۇرۇش،بەزىدە گال قوشۇلۇپ ئاغرىش،سۆزلىگەندە ئاۋاز تۇلۇق چىقماي خىقىراپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.


سەۋەبى:

             ھۆللۇك،سوغۇقلۇق ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن يۇتقۇنچاقنىڭ ياللۇغلىنىشى، يوقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدا پەرھىزگە دىققەت قىلماي ياغلىق تاماقلارنى يېيىش،قاتتىق ئەمگەك قىلىش ياكى تەنھەركەت قىلىپ تۇرۇپ قىزىغان ۋاقىتتا مۇزدەك سۇ ئېچىپ يۇتقۇنچاققا سوغۇق ئۆتۇپ قېلىش،ئاۋاز پەردىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئېسىلىشى يۇقۇرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش،قاتتىق ۋاقىراپ يىغلاش،قاتتىق كۇچەپ نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بوس چاڭ-تۇزان،ئىس-تۇتەك،غىدىقلىغۇچى گاز ھەددىدىن ئارتۇق چىكىلگەن تاماك تەسىرىدىنمۇ ئاۋاز بوغۇلۇپ قالىدۇ.

ئالامىتى :

             باشلىنىش ۋاقتىدا گال ئىچى قىزىرىپ قىچىشىدۇ ۋە قورۇيدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاۋاز بوغۇلۇپ بەزى چاغلاردا پۇتۇنلەي ئۇن چىقماي قالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا گال ئاغرىشمۇ قوشۇلۇپ قالىدۇ، يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىلىرىنىڭ غىدىقلىشى باشلانغان چاغدا كېسەل كېشىنىڭ گېلى قىمىلداپ خۇددى قوي يۆتەلگەندەك يۆتىلىدۇ. خەپرۇك ئاز چىقىدۇ، ئاۋاز  بوغۇلىدۇ، قىزىتما يۇز بېرىدۇ، گەپ سۆز كۇسۇلداپ چىقىدۇ،ئۇخلىغاندا غىقىراپ ئۇغلايدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى

             كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپىنى يۇقىتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش،ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

يەككە دوا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:

كۆكنار،چىلان،قارا سۇنا ئۇرىغى ،سېمىز ئوت،قىزىل پۇرچاق مۇۋاپىق مىقداردا، نىشاستە سەمىغى ئەرەبى ئاز مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:كۆكنار ،چىلان،قارا سۇنا ئۇرىغى،سېمىز ئوت،قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلارنى قاينىتىپ سۇيىگە نىشاستە بىلەن سەمىغى ئەرەبىنى سوقۇپ دورا سۇيىگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

2-رىتسىپ:

زىغىر ئۇرۇغى 20گىرام،يەرلىك شوخلا 10گىرام،كۆكنار شاكىلى 5گىرام،سەمىغى ئەرەبى ئاز مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى 300مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ تېرىپلىرىنى سۇزۇپ سۇزۇۋىلىنغان سۇيىگە سەمىغى ئەرەبىنى سوقۇپ دورا سۇيىگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى؛ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋپاىق مىقداردا ئېلىپ ئېغىز ئىچىدە ئۇزاق تۇرغۇزۇپ ئاز-ئازدىن يۇتلىدۇ.

3-رىتسىپ:

ئاقلانغان ئارپا،چىلان،ئاق لەيلى ئۇرۇغى،سەرپىستان،ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتپ سۇيىگە ناۋاتنى سېلىپ ئېرىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

4-رىتسىپ:

شاتۇت شېخىدىن 12گىرام،چىلان 5دانە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ھەر كۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېغىز چايقىلىدۇ.

5-رىتسىپ:

يەرلىك شوخلا 20گىرام،غارىقۇن 15گىرام،كاكىنەج 12گىرام،كونا سىركە 200مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى:يەرلىك شوخلا،غارىقۇن،كاكىنەج قاتارلىقلارنى 500مىللىلىتىر قايناق سۇغا چىلاپ تەمى چىققاندىن كېيىن سۇزۇۋىتىپ ئۇستىگە سىركە قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ غەر-غەر قىلىنىدۇ.

6-رىتسىپ:

ئۆچكە سۇتى،زەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئۆچكە سۇتىگە زەنجىۋىلنى ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

7-رىتسىپ:

بادىيان،رۇم بەدىيان،چىغىرتماق ئۇرىغى،ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ تىرىپىنى سۇزۇۋىتىپ ھەسەلنى قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ھوللۇك ئارتىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولغان ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ گال چايقىلىدۇ.

8-رىتسىپ:

قاپاق ئۇرىغى مېغىزى،تەرخەمەك ئۇرىغى مېغىزى،سېمىز ئوت ئۇرىغى،ئاقلەيلى ئۇرىغى،بىنەپشە شەربىتى قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ بىنەپشە شەربىتى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاۋاز پۇتۇشكە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 60مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:خەشخەش شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)

2-رىتسىپ:چىلان شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)

3-رىتسىپ:لوئوقى تىيىن بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:قۇرۇق ئەنجۇر،قۇرۇق يالپۇز،سەمىغى ئەرەبى تەڭ مىقداردا.
تەييارلىنىشى:يۇقارقى دورىلارن ئۆلچەم بويىچە ئېلپ قائىدە بويىچە يالانچۇق قىلىنىدۇ.
تەسىرى:ئاۋازنى ئاچىدۇ.
ئىشلىتىشى:ئاۋاز پۇتۇپ قالغان كېسەللىكلەرگە بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە بىر قېتىم 8گىرامنى 100مىللىلىتىر ئەرقى گاۋزىبان بىلەن ئىچىلىدۇ.

4-رىتسىپ:قىچا كۇمۇلىچى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى؛قۇرۇلغان قىچا،مۇرمەككى،پىلپىل،قۇننە تەڭ مىقداردا.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ھەسەلدە يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:ئاۋاز ئاچىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:ئاۋاز پۇتۇشكە بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تىل ئاستىغا سېلىپ شۇمۇرلىدۇ.

5-رىتسىپ:لوئوقى بادام بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(سوغۇقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)

6-رىتسىپ:شەربىتى دىياقوزا بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:تىلمىغان كۆكنار،(ئۇرىغى بىلەن )30دانە، گۇلبىنەپشە،نېلۇپەر،گاۋزىبان 10گىرامدىن ئاقلانغان بىخسۇس 15گىرام،چىلان سەرپىستان 10دانىدىن.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى چالا سوقۇپ قايناقسۇغا بىر كىچە چىلاپ قاينىتىپ سۇزۇپ ئۇچ ھەسسە ناۋات بىلەن قىيام قىلىنىدۇ.
تەسىرى:باش ساھەسىدىن باشقا ئەزالارغا سۇتۇكلۇشنى توسۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئۆپكە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 5-10گىرامغىچە ئىچىدۇ.

7-رىتسىپ:بىنەپشە شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بىنەپشە 100گىرام،نېلۇپەر ،قىزىلگۇل،كاسىنە ئۇرىغى،شاھتەررە، ئەنگورشىپا، ھەمشىباھار 25گىرامدىن،گاۋزىبان چىلان،سەرپىستان،بىيە ئۇرىغى، قارا سۇنا ئۇرىغى،قاپاق ئۇرىغى مېغىزى 10گىرامدىن تەرەنجىۋىل گۇلقەنىت 120گىرامدىن.
تەييارلىنىشى:گۇلقەنىت بىلەن تەرەنجىۋىلنى ئايرىم قاچىغا قالغان دورىلارنى بىرلەشتۇرۇپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ سۇغا چىلاپ قويىلىدۇ. 2سائەتتىن كېيىن ئۇستىگە ئالتە چىنە سۇ قويۇپ يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ بىنەپشىنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ ئېلىپ سۇزۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:قىزىتما پەسەيتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش ،تەرەتنى يوققىتىش سۇيدۇك ھەيدەش.
ئىشلىتىلىشى:زۇكام،كاناي ياللۇغى،ئىچكى-تاشقى ياللۇغلىنىشتىن بولغان قىزىتمىنى قايتۇرۇش ئاغرىق پەسەيتىش،سۇيدۇك ھەيدەش ۋە مىجەزنى نورماللاشتۇرۇش ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 50-100مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

8-رىتسىپ:ھەببى بەھتە سەۋەت بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:كەتىرا،نىشاستە،سەمىغى ئەرەبى،روببۇس قاپاق ئۇرۇغى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرىغى مېغىزى باراۋەر مىقداردا.
تەييارلىنىشى:تەرخەمەك ئۇرىغى مېغىزىنىڭ شىرىسى بىلەن 0.3گىرامدىن ھەب قىلىنىدۇ.
تەسىرى:ئاۋاز ئېچىش بەلغەم چىقىرىش ئۇنۇمىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئۇنى پۇتۇپ قالغانلارغا زىققە نەپەس كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:5ياشقىچە بالىلارغا1 -2دانە، 5-10ياشقىچە بالىلارغا 3-5دانە،چوڭلارغا 5-7دانە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بېرىلىدۇ.

9-رىتسىپ:ھەببى بابۇنە بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بۇۋانە يۇپۇرمىقى ،ھەلىلە،غاز تاپان ھەربىرى 250گىرام،ئوردان،ئاچچىق قۇستە ھەر بىرى 100گىرامدىن،ئىپار 1.5گىرامدىن ئاق تاش كەپرەس ھەر بىرى 50گىرامدىن.
تەييارلىنىشى:قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ سۇ بىلەن نەملەپ ھەب تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:ياللۇغ قايتۇرۇش،قان تازىلاش ،ئاغرىق پەسەيتىش،.
ئىشلىتىلىشى:قىزىل،مېڭە پەردە ياللۇغى ،كاناي ئاغرىش،بوغما كۆز سارغىيىش،ئاۋاز پۇتۇش،ۋابا قاتارلىقلارغا بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى مىقدارى:كۇندە 1-2قېتىم ھەر قېتىمدا 9-13دانە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:ھامىلدار ئاياللارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

            ئاچچىق-چۇچۇك يېمەكلىكلەر ۋە ئۆتكۇر قىزىق ياكى سوغۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش، ھاراق ئىچىش،تاماكا چىكىش،ئۇنلۇك ئاۋازدا توۋلاش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى سۇيۇق سەلەڭ غىدىقلاش تەسىرى بولمىغان يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ.

 

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«داۋايى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى