|
يۇيۇلغان بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان نان
تەبىئىتى:ئىسسىق ۋە سوغۇق خۇسۇسىيىتى:ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى كۆپ بولۇپ ، قان كۆپەيتىدۇ زىيىنى:بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:سىر كەنجىۋىل بوزۇرى قوشۇپ يېيىلىدۇ
پېتىر نان
تەبىئىتى:ھۆل ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ زىيىنى:ئاشقازاندا يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:زەپەر يېيىلىدۇ
چالا پىشقان نان
تەبىئىتى:ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:يەل پەيدا قىلىدۇ زىيىنى:ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:گۈلقەنت قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ
گۈرۈچتىن قىلىنغان نان
تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق خۇسۇسىيىتى:ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش زىيىنى:ئۈچەيگە ۋە جىگەرگە زىيان قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:سۈت ياكى ياغ بىلەن يېيىلىدۇ
ئارپا نان
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق خۇسۇسىيىتى:سەمرىتىدۇ زىيىنى:ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ ، يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:ھالۋا بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ
نوقۇت ئۇنى نېنى
تەبىئىتى:ھۆل ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:سەمرىتىدۇ ، قۇۋۋەت پەيدا قىلىدۇ زىيىنى:جىگەر ، ئاشقازان ، بۆرەككە زىيان قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:سېرىقماي بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ
باقىلە ئۇنى نېنى
تەبىئىتى:ھۆل ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:كۆكرەك ئاغرىقى ۋە زۇكامغا پايدا قىلىدۇ زىيىنى:باش ئاغرىقى ۋە يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:سوغۇق مىزاج كىشى زىرە ، ئىسسىق مىزاج كىشى سىركە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ
تېرىق ئۇنى نېنى
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:ئىچىنى سۈرىدۇ ، ئىششىق قايتۇرىدۇ زىيىنى:يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:ماي قوشۇپ يېيىلىدۇ
كۆمەچ نان
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ زىيىنى:تەستە ھەزىم بولىدۇ تۈزەتكۈچىسى:دۈمبە ياغ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ
بولكا
تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق خۇسۇسىيىتى:بوۋاسېر ۋە ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلايدۇ زىيىنى:ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:شىرنە ۋە ياغ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ
يېسسىمۇق نېنى
تەبىئىتى:مۆتىدىل خۇسۇسىيىتى:قان بېسىمى ۋە ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلايدۇ زىيىنى:مالىخۇلىيا ۋە سەۋدايىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ تۈزەتكۈچىسى:قەلەمپۇر ئىستېمال قىلىنىدۇ
ماش نان
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق خۇسۇسىيىتى:قىزىتما قايتۇرىدۇ زىيىنى:يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:زەپەر بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ
لوبىيا نان
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق خۇسۇسىيىتى:سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، ئىچىنى يۇمشىتىدۇ زىيىنى:ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ ، يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:سىركە بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ
|