|
كۆل سۈيى
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق خۇسۇسىيىتى:جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ زىيىنى:ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:سىركەنجىۋىل بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ
بۇلاق سۈيى
تەبىئىتى:سوغۇق خۇسۇسىيىتى:جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش . يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ زىيىنى:پەينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ تۈزەتكۈچىسى:ھاممام،قىزىلگۈل شەربىتى بىلەن ياخشىلىنىدۇ
يامغۇر ۋە قار سۈيى
تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق خۇسۇسىيىتى:جىگەر خىزمىتىنى ئومۇمىي بەدەننى ياخشىلايدۇ زىيىنى:بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ۋە ئىچىنى سۈرىدۇ تۈزەتكۈچىسى:ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ .
كارىز سۈيى
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق خۇسۇسىيىتى:قۇلۇنجى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ زىيىنى:تەستە ھەزىم قىلىنىدۇ تۈزەتكۈچىسى:قاينىتىپ ، سوۋۇتۇپ ئاندىن ئىچىلىدۇ
قۇدۇق سۈيى
تەبىئىتى:سوغۇق خۇسۇسىيىتى:قۇلۇنجى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ زىيىنى:تەستە ھەزىم بولىدۇ ، يەل پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:قاينىتىپ ، سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئىچىلىدۇ.
قايناق سۇ
تەبىئىتى:ھۆل ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:ئىچىنى يۇمشىتىدۇ ، كۆكرەكنى بوشىتىدۇ زىيىنى:ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ. تۈزەتكۈچىسى:قارا چاي
شور سۇ
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:ئاشقازاندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ زىيىنى:بەدەننى قىچىشتۇرىدۇ تۈزەتكۈچىسى:مايلىق ، تاتلىق تائاملار بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
نېفىت كانىدا بولىدىغان سۇ
تەبىئىتى:ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:بەل ۋە بوغۇم ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. زىيىنى:كۆز نۇرىنى يوقىتىدۇ ، باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ تۈزەتكۈچىسى:ئالما شەربىتى بىلەن ئىچىلىدۇ
تىللا ۋە كۆمۈش كانىدا بولىدىغان سۇ
تەبىئىتى:مۆتىدىل خۇسۇسىيىتى:سەۋدادىن بولغان كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ زىيىنى:قاننى كېمەيتىدۇ تۈزەتكۈچىسى:تۇخۇم ، گۈرۈچ ۋە سۈت بىلەن بىرگە يېيىلىدۇ
تۆمۈر كانىدا بولىدىغان سۇ
تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق خۇسۇسىيىتى:ھەزىمنى ياخشىلاش زىيىنى:قۇلۇنجى پەيدا قىلىدۇ ، سۈيدۈك كۆپەيتىدۇ تۈزەتكۈچىسى:مايلىق ۋە تاتلىق تائاملار بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنىدۇ
لاي سۇ
تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق خۇسۇسىيىتى:پايدىسى يوق زىيىنى:قاننى ئازايتىدۇ تۈزەتكۈچىسى:قىزىلگۈل شەربىتى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنىدۇ
ئاچچىق سۇ
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق خۇسۇسىيىتى:ئىچىنى يۇمشىتىدۇ ، نەپەس يولىنى راۋان قىلىدۇ زىيىنى:بەدەننى سۇسلاشتۇرىدۇ ، قاننى بۇزىدۇ تۈزەتكۈچىسى:چىلان ، جىگدە بىرگە ئىستېمال قىلىنىدۇ
سېسىق سۇ
تەبىئىتى:سوغۇق خۇسۇسىيىتى:پايدىسى يوق زىيىنى:باشنى قايدۇرىدۇ تۈزەتكۈچىسى:قاينىتىپ ، سوۋۇتۇپ ئىچىش
تۇرۇق قالغان سۇ
تەبىئىتى:سوغۇق خۇسۇسىيىتى:پايدىسى يوق زىيىنى:باشنى قايدۇرىدۇ تۈزەتكۈچىسى:قاينىتىپ ، سوۋۇتۇپ ئىچىلىدۇ
|