|
ئۇيغۇر تېۋىپلىنىڭ بەش ئەزا كېسەللىىكلىرىگە بولغان تەتقىقاتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىققا ئىگە .پەقەت دەسلەپكى قەدەمدە ئگىلىگەن ھۈججەتلىك تارىخى ماتېرىياللانى نەزەردە تۇتۇپ يىراق ئۆتمۈشتىن ئېغىز ئاچساق ، تۇرپاندىن تېپىلغان ،بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان ئارخېئولوگىيىلىك تارىخى يازما ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇيغير تېۋىپلىرى ھەرقايسى كېسەللىكلەر ئىلمىنى 12 چوڭ تۈرگە ئەيرىپ كۆز كىسەللىكلىرى ،قۇلاق، بۇرۇن، چىش كىسەللىكلىرى ۋە بوغۇز كىسەللىكلىرىنى شۇ تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن .
تۇرپاندىكى قەدىمې قەبرىستانلىقلاردىن ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ 600-يىللاردىن بۇرۇنلا قۇم-بورانلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن مىستىن ياسالغان تور كۆزەينەك قېزىۋېلىنغان .9-ئەسىردىىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى فارابىنىڭ ناھايىتى ئىلمى كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تىببىې ئەسەرلىرى ئىچىدە بەش ئەزاغا ئائىت <<ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھەققىدە >> دېگەن ئەسىرىمۇ بار ئىدى. 10-ئەسىردىكى داڭلىق ئۇيغۇر تىببى ئالىمى ئىمادۇددىن قەشقەرىنىڭ شاگىرىتى ، ئەللامە دەپ ئاتالغان مۇھەممەد بىننى رەشىد بىننى ئەلى قەشقەرى ئۆزىنىڭ يەنى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىببى ئىلىمدە قازانغان ماھارىتىنى ......كۆز ئاجىزلىشىش (زەئفۇلبەسەرى) نى ئارپا بادىيان ،رۇمبادىيان ،قاراسەي ئۇرۇقلىرى بىلەن داۋالاش ساقايتىدىغان خاسىيەتلىرىنى ئەسىردىشى ئىرانلىق تىببىې ئالىم مۇھەممەد ئىبنى زىكىرىياغا تۇنۇشتۇرغان . ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشەرى 11-ئەسىردە يازغان ئالەمشۇمۇل پارلاق ئەسىرى <<تۈركى تىللار دىۋانى >> دا بەش ئەزا كىسەللىكلىرىگە ئائىت نۇرغۇن ئاتالغۇلار ۋە دورىلارنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان ، مەسىلەن :1-تومىدا ، ئەنۈچ --كۆزگە ۇسمە گۆش پەردە، قامچىغۇ --كالپۇكقا ،...چىققان قاپارتقۇ ...،ساغىنەغۇ --قۇرۇق قاپاق، ئۈز--پاڭ، گاس قاتاتلىق كىسەل ناملىرى ؛ ئاۋىلقۇ--قىزىل مىۋە بېرىدىغان بىر خىل دەرەخ،...پوستى بىلەن كۆز ئاغرىقى داۋالىنىدۇ ،...، چاخشۇ--كۆز ئاغرىقىغا داۋا بولىدىغان بىر خىل ئوت، قاتارلىق دورا ناملىرى يېزىلغان .
دەرۋەقە ، خەلىقئارادا ئۆزىنىڭ شۆكرىتى بىلەن نۇر چېچىپ تۇرغان <<تۈركى تىللار دىۋانى >>يالغۇز تىل ئلمى ھەققىدىكى لۇغەت بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىخ ،جۇغراپىيە ، پەلسەپە ،ئاسترۇنۇمىيە، يېزا ئىگىلىك ، تىبابەتچىلىك ئىلمى ساھەلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلار توپلانغان قامۇس خارەكتىرلىك بۈيۈك ئەسەردۇر . يېقىنقى زامانغا نەزەر سالساق ، يەكەنلىك مەشھۇر كۆز كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى سۈپۈرگە ھاجى بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا داڭ چىقارغان ئجتىھاتلىق تېۋىپ ئىدى...
يۇقارقىلار ئۇيغۇر تىبابىتى بەش ئەزا كىسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس ساقلىق-سىناقلاش تەدبىرلىرى،ئۇزىگە خاس كېسەللىك ناملېرى ۋە دورا ناملىرى بۇلۇپلا قالماي ، بەلكى ئۇنىڭ بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ سېستىملاشقانلىقى ،خىلى يۇقيرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھۈججەرلىك ۋە ناھايىتى جانلىق ھالدا نامايەن قىلىپ بېرىدۇ .
ئۇيغۇر تىبابىتى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى--كۆز، قۇلاق ، بۇرۇن ، ئېغىز (كالپۇك،تىل، چىش )،گال قاتارلىق ئەزالارنىڭ نورمال خىزمىتى ۋە نورمالسىز ھالەتلىرى ھەمدە ئۇلاردا كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن .ئۇ بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى كۆز كىسەللىكلىرى (قاپاق ، كىرپىك كېسەللىكلىرىنىمۇ ئۇز ئىچىگە ئەلىدۇ)، قۇلاق كېسەللىكلىرى ، بۇرۇن كېسەللىكلىرى ، ئېغىز كېسەللىكلىرى (كالپۇك ،تىل ، چىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، گال كېسەللىكلىرىگە ئايرىيدۇ . بەش ئەزانىڭ تۈزۈلىشى ھەققىدە ئۇيغۇر تىۋىپلىرى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا خىلى چوڭقۇر تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئاناتومىيىسىنى ئايرىم-ئايرىم تۇنۇشتۇرىدۇ .بولۇپمۇ كۆزنىڭ قوشۇمچە ئەزالېرى ،پەردىلىرى ۋە سۇيۇقلۇقلىرى ھەققىدە ھازىرقى زامان مىدىتسىنىسىدىن قىلىشمايدىغان خىلى تەپسىلى تەرىپلىرى بار .ھەمدە شۇ ئاساستا كۆز كېسەلىكلىرىنى قاپاق، كىرپىك كېسەللىكلىرى ، كۆز ئېقى كېسەللىكلىرى ،كۆز قارىسى كېسەللىكلىرى ، كۆز قارچۇقى كېسەللىكلىرىگە بۆلۇپ ؛ ئېغىز كېسەللىكلىرىنى كالپۇك لېسەللىكلىرى ،چىش كېسەللىكلىرى ،تىل كېسەللىكلىرى ،گال كېسەللىكلىرى ،ۋە ھەتتا كىچىك تىل كېسەللىكلىرىگىچە ئايرىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇلانى داۋالاشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرىنى سۇزلەيدۇ .
بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى تۇنۇش (تەشخىس قىلىش )جەھەتتە مىزاج،خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتى ئاساسىدا ،ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىك ۋە زىددىيىتى ئاساسىدىكى تونۇشلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنىڭ تاشقى ،ئىچكى ئامىل ۋە سەۋەبلېرىنى ئېنىقلايدۇ، ئالامەتلىتىنى ئىلغايدۇ . يەرلىك ئورۇندىكى ئالاماتلەرگە ئېتىبار بېرىپلا قالماي ،بەلكى ئۇمۇمى بەدەندىكى ئالىمەتلەرنىمۇ بىرلەشتۈرۇپ، ھەرخىل ۋاستىلىق ۋە ۋاستىسىز تەكشۈرۇشلەر ئارقىلىق ئۇلارنى تەشخىس قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ .تەكشۈرۈش ئۇسوللىرى جەھەتتە قاراپ تەكشۈرۈش ،تىڭشاپ تەكشۈرۈش ،سوراپ تەكشۈرۈشپۇراپ تەكشۈرۈش ، سىلاپ تەكشۈرۈش ، تۇمۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش ھەمدە ھەرخىل چىقىرىندىلار (چوڭ -كىچىك تەرەت ، قۇسۇق ، خەپرەك ، چاپاق ، قۇلاق ۋە بۇرۇندىن ئاققان سۇيۇقلۇق ، يىرىڭ قاتارلىقلار) نى تەكشۈرۈش بىلەن بىرىنچى قول ماتىرياللارغا ئېرىشىپ ،ئۇلارنى ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاساسى كېسەل ۋە قوشۇمچە كېسەللەرنى ئېنىقلاپ توغرا تەشخىس قويۇش ، توغرا داۋالاش پىرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇللېرىنى بېكىتىشكە ئاساس تۇرغۇزىدۇ .
داۋالاش جەھەتتە بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى يەنى مىزاج ۋە خىلىت ئۆزگىرىشلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىچكى جەھەتتىن داۋالاش بىلەن يەرلىك ئورۇننى كۆزدە تۇتۇپ تاشقى جەھەتتىن داۋالاش (جەرراھىييە يەنى ئوپېراتسىيە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىدۇ . ئىچكى جەھەتتە داۋالاشتا ئالدى بىلەن كىسەللىك ماددىسى (غالىب كەلگەن خىلىت ) نى مۇناسىپ مۇنزىج دورىلار بىلەن پۇشۇرۇپ ،مۇسھىل دورىلار بىلەن تازلايدۇ . ئاندىن كىيىن ئاساسىې داۋالىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. دورا تۈرلىرى جەھەتتە شەربەت ، مەتبۇخ ، مەجۇن ، لوئاب ، ئەرەق ، رۇببى ، مۇراببا ، ھەببى ، قۇرس، سۇفۇف قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ .تاشقى جەھەتتە داۋالاشتا يەرلىك ئورۇننى تازلاش ۋە تېڭىش ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ،(كىماد قىلىش )، دورا پۇرۇتۇش (شەمۇم قىلىش ) يەنى سۇيۇق دۇرىلارنى پۇرۇتۇش (لەخلەخە قىلىش )، تالقان دورىلىرنى بۇرۇنغا تارتىش (سەئۇت قىلىش )، ھۇرلاندۇرۇپ تەرلىتىش (ئىنكىباب قىلىش )، نەم دۇرىلارنى بەدەنگە قۇيۇش (تەمرىخ قىلىش ) ، ياغلارنى سۈركەش (تەدھىين ەىلىش )، پىلتە قىلىش ،دورا چېچىش (زىماد قىلىش )، دورا تېتىقىنى سۈرۈش ( تىلا قىلىش )،ئىسلاش ،( بەخۇر قىلىش )، ياغلاش ،بۇرۇن ۋە تىل ئاستىدىن سۇ ئاققۇزۇش ،دورا پۈركۈش ،( نەفۇخ قىلىش )، دورا تامغۇزۇش ( قەتر قىلىش )،غەر-غەرە قىلىش ، دورا سېپىش ،داغلاش ، لوڭقا قويۇش ،قان ئېلىش ۋە دەستىكارلىق ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ قوللىنىدۇ . دورا تۈرلېرى جەھەتتە تېمىتما ( قەتۇر )،ياغ ( رەۋغەن)، مەلھەم ( مەرھەم )،چېپىلما ( زىماد )،تالقان( سۇفۇف )لار يەنى كوھل ( كۆزگە ئشلىتىدىغان تالقان دورا )، سوتۇق ( چىشقا ئىشلىتىدىغان تالقان دورا )، زەرۈر ( جاراھەتلەرگە ئىشلىتىدىغان تالقان دورا )،نوفۇخ ( پۈركۈلىدىغان تالقان دورا )، لۇئاب ( شىرە )، شىياف ( شامچە )،تىلا ( دورا تېتىقى )، قاتارلىقلارنى ئشلىتىدۇ .
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئۇيغۇر تىۋىپلىرى قەدىمدىن تارتىپلا بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى دورىلار بىلەن داۋالاپ قالماي، بەلكى بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بىلگەن ، ھەتتا دەستىكارلىق ( يەنى ئوپىراتسىيە قىلىش )، ئۇسۇللىرى بىلەن داۋالاشتا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن . مەسىلەن، كۆزنى ئاسراش جەھەتتە تۇرپاننىڭ قەدىمكى زامانلىرىغا تە ئەللۇق بۇلغان قەبرىلەردىن قېزىۋىلىنغان مىستىن ياسالغان تور كۆزەينەك ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ كۆزنى ئاسراش ، كۆز كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللانغان ئىلمى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى جانلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
دەستىكارلىق جەھەتتە ئىبنىسسىنا تىببى تەلىماتلىرى شىنجاڭغا تارقىلىپ تېۋىپلىرىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە قۇبۇل قىلىنىشتىن جىلى ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ شڭنجاڭدىلا ئەمەس، ھەتتا ئىچكى ئۆلكىلەردىمۇ دەستىكارلىق جەھەتتە ئۇسۇللار بىلەن بەش ئەزا كىسەللىكلېرىنى بۇلۇپمۇ كۆز كىسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايقانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى خاتىرلەر بار . مەسىلەن ، ياپۇنىيىلىك ئالىم يازغان مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا ،بۇنىڭدىن 1300 يىل ئىلگىرى جۇڭگودىن ياپۇنىيىگە بېرىپ كۇڭزى تەلىماتلىرىنى تارقاتماقچى بولغان بىر مەشھۇر راھىپ دېڭىزدا بوران ،شىددەتلىك دولقۇن تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھەمدە كۆزىگە سۇ چۈشۈش ( نۇزۇلۇلمائ ) كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە ،يەرلىك مەشھۇر تېۋىپلار داۋالاشتا ئامالسىز قالغان كۆزگە سۇ چۈشۈش كىسىلىنى ياڭجۇ شەھىرىدە تېۋىپلىق قىلۋاتقان ئۇيغۇر تېۋىپى داۋالاپ ساقايتقان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ خىلى قەدىمكى دەۋىرلەردىمۇ بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى بولۇپمۇ كۆزدەك ئىنچىكە ئەزالارنىڭ نازۇك دەستىكارلىق ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ . بۇنىڭدىن ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى گۈللەنگەن شىنجاڭدا تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۆكۈما ۋە جەرراھلارنىڭ بارلىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.ھالبۇكى ، ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئىچىدە تاكى ھازىرغىچە مەزكۇر قەدىمكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆزگە سۇ چۈشۈش كىسىلىنى داۋالايدىغان تېۋىپلار بار.
ئۇيغۇر تىبابىتى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى ئۇيغۇر تىبابەرچىلىك ئىلمىگە ئوخشاشلا ھەر قايسى دەۋىرلەدىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە چەكلىشىگە ئۇچراش يوقىلىپ كىتىش گىردابىغا بىرىپ قالغان . لېكىن ، ئۇ بىر پەن بولغاچقا يوق بۇلۇپ كەتمىدى ، بەلكى تارىختا ۋە يېقىنقى زامانلاردا يىتىشىپ چىققان ھۆكۈمالار ۋە تېۋىپلار تەرىپىدىن داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتىرىلىپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنى تېخىمۇ بېيىتتى ،ھەر مىللەت خەلىقنىڭ ساقلىق-ساقلاش ئشلېرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئازاتلىقتىن كىيىن بۇلۇپمۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللى سىياسى ۋە جۇڭيى ،مىللى تىبابەتچىلىك سىياسىتى پارلاق نۇرى ئاستىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پارلاق مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا قۇتقۇزۇپ قىلىنىپ قېزىش ، رەتلەش ، جارى قىلدۇرۇش ،يۇقىرى كۆتىرىش ۋە زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ يۈكسىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى .رەسمىې نەشىردىن چىقىرىلغان <<قانۇنچە >>، <<ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى ساۋاتلېرى >>، <<ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك قوللانمىسى >>قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابىتى كىتابلىرىنىڭ بەش ئەزا كىسەللىكلىرى ھەققىدىكى قىسىملىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالى تېخنىكوم دەرىسلىكى <<ئۇيغۇر تىبابىتى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى >> ئۇيغۇر تىبابىتى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى مىراسلىرىنى قېزىش ، رەتلەش ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ، كېسەللەرنىڭ ئادىنى ئېلىش-داۋالاش ، تەتقىقات ۋە يۇقىرى كۆتىرىش ئىشلىرىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى.<<ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى >>ژورنىلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىمۇ مەخسۇس بەش ئەزا كېسەللىكلىرىگە ئائىت ئىلمىې ماقالىلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى .
بۇنىڭدىن كىيىن ،بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،كەڭ ئۇيغۇر تىبابىتى خادىملىرىنىڭ تىرىشىپ تەتقىق قىلىشى ئارقىسىدا يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىسى،تارىخى ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىق-ساقلاش داۋاملىق تېخىمۇ چۇڭ تۆھپىلەرنى قوشقۇسى.
|