|
خىلىت
بۇلار ؛ سەپرا ، قان ، بەلغەم ، سەۋدادىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تەركىۋىدە نۇرغۇن ماددىلار بار . خىلىتلار خۇددى تۆت چوڭ ماددىغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن پەرىقلىندۇ ، ئەمما بىر بىرىنى تەققەزا قىلىدۇ . بىرى بولمىسا يەنە بىرىمۇ بولمايدۇ ،
مەسىلەن :<<قان>> خىلىتى بولۇپ ، سەۋدا خىلىتى بولمىسا ، قان خىلىتى قايسى تەن ۋە ئورگاندا مەۋجۇت بولالىسۇن ؟ سەپر خىلىتى بولۇپ بەلغەم خىلىتى بولمىسا ، ئادەمدە ھارارەت ۋە تىرىكلىك بولمايدۇ .دېمەك ، ئالدى بىلەن تۆت چوڭ ماددا ئۆز كەيپىياتلىرى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىغا تەئىر كۆرسىتىدۇ . تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك شەيىلەر شۇ ئارقىلىق مىزاجغا ئىگە بولىدۇ .ئەمدى ئىنسان ئۆزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى يىگەن ئىچكەن ، سۇمۇرگەن ۋە مۇھىتتا تۇرغان بولغاچقا ، ئىسان بەدىندىمۇ ئاشۇ تەبىئەت جىسىملىردىكى مىزاجنى ئەكىس ئەتتۈردىغان ماددا ھاسىل بولۇشى ھەمدە رول ۋە تەبىئەتكە ئىگە بولغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دەركار .
شۇڭا بىز سەپرانى ئوتنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى ، قاننى ھاۋانىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى ، بەلغەمنى سۇنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى ، سەۋدانى تۇپراقنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تۇنۇيمىز .
تۆت خىلىتنىڭ تەبىئتى ۋە رولى ؛
سەپرا خىلىتى
ئۇ ئۇزۇقلۇقلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ھەزىم قىلىش ، زەھەرسىزلەندۇرۈش ، نېرۋا ھەركىتىنى غىدىقلاش ،بەدەننى ئىسسىق ساقلاش ، بۇزۇق ماددىلارنى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق سىرتقا چىقىرۋېتىش ، بەلغەم خىلىتنىڭ ھۆل ۋە سوغوقلىقىنى تەڭشەپ تۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق .
قان خىلىتى
ئۇ ئومۇمى بەدەنگە ئىسسىقلىق ۋە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش ، ساپ ھاۋانى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ ، بۇزۇق ھاۋانى سىرتقا چىقىرىش ، بەدەندە ئايلىنىپ يۇرۇپ ، ھەرخىل رەڭ ماددىلىرى ۋە دورىلارنىڭ تەسىرنى ئەۋەتىش ، زىيانلىق ماددىلارنى تەر ۋە بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرۋېتىش ، بەدەننى ئىستىش تەسىرگە ئىگە . تەبىئتى ھۆل ئىسسىق .
بەلغەم خىلىتى
پۈتۈن بەدەننى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، ماددىلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ئېقىتىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ، قاننى تولۇقلاش ، بۇغۇملار ھەركىتىنى ۋە ئەزالارنىڭ ئارلىقىنى توشقۇزۇپ ، سۈركۈلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئارتۇق ماددىلارنى قان ئېقىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەنى ئۆتەيدۇ .تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ،
سەۋدا خىلىتى
سەۋدا خىلىتى ئىنسان ئىسكىلىتىنىڭ قۇرلۇشىغا قاتنىشىدۇ ، ھەزىم پائالىيتىگە ياردەم بېرىدۇ .بەلغەمنىڭ ۋە قاننىڭ ئارتۇقچە كۆپىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ ، نېرۋا پائالىيتىنى تەڭشەيدۇ ۋە جاللاندۇردۇ. تەپەككۇرنى بارلىققا كەلتۈردۇ ۋە ئۆستىردۇ ، روھى دۇنيانى موللاشتۇردۇ ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغوق .
|