|
تادۇ ئۆزىنىڭ رولى ، ئېغىرلىقى ۋە تەبىئىتىگە ئاساسەن تۆت خىل بولىدۇ .
ئوت
بۇ قۇياش ۋە ئادەتتىكى ئىسسىقلىق يورۇقلۇق مەنبەلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ئىسسىق ، شالاڭ ، رەتسىز ، ئەڭ يېنىك ماددا بولۇپ ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق كېلىدۇ . ئوت ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق يەڭگىل بولغاچقا ، ھەر دائىم يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ، ئوت (قۇياش)تۆت پەسىل ۋە كېچە كۈندۈز يەر شارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ . ئۇ جىددىي قىززىتىش ، جىسىملارغا ھارارەت يەتكۈزۈپ بېرىش ، پىشۇرۇش ، تەركىبلەرگە ئايرىش ، قاتتىق جىسىملارنى ئېرىتىپ ئۆزگەرتىش ، ماددىلارغا رەڭ پەيدا قىلىش ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ سۇغۇقلىغىنى تەڭشەش روللىرىنى ئوينايدۇ .
ھاۋا
ھاۋا يەڭگىلرەك بولۇپ ، ئوتتىن ئېغىر ، سۇدىن يەڭگىىل كېلىدۇ . ئۇ مۇھىتتىىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىدۇ ، كۈننىڭ سۇغا ۋە تۇپراقلارنىڭ قاتلاملىرىغا بولغان زىيادە ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ . بارلىق جاندارلارنىڭ تەبىئىتى نورمال ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ .
ھاۋا ئورۇن جەھەتتە ئوتنىڭ ئاستىدا ، سۇنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن كەيپىياتى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ .
سۇ
سۇ ---ئېغىرلىق جەھەتتىن تۇپراقتىن يەڭگىل ، ھاۋادىن ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ، نىسپىي ئېغىر ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئالەمدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تىگىشلىك ئورۇنلارغا يەتكۈززۈپ بېرىش ، سۇيۇقلاشتۇرۇش ، ماددىلارنى ئېرىتىش ، ھەرىكەتلەندۈرۈش ، ماددىلارنىڭ ئوت (ھارارەت)تەسىرىدىن پارچىلىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ، جاندارلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئېقىتىپ چىقىرىۋرتىش روللىرىنى ئۆتەيدۇ .
ئورۇن جەھەتتە تۇپراقنىڭ ئۈسىتدە تۇرىدۇ ، كەيپىياتى ھۆل سوغۇق .
تۇپراق
تۇپراق---ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ ، كەيپىياتى قۇرۇق سوغۇق ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ، قۇياشنىڭ ئىسسىتىش ، قۇرۇتۇش ، سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش ، پارچىلاش تەسىرلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتىنى ساقلاپ قالىدۇ . ئۇلارغا نىسبەتەن سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك تەسىرى ۋە قۇياشنىڭ زىيادە ئىسسسىقلىق تەسىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ . پۈتكۈل جانلىقلارغا زۈرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى يىتەرلىك مىقتاردا ساقلايدۇ . يەنە بەزىدە نەرسىلەرنى پارچىلاش ، پىششىقلاش رولىغا ئېگە .
|