|
يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك تۇپراقنىڭ ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ھاۋاغا تەسىر قىلىشى ، . . قاتارلىق جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى نۆۋەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان كەيپىياتقا ئېيتىلىدۇ . دېمەك ، تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىنى ئالغان بارلىق جانلىق-جانسىز شەيئىلەردىمۇ تەبىئەت(مىزاج)بولىدۇ . ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمىلىرىدىكى ماددىلار يەنە ئوخشىمىغان تەبىئەتلەرگە ئېگە . مەسىلەن: ھۆجەيرە ، مۇلىكۇلا ....لارنىڭ مىزاجى بولغىنىدەك . مىزاج نىسبەتەن تۇراقلىق بولغاندىن باشقا ، يەنە سىرتقى تەسىرلەرگە قارىتا سەزگۈر ۋە ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ .
مىزاج سۆزى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى ، ئىپادىلەيدىغان مەناسى كەڭ بولغان ئاتالغۇ . مەسىلەن : بارلىق مەخلۇقات ۋە بارلىق تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەشتە ،ھەرقايسى مەملىكەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقلىملارنىڭ ھاۋا كېلىماتىنى ئىپادىلەشتە مىزاج سۆزى قوللىنىدۇ . ئىنسان بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى - تاشقى ئەزالىرى ، روھىي ۋە جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرى ، پىسخولوگىيىلىك ھالەتلىرى ، خۇي - پەيلى ، ئادەتلىرىنىمۇ <<مىزاج>>ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن . ئۇندىن باشقا ئىنسان بەدىنىدىكى نورمال فىزوئولوگىيىلىك جەريانلارنىمۇ مىزاج ئۇقۇمى بىلەن شەرھىيلىگەن . مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىق تەرەققىيقىلالىشىدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقى . كۆرۈنۈشتە ئوخشاش تۇرغان جىسىملار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ماكاندىكى ئىچكى ھالەتلىرى كېسەللىك ۋە ساقلىق ئالاھىدىكلىرنى پەرقلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشتە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى <<مىزاج>>تەلىماتىنى يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ، ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كېسەل داۋالاش ئىشلىرىغا خىزمەت قىلدۇرغان دىمەك ، مىزاج ئۇقۇمىي ئۇيغۇر تېبابىتىنى بارلىقا كەلتۈردى ، ئۇنى راۋاجلاندۇردى ۋە راۋاجلانتۇرىدۇ . ئۇيغۇر خەلقىمۇ تېبابەتتىكى ئۇشبۇ ئۇقۇمنى ئۆزلىرىىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلاب ، زۆرۈرىيەت ۋە پەرھىزلەرنى ھېس قىلغان ، شۇ ئاساستا ھازىرقى قىممەت قارىشىغا ئېگە بولغان ئۇيغۇر خەلقى شەكىللەنگەن .
تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇدادلارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكى تۆت چوڭ ماددىنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۈپ بولۇشى تۆت چوڭ ماددىنىڭ قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغانلىقىغا باغلىق . ئىنسانلارنىڭ رەڭگىروھىي (ئۆڭى)،تۇرقى،خۇلق -مىزاجى (مىجەزى)، ئادەتلىرى ،پىسخولوگىيىلىك ھالىتى قاتارلىقلاغا باغلىنىشلىق تۈپ پەرقلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئىنسانلار مىزاجىنى بەرپا قىلىشقا خام ئەشيا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئارىلاش كەيپىياتىدىن ھاسىل بولغان .
مىزاجمۇ تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئىسسىق ، سوغۇق ، ھۆل ، قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە مىزاجغا ۋە قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق ، قۇرۇق سوغۇق ، ھۆل سۇغۇقتىن ئىبارەت مۇرەككەم مىزاجغا تەقسىملىنىدۇ . ھەربىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مكىزاجنىڭ يەنە نورمال ، غەيرىي نورال ھەلەتلىرى بولۇپ ، جەمئىي 64 خىل مىزاج مەۋجۇد . بۇلار يەنە سىكونت ۋەمومىنتتا ئۆزگىرىش ياسىشى ، يېڭىدىن باشقا قوشنا مىكرو مىزاجغا ئايلىنىشى مومكىن ، شۇڭا دۇنيادىكى دەرەخلەر يوپۇرماقلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغاندەك مىليارتلىغان ئىنسان ئىچىدە بىر بىرىگە شەكىل ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەت جەھەتتىن قۇيۇپ قويغاندەك ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ .
نۇرغۇن شەيئىلەردە مۇرەككەپ مىزاج بولۇپ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەككە مىزاجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، قىسمەن ۋە ئىنتايىن كەم تېپىلىدىغان ماددىلار ، مەسىلەن :سىنتېزلانغان ، پەيدا قىلىنغان ۋە يەككە مۇلىكۇلىلىق ماددىلار ۋە سىكونت ئىچىدە يوقىلىدىغان ئىلىمىنتلار مۇشۇ دەئىرىدە بولۇشى مومكىن . مەسىلەن : مۇتلەق قۇرۇق ، مۇتلەك سوغۇق دىگەندەك .
ئىنسانلار تۇرمۇشى تۆت چوڭ ماددا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مەلۇم مىزاجغا ئېگە بولغان ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇلارنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەندە شۇنىڭغا لايىق بولغان ئىنسان مىزاجى شەكىللىنىدۇ . مەسىلەن : ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ يەپ ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ھاۋادىن نەپەسلەنسە ئىنساننىڭ مىزاجى ئىسسىققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ . بۇنىڭغا تۈزەتكۈچى سۈپىتىدە سوغۇق ۋە سالقىن ھاۋا ، سوغۇق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇق دورىلار بېرىلىدۇ . دىمەك ئىنسان چوڭ تەبىئەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىچىك تەبىئەت . ئىنسان ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇكى، ئەگەر چوڭ تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرەرى ئىنسانغا ئارتۇق يا كەم ئەتەسىر قىلسا ، ئىنسان شۇ ھامان ساقسىزلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ . ئۇزۇنراق داۋام قىلسا ئىجتىمائىي كېسەللىنىش ، ھەتتا ساپاسىزلىنىپ ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ .
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتلىرى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ . يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ، ئوت(كۈن ۋە باشقا ئىسسىقلىق مەنبەلىرى)، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەمىن ئەتكۈچى تۈپكى ئامىل . كۆپىنچە كىشىلەر بۇ چوڭ ئامىللارنىڭ كىتاپ يۈزىدە ئوقۇپ ، ئەمەلىي تۇرمۇشغا باغلاپ چۈشىنىشى ئويلاپ كۆرمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئامىللار ھەر كۈنى ، ھەر سىكونت بىز بىلەن بىللە. مەسىلەن : بىز ئىسسىقلىق مەنبەسى ئارقىلىق ئىسسىنىش ، تاماق ئېتىش ، نۇر دىن مەنپەئەتلىنىش مەقىسىتىگە يېتەلەيمىز . سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇسسۇلۇق ئىچىش ، بەدەننى زۆرۈر سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، قۇرغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز . ھاۋانىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىز . لېكىن تۇپراقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كىشىلەر دەرھال كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئۇستىخان ، چاچ ، تېرە ، تۈك ، تىرناقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئۇلار <<تۇپراق>>تەركىبىدىكى ھەرخىل ئورگانىك ، ئانئورگانىك ماددىلار ، مىكرو ئېلىمېنتكلار ئىنسانلار ئىستىمال قىلدىغان ھەرخىل ئاشلىق ، مېۋە ، كۆكتاتلارغا ئۆتۈپ ، مەلوم شەكىلدىكى ، مۇئەييەن مىزاجدىكى ئاشلىق ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنى بەدەن قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ئىنسان ئىسكىلىتى شۇلارنىڭ خاسىيىتىدە پەيدا بولۇپ گۆش ، يۇلۇن ، پەردە ۋە ھەرقايسى ئەزالارنى ئۆزئىچىگە قاچىلاپ ئۆرە تۇرىدۇ . تاغ ، ئېدىرلىق ، قۇملۇق ، تۈزلەڭلىك تۇپراق ھېسابلىنىدۇ . تۇپراق سۇنىڭ تېگىدە ھەم سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ . تېبابەت پەلسەپىسىدە ئېيتىلغان تۇپراقنىڭ سۈنىڭ تېگىدە ئىكەنلىكى ئىككى خىل مەنىگە ئېگە . بىرىنجىسى ، ئۇ ئېغىرلىق ۋە تەبىئەت جەھەتتىن ، ئىككىنجىسى ، ئەمەلىيەتتىمۇ تۇپراق سۇنىڭ تېگىدە بولۇشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . يەنى يەرشارىنىڭ 71%نى ئېگەللەيدىغان دېڭىز ئوكيانلارنىڭ تېگى دەل تۇپراقتۇر. بۇ تۇپراقنىڭ يەنە ئىچكىرلىسە ، ئىسسىق (ئوت)مەلوم بولىدۇ . ئۇنىڭدىنمۇ ئىچكىرلىسە ، ھاۋا (ئوچۇقچىلىق)غا ئۇچرايدۇ ، ئۇندىن كېيىن سۇغا ، ئاندىن كېيىن تۇپراققا ئۇلىشىدۇ . بۇ مانا شۇنداق دەۋرىي تۈستە داۋاملىشىدۇ . نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا يەر شارىنىڭ مەلۇم يېرىنى تېشىپ ئۆتكىلى بولسا ، يەرشارىنىڭ پاراللىل بولغان يەنە بىر يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ .
مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ ئاساسىي نىگىزى . دىمەك ، تۆت چوڭ ماددا ھەربىر ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ، ياشىشى ، شان شەرىپى ۋە ئىنسانىي قىممىتى ھەم غورۇرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ھەم ماددا ھەم ئىجتىمائىي تۈپكى مەۋجۇدىيەت . بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرى كېمەيسە ياكى يوقالسا ، ئىنساننىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى ئازىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ ، ياكى بولمىسا ئىنساننىڭ شان-شەرىپى ۋە غورۇرى تۆۋەنلەپ ياكى يوقىلىپ كېتىدۇ .
|