ئىخچام تېما:[تەۋسىـــــيە]ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ ، پەن - تېخنىكىنى بىرلەشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ ، پەن - تېخنىكىنى بىرلەشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى

ئاپتور:ۋەلى      ۋاقىت:2008-02-08 12:04:24   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  دىئاگنوز

ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ قەدىمقى تىببى ئالىمالىرى تومۇر رايى ، تىل گېزى ، مىزاج ئالاھىدىلىگى ، خىلىت تىپى ، كېسەللىك پەسلى ، بىمارنىڭ مىجەز خۇلقى ( پىسخىكىسى ) ، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن كېسەلنى تونۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغان . مانا بۇلار تىبابىتىمىزنىڭ كېسەللىكنى تونۇشتىكى ( دىئاگۇنۇز قويۇشتىكى ) ئاساسلىرىدۇر .تىبابىتىمىزنىڭ بۇخىل دىئاگنۇز قويۇش ئالاھىدىلىگى ھازىرغا قەدەر كېسەللىكلەرنى تونۇشىمىزدا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە .

ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۇمىدىن : ئابدىۋەلى ئابدىكېرىم . ئايگۇل توختى  

            لېكىن جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز بۇخىل دىياگۇنۇز ئاساسىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىغىنى ، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنى تىبابىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ ئىلمى دىئاگۇنۇز قويۇپ ، ئاساسى پەن نەزەرىيىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۇرۇپ ، داۋالاش ، دىئاگۇنۇز قويۇش ئۇسۇللىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز زۆرۇرلىگىنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭا تىبابىتىمىزنىڭ دىئاگۇنۇز قويۇشتىكى ئالاھىدىلىگىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئاساسىدا دىئاگۇنۇز ئۇچۇن ئىشلىتىلىۋاتقان ھازىرقى زامان پەن تېخنىكا سايمانلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۇرۇشىمىز لازىم .

 

 

             بۇنىڭ ھازىرقى زامان تىۋىپلىرىمىز ئۇچۇن ناھايىتى زور ئەھمىيىتى بار .

            1 . تىبابىتىمىزنىڭ دىئاگۇنۇز قويۇشتىكى قەدىمقى ئالاھىدىلىگىنى ئىلمى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ :

            ھازىرقى زامان تىببى دىئاگۇنۇز قويۇش سايمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ تىبابىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇپ ، تىبابىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دىئاگۇنۇز ئۆلچەملىرى بىلەن بىرلەشتۇرگەندە تومۇر تۇتۇش ، خىلىت ئېتىۋارىغا قاراش قاتارلىق دىئاگۇنۇز ئۆلچەملىرىنى مۇئەييەن ئىلمى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەسىلەن : ھەر خىل ئېلىكتىر دولقۇنلىرى بىلەن تومۇر ، يۇرەكنىڭ سوقۇشىنى ، مىڭىنىڭ ھەركەت پائالىيىتىنى سېستىمىلىق خاتىرلەپ قول ئەمىلىيىتى بىلەن سەزگەن سېزىمنى بىۋاستە كۆرۇش سەۋىيىسىگە كۆتۇرگۇلى بولۇدۇ . رېنتىگىن نۇرى بىلەن سۇنۇقنۇڭ ئورنى ، خارەكتىرى مۇقۇمدۇلۇپ داۋالاش ئۇنۇمىنى يۇقۇرى كۆتۇرگىلى ۋە توغرۇلۇق دەرىجىسىگە بىۋاستە ھۆكۇم قىلغىلى بولۇدۇ . ھەر خىل ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇنلىرى بىلەن پۇتۇنلۇكنۇڭ بۇزۇلۇشى ياكى ئەمەسلىگىگە ھۆكۇم قىلغىلى بولۇدۇ . قان تەركىۋىدىكى ھەرخىل تەركىپلەرنى تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىگەن خىلىتلارغا بولغان ھۆكۇمىمىزنىڭ توغرا ياكى خاتالىغىغا باھا بەرگىلى بولۇدۇ . مانا مۇشۇنداق تەكشۇرۇش ئۇسۇللۇرىنى قوللۇنۇپ ئۆز نەزەرىمىزنىڭ ، پەرىزىمىزنىڭ ئىلمىيلىگىنى ئىسپاتلاپ بەرگەندىلا ئاندىن رىقابەتتە يېڭىپ چىقالايمىز .

            2 . خىلىتلارنىڭ كېسەللەكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلمى يەكۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ :

            ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرى بىزگە شۇنى بىلدۇردىكى ، خىلىتلارنىڭ ئۆزگۇرىشى نۇقۇل تەن سۇيۇقلۇق تەلىماتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ ھۇجەيرىنىڭ ئىنچىكە تۇزۇلۇشلىرى ، گىن تۇزۇلۇشلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . دىمەك قان تەركىۋىدىكى ئەركىن رادىكاللار ، MDA قاتارلىقلارنى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش خىلىتلارنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ . ئۇندىن باشقا قان تەركىۋىدىكى ئېلىكتۇرىلىتلارنىڭ ئۆزگۇرىشى بىلەن سەۋدا ، سەفرا خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى ، فىرمىنىتلارنىڭ ، ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگۇرىشى بىلەن بەلغەم ، قان خارەكتىرلىق كېسەللىكلەرنى ئىلمى ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولۇدۇ . ماددىلىق كېسەللەردىن كېلىپ چىققان ھەرخىل پاتالۇگىيىلىك ھادىسىلەرنى رېنتىگىنلىق تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق دەلىللىگىلى بولۇدۇ .

            3 . دىئاگۇنۇز ئىشەنچىلىگىنى ۋە دىئاگۇنۇز ئىلمىيلىغىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇدۇ :

            تىبابىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دىئاگۇنۇز قويۇش ئالچىمى ئاساسەن سەزگۇرىمىزگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ شۇڭا بۇنۇڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى بەك يۇقۇرى بولمايدۇ ، زۆرۇر ئىلمىي ئاساس تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭا تېخنىكىلىق تىببى تەكشۇرۇشلەرنى قوشۇپ ئېلىپ بارغاندا ئۆز پەرىزىمىزنى ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى بىلەن ئىسپاتلاش ئۇنۇمىگە ئېرىشەلەيمىز . مەسىلەن : تومۇرنۇڭ تەرتىپسىزلىگى قولۇمىزنىڭ ، يۇرەكنىڭ رېتىمسىزلىغى قۇلۇقىمىزنىڭ سەزگۇسى بولسا بۇنى خاتىرلەپ كۆز ئەمىلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشتا چوقۇم ئېلىكتىرۇ كاردىيۇگگىراممىغا تايىنىشىمىز زۆرۇر بۇنداق بولغاندا ئۆز سەزگۇمىزنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن بەلكى رېتىمسىزلىقنىڭ خارەكتىرىنىمۇ بەلگىلىيەلەيمىز . بۇ ھازىرقى زامان تىببى ئىلمىدە كام بولسا بولمايدىغان ھەقىقەت .

            4 . داۋالاش ئۇنۇمىنى ئۆستۇرگىلى ۋە كۇزەتكىلى بولۇدۇ :

            تىبابىتىمىزدە گەرچە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن كېسەلنى ئايرىپ ، تونۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ لېكىن داۋالاش ئۇنۇمىنى يۇقۇرى سەۋىيەگە كۆتۇرۇش ، ئىلمى يەكۇن چىقىرىش ، دورىلىرىمىزنىڭ ئۇنۇملۇك تەركىپلىرىنى ئايرىش قاتارلىق خىزمەتلىرىمىزدە يەنىلا ھازىرقى زامان تىببى تېخنىكا سايمانلىرىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ خىل تەكشۇرۇش سايمانلىرى بىلەن تەكشۇرۇپ كۇزۇتۇش ئارقىلىق ئشلىتىلىۋاتقان دارىلىرىمىزنىڭ داۋالاش ئۇنۇمى ، ئەكىس تەسىرى ، مىقتار چەكلىمىسى قاتارلىقلارنى سېستىمىلاشتۇرغىلى بولۇدۇ ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۇرگۇلى بولۇدۇ . مەسىلەن : دىئابىت كېسەللىگىدە قان قەنتىنى چۇشۇرۇش مەخسەتتە قۇرسى زىيابىت ، قۇرسى بەللۇت ، ئىزخىر شەربىتى ، قاپاق شەربىتى قاتارلىق دارىلار بىلەن داۋالاش ئىلىپ بېرىلىۋاتقاندا قان قەنتىنى ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجىرتىلىپ چىقىش ئىقتىدارىنى ، سۇيدۇك قەنتىنى سېستىمىلىق تەكشۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بۇدارىلارنىڭ قايسى تۇردىكى قان قەنتىنى چۇشۇرگۇچى دارا ئىكەنلىگىنى ئايرىۋالغىلى بولۇدۇ ، شۇنداقلا جىگەر خىزمىتى ، بۆرەك خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بۇ دارىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بار يوقلۇغىنى ، سىرىتقا چىقىرلىش يوللۇرىنى بىلگىلى بولۇدۇ . بۇنۇڭ بىلەن دارىنى ئايرىپ ئىشلىتىش ، زەھەرسىز مىقتاردا ئىشلىتىش ، داۋالاش باسقۇچىنى بەلگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن نىشانغا يەتكىلى بولۇدۇ .

            5 . تىۋىپلىرىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرگىلى بولۇدۇ ۋە قانونى جەھەتتىن قوغدۇلۇشقا ئىگە قىلىدۇ :

            تىۋىپلىرىمىز نۇقۇل تومۇر تۇتۇش بىلەن كېسەل كۆرۇشنى ئاساس قىلىشتەك سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىش ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ ، بۇنداق بولغاندا جەمىيەت تەرەققىياتى تەرىپىدىن ھامىنى شاللاشقا ئۇچرايمىز . رىقابەتكە ماسلىشىش ئۇچۇن ئەنئەنىۋى كېسەل كۆرۇش ئۇسۇللىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز زۆرۇر . شۇنۇڭ ئۇچۇن ھازىرقى زامان تىببى تەكشۇرۇش سايمانلىرىنى ئىشلەتكىنىمىزدە ئۇنۇڭغا بولغان تونۇشىمىز ئۆسۇپ ئۇنۇڭ تىببى ئاساسى پەندىكى ئورنىنى ئىگەللىيەلەيمىز . تەدرىجى ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۇرەلەيمىز ھەم ئۆزىمىزنى ھازىرقى زامانغا لايىق تىۋىپلاردىن قىلىپ يېتۇشتۇرۇپ چىقالايمىز . يەنە بىر تەرەپتىن جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان داۋالاش ھادىسە دىلۇلىرى پەيدا بولۇۋاتىدۇ ، بۇدىلۇلارنىڭ كۆپۇنچىسىدە دوختۇرلار ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرەلمىگەنلىگىدىن جاۋاپكار ئورنىغا چۇشۇپ قېلىۋاتىدۇ ، قانۇن ھەرگىز بىزنىڭ سەزگۇرىمىزنى ئاساس قىلمايدۇ ، پەقەت تېخنىكىلىق تەكشۇرۇش ئىسپاتلىرى بىلەنلا ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز . شۇڭا بۇجەھەتتىنمۇ يۇقارقى تەكشۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار . قىسقىسى ھازىرقى زامان تىۋىپلىرىمىز ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە پەن تېخنىكىنى تىبابىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلىشى كېرەك . تېخنىكىلىق تەكشۇرۇشلەرنى يەكلەش قىلمىشىنى تاشلاپ تىبابىتىمىزدىكى كېسەللىكلەرگە دىئاگۇنۇز قويۇشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا تىبابىتىمىزنىڭ دىئاگۇنۇز ئاساسى تىبابىتىمىزچە ئالاھىدىلىك ۋە ھازىرقى زامان ئالاھىدىلىگىنى بىرلەشتۇرگەن ئاساستا مۇكەمەللىككە ئىگە بولۇدۇ .


2004-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۇنى .

 

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ۋەلى تەمىنلىگەن»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى