ئىخچام تېما:يۇقۇملۇق زۇكامنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

يۇقۇملۇق زۇكامنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

ئاپتور:داۋا…      ۋاقىت:2008-03-09 15:21:46   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  يۇقۇملۇق زۇكام

يۇقۇملۇق زۇكام-يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بىرخىل يۇقۇملىنىش ئىنتايىن كۇچلۇك بولغان كىلىنكىدىكى ئىپادىسى ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشاش بولغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى :

             ئاساسلىقى ھاۋادىكى زەھەرلىك مىكروپلارنىڭ نەپەسلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە كېرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەل كۆپۇنچە قىش پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئۇمۇمەن ھۆل يېغىن كۆپ بولىدىغان ياكى ھۆللۇك رايۇنلاردا كۆپ يۇز بېرىپ ئەتراپقا تارقىلىدۇ. ياشلارغا نىسبەتەن ياشانغانلاردا ۋە بالىلاردا كۆرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.


ئالامىتى:

             دەسلەپتە پىشانە،كۆز بەل ئۇمۇمەن بارلىق ئەزالاردا ئاغرىش بولىدۇ. قىزىتما يۇقۇرى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بەزىدە توڭۇپ تىتىرەش بولىدۇ، بەزىدە بولمايدۇ.باش قايىدۇ، گال ئاغرىيدۇ، ئاۋاز پۇتىدۇ، كۆكرەكتە ئېغىرلىق سىزىمى بولىدۇ، قۇرۇق يۆتۇلۇش،نەپەس قىيىنلىشش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،كۆڭۇل ئايلىنىش بەزىدە قۇسۇش ۋە ئىچى سۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ. ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا ساقىيشى تەس بولىدۇ. بەزىدە بۇرۇن ۋە گالدىكى ئېچىشش نەپەس يوللىرىغىچە تەرەققە قىلىپ قاتتىق يۆتەل ۋە قىزىتما پەيدا قىلىدۇ.

 
داۋالاش پىرىنسىپى 

             يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش ھەمدە مىڭىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


يەككە دورا بىلەن داۋالاش

1- رىتسىپ:
سۇڭپىياز 3دانە،بەسەي كۆتىكى 3دانە،قۇمۇچ يىلتىزى 9گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سىردا قاينىتپ تەمى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

2-رىتسىپ:
خام گەج 15گىرام،جىمۇ 9گىرام،خام چۇچۇكبۇيا 6گىرام، گۇرۇچ ئۇچ چىمدىم.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سىردا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم ئىسسىق پېتى ئىچكۇزىلىدۇ.

3-رىتسىپ:
ئۆسما يىلتىىزى 9گىرام،قېرىق يۇپۇرماق 30گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ قاينىتپ تىرىپلىرىنى سۇزىۋىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

4-رىتسىپ:
رەيھانگۇل 6گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:رەيھانگۇلنى پاكىزلاپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە ئەھۋالغا قاراپ قايناقسۇغا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ.

5-رىتسىپ:
سەرخەس 30گىرام،ئوسما يىلتىزى، يالپۇز 9گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ پىسىپىنى سۇزۇپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

6-رىتسىپ:
گۇل بىنەپشە،بادىيان،بىخسۇس،ئەنجۇر مۇنىكى،پىرسىياۋىشان، زەنجىۋىل، گۇلقەنىت مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ قاينىتىپ تەمى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇقۇملىنىش ،ياللۇغقا قارشى تۇرۇش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 60مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

7-رىتسىپ:سامساق 20گىرام،سىركە 100گىرام،ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:سامساقنى يۇمشاق ئېزىپ سىركىگە بىر سوتكا چىلاپ كېيىن تىرىپلىرىنى سۇزىۋىتىپ دورا سۇيىگە باراۋەر مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئچىلىدۇ.

 
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:زۇفا شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(سوغۇقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)

2-رىتسىپ:لوئوقى بادام بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(سوغۇقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)

3-رىتسىپ:لوئوقى سەرپىستان بېرىلىدۇ.
تەركىۋى( ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى.)

4-رىتسىپ:ئىتتىرىپىل ئۇستىقۇددۇس بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ئۇستىقۇددۇس 20گىرام،بىستپايەج 10گىرام،سېرىق ئوت 20گىرام،قارا ھەلىلە 20گىرام،بەلىلە پوستى،ئامىلە مۇقەششەر20گىرامدىن،ھەلىلە پوستى 60گىرام،سانا،توربوت،نىشاستە،بادام مېغىزى 20گىرامدىن،شىكەر 150گىرام ھەسەل 800گىرام.
تەييارلىنىشى:توربوتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ياغىچىنى ئېلۋىتىپ باشقا دورىلار بىلەن بىرگە سوقۇپ تاسقاپ تالاقن قىلىنىپ بادام يېغى بىلەن ياغلاپ ھەسەلنى چەككىلەپ شىكەرنى سېلىپ تالقانلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ.
تەسىرى:مېڭىنى قۇۋەتلەش ،غەيرى تەبىئى بەلغەم،سەۋدا ماددىسىنى سۇرۇش،پىشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:باش ئاغرىقى،باش ئېسىلىش،ئۇيقۇسىزلىق،نىرۋا ئاجىزلىقى،چاچ ئاقىرىش،مڭە قان تۇمۇر قېتىش،غەيرى تەبىئى بەلغەم،سەۋدادىن بولغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

5-رىتسپ:ئىتتىرپىل زامانى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ئاقلانغان توربوت،يۇمغاقسۇت ئۇرىغى 50گىرامدىن،سېرىق ھەلىلە پوستى، ھەلىلە كابىەلى پوستى،قارا ھەلىلە،سوقمونىيا،گۇل بىنەپشە،بەلىلە پوستى،تازىلانغان ئامىلە،تاباشىر ،قىزىلگۇل،نېلۇپەر25گىرامدىن. ئاق سەندەل 90گىرام،كەتىرا 10گىرام،چىلان 20گىرام،بادام يېغى 25گىرام،ھەلىلە مۇرابباسى 300گىرام،ھەسەل 1500گىرام.
تەييارلىنىشى:سوقمونىيا بىلەن كەتىرانى ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ بادام يېغى بىلەن ياغلاپ ھەسەلنىڭ كۆپۇكىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ھەلىلە مۇرابباسىنى قوشۇپ ئۇستىگە سوقمونىيا ۋە كەتىرالارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئاخىرىدا باشقا تالقانلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى؛مېڭىنى تازىلاش،غەيرى تەبىئى بەلغەم،سەۋدا ماددىسىنى سۇرۇش.
ئىشلىتىلىشى:نېرۋا ئاجىزلىق،ئاشقازان ئاجىزلىقى،ئۇچەي توسۇلۇش،زۇكام نەزلە كېسەللىكلىرى ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

6-رىتسىپ:ئىتتىرىپىل كەبىر بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ھەلىلە پوستى ،سېرىق ھەلىلە پوستى،بەلىلە پوستى،قارا ھەلىلە، تازىلانغان ئامىلە،كېرەپشە ئۇرىغى 20گىرامدىن،شەتىرەنجى ھىندى، جۇۋىنە، يالپۇز25گىرامدىن،سۇمبۇل 10گىرام،ئاترىلال ،لاچىندانە ھىندى،دارچىن 10گىرامدىن، قارىمۇچ،ئاقمۇچ،نارمىشكى 15گىرامدىن،نەمەك ھىندى 12گىرام، نوشىدۇر 10گىرام، بادام يېغى 30گىرام ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەسىرى:توسالغۇلارنى ئېچىش،غەيرى تەبىئى بەلغەم سەپرا ماددىسىنى سۇرىدۇ، ئاشقازاننى كۇچەيتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:نىرۋا ئاجىزلىقى،ئاشقازان ئاجىزلىقى،پەي ئاجىزلىقى،سەپرا مەنبەلىك ئىچى سۇرۇش،بەلغەم ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

7-رىتسىپ:ئەرقى گاۋزىبان بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:گاۋزىبان 1كىلوگىرام،سۇ 6لېتىر.
تەييارلىنىشى:گاۋزىبان پوستى پاكىزلاپ پار قازانغا سېلىپ ئۇستىدىن سۇ قۇيۇپ پارلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش،يۇرەكنى قۇۋەتلەش.
ئىشلىتىلىشى:مالىخۇلىيا،نىرۋا ئاجىزلىقى،ئۆپكە سىلى،زىققە،تۇتقاقلىق كېسەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

 
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

             بىمار ئوڭدا ياتماسلىق، قىيمىلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم،كۆپ مىقداردا سامساق ئىستىمال قىلىش ئاچچىق سۇنى قاينىتىپ ئۆي ئىچى بوسلىنىدۇ.
 

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«داۋايى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى