ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق ديىش توغرىمۇ

ئاپتور:ئابد…      ۋاقىت:2008-6-29 14:51:03   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  تېبابەت دورىلىرى,ەكىس تەسىر

يېقىنى يىللاردىن بېرى ،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ،ئۆزگىچە تەسىرلىرى بىلەن ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئورگانىمىزنىڭ ئېممونېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئەزالار مىزاجى، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش، پۈتۈن بەدەننى قۇۋەتلەش ۋە بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاشتەك تەسىرلىرى بىلەن ساقىيشى قېيىن دەپ قارالغان بىر قىسىم جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن:ھەرخىل ياخشى-يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ،يەنى دىئابىت، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، ھەركەت نېرۋا كېسەللىكلىرى، يەنە پالەچ لەقۋا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ.

   ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، يەنە بەزى دورىلار بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، يەنى يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى،خۇشلۇق كەلتۇرگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى مەرۋايىت، سەدەپ ،لاجۋەرد، زەھرى موھرە قاتارلىق مەدەن دورىلارنى لايىقلاشتۇرغاندا تالقانلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن، مەدەن دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى خېمىيلىك ماددىلار پارچىلانماي، ئەزالاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ئۆت، بۆرەك تاش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلماقتا. بەدەننى قۇۋەتلەپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، مەنى تۇتقۇچى دورىلاردىن ۋاڭ ئۇرۇغى، بەزىرۇلبەنجى، كۇچۇلا، سىر قاتارلىقلارنى گىلى ھىكمەت قىلىپ لايىقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەندە، ئورگانىزىمدا بەزى پاتافىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ھاياتلىققا خەۋىپ يەتكۈزىشى مۇمكىن، تەركىبىدە  ئەپىيۈن، نەشە قاتارلىق دورىلار بولغان مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىنمۇ نېرۋا ئاجىزلىقى، پەي موسكۇللار بوشىشىپ ،خۇما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بۇندىن باشقا يەنە بەزى ياللۇغلىنىش  خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن:يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئاللېرگىيلىك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيشىگە ئەگىشىپ سىماب، چايان، سەكسەن پۇت، ئۇچقۇر پاقىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەل ھەيدىگۈچى قان تازلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە ئېرىشىلسىمۇ، ئەمما شۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىنكى قايتا قوزغىلىش ھالىتىگە ئىشلىتىلگەندە، دورا بەدەنگە تەسىر قىلمايدىغان، ھەتتا باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن، يەنە بەدەننى قۇۋەتلەش ، يەل ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە  ئاقمۇچ، زىرە، پىلپىل،كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، تاشاڭ دىگەنگە ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشتىن قاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىش، قان قۇيۇلۇش،يۇقۇرى قان بېسىم،يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تۇمۇر تارىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلار بىلەن ياغلىنىش سەۋەبىدىن تېرلەرنىڭ مىزاجى بوزۇلۇپ پەي مۇسكۇللار يېغىلىپ قېلىش قاتارلىق  ئەھۋاللار، ئۇنىڭ ئەكىسچە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن ئورگانىزىمنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، خېلىتلار تەڭپۇڭلىقى بوزۇلۇپ ئاق كېسەل، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

   ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ياخشى دورىمۇ بەدەنگە نىسبەتەن يات ماددا بولغانلقىدىن بەلگىلىك ئەكىس تەسىرگە ئىگە بولىدۇ. كونىلاردا << دورا چېكىدىن ئېشىپ كەتسە زەھەرلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ >>، << دورىغا تايىنىپ ياشىغان ئادەم بەخىتسىزدۇر >>،ئاچكۆز ئادەمنىڭ بەدىنىدە كېسەل كۆپ>><<كېسەل ئېغىزدىن كېرىدۇ>>دېگەندەك گەپلەر بار. شۇڭا دورىلارنى قارىغۇلارچە ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، تېببى مۇتەخەسىسلەردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراش، ئىلمى كۈتۈنۈش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇپ دورىلارنى قائىدە بويىچە ئېستىمال قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«خوتەن شەھىرى داۋايى ئۇيغۇر تېباتچىلىك شىپاخانىسى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى