|
سۇغا تەگگەندىن كېيىنلا تېرە قىزىرىپ ئىششىپ كېتىدىكەن
مورىس
زىيادە سېزىمچانلىق دەرىجىسى قانچىلىك ؟ مورىس ئادەتتە سۇ ئىچسىمۇ پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ پارتلاپ كەتكۇدەك ھېس قىلىدىكەن ، ئاندىن تېرىسى قىچىشىپ ئىششىپ كېتىدىكەن . ھەر قېتىم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يوقىشىغا 2 سائەتچە ۋاقىت كېتىدىكەن .لېكىن بەدەن تازىلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئامال يوق مۇشۇنداق ئازاپقا بەرداشلىق بېرىشىشى كېرەك ئىكەن .
مۇنچىغا چۈشۈش بۇ قىزغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق بىر ئىش بولۇپ ، ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ، مورىس ھەر قېتىم يۇيۇنۇشقا پەقەت 1 مىنۇت ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ۋاقىت ئىشلىتىدىكەن . باشقىلار ئۇنىڭ سۇغا زىيادە سېزىمچانلىقىنى بىلگەندە بىرىنجى دەيدىغان گېپىمۇ شۇ دەل »ۋاي ، خۇدايىم ، مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمۇ؟ ئەمىسە قانداق يۇيۇنىسىز؟« ئىكەن .
مورىس ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئاخبارات ھەم ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كەسپىدە ئوقۇۋېتىپتۇ ھەم بىر شېركەتتە قوشۇمچە ئىشلەۋېتىپتۇ .
14 يېشىنىڭ ئالدىدا مورىس سۇ ئۈزۈشكە بەكلا ئامراق ئىكەن ، 14 ياش ۋاقتىدا مورىسنىڭ ئاڭگىنا ياللۇغى قوزغىلىپ كېتىپ ، شۇنىڭدىن كېيىن سۇغا زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولغان ئىكەن . تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى رودنى پىراففىسور ئەينى ۋاقىتتا مورىس داۋالانغان چاغدا دوختۇر ئۇنىڭغا پەننىشىلىن دورىسىنى ئىشلەتكەن بولۇشى ، بۇ دورا مورىسنىڭ تېنىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان . ھازىر دۇنيادا بۇ خىل سۇ مەنبەلىك سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار كۆپ ئەمەس ، ھەم داۋالىنىپ ساقايغان مىسال يوق ئىكەن .
داۋالىنىش مۇمكىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ، مورىسنىڭ بىردىن بىر ئامالى شۇ سۇدىن يىراق تۇرۇش ئىكەن . بۇنىڭدىن سىرت تەرلىسىمۇ بولمايدىكەن ، شۇڭا مورىس ئۆيىگە ھاۋا تەڭگىشىگۈچ ئورنىتىپ قويغان ئىكەن ، ھەم قېشىغا كۈنلۈك ئېلىۋالىدىكەن . مورىس ھەم ئوغۇل دوستى بىلەن يېقىن ئۆتەلمەيدىكەن ، چۈنكى ئوغۇل دوستى تەرلەپ كەتسىمۇ ، مورىسدا سېزىمچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن .
نۇرمەمەت.دانىش تەرجىمىسى |