|
بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى بولۇپ ئاچقان ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك كۈتۈش پونكىتى بولۇپ، مەھەللىنى تايانچ قىلىپ، ياشانغانلارنى ئائىلىسىدە كۈتۈشتىكى سىناق ۋە ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.
قانداق شەرتنى ھازىرلىغان ياشانغانلار ھاۋالىلىك كۈتۈش پونكىتىغا كىرەلەيدۇ، ئۇلار بۇ يەردە قانداق مۇلازىمەتكە ئېرىشەلەيدۇ؟ ‹‹ئالغا›› شەرقىي يولى مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرى رۈي شۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يەرگە ئاساسلىقى 60 ياشتىن يۇقىرى، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلار كېلىدۇ. مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدۇ ھەم ئۇلارغا پسىخىك تەسەللى بېرىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ئەتىگىنى كېلىپ، كەچتە ئۆيلىرىگە قايتىدۇ››.
بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن شۈ دىيەنمېي ئېرى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇزاق يىل يالغۇز ياشىغان. ئۇ دائىم ئىككى ئوغلىنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدە ئۇچرىغان تۈرلۈك مەسىلىلىرى ئۈچۈن يالغۇز ياش تۆكۈپ يۈرگەن؛ ئۈمىدسىزلىك بىلەن يالغۇزلۇق ئۇنى كەم سۆز، سىرتقا چىقىشنى ئانچە خالىمايدىغان، ھەتتا ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ھېس قىلىدىغان قىلىپ قويغان. مەھەللە كادىرلىرى ئۇنىڭغا ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك كۈتۈش پونكىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى بۇ يەرگە ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئۆزىنىڭ غەم – قايغۇلىرىنى مەھەللە كادىرلىرىغا سۆزلەپ بەرگەن. مەھەللە كادىرلىرىنىڭ سەمىمىي نەسىھىتى ۋە تەسەللىسىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ قايغۇرمايدىغان، ھەسرەتلەنمەيدىغان بولغان. شۈ دىيەنمېي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹ياشانغانلار تىياتىر، خور ئەترىتىدىكىلەر ھەركۈنى بۇ يەردە ئويۇن تەييارلايدۇ، مەن ئۇلار ئورۇندىغان نومۇرلارنى كۆرىمەن ياكى ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىلەن دامكا، كورت ئوينايمەن، غەم – ئەندىشىلەرنى بىراقلا ئۇنتۇپ كەتتىم››.
بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن لى خۇڭفېيمۇ ئۇزاق يىل يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، بالىلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بالىلىرى يەنە دائىم مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ، نۆۋەتلىشىپ تاماق ئېتىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن. لى خۇڭفېي ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك كۈتۈش پونكىتىغا كەلگەندىن كېيىن، بالىلىرى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولۇپتۇ.
ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك كۈتۈش پونكىتىدىكىلەر يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارنىڭ غېرىبلىق ھېسىياتىنى تۈگىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تۈرلۈك قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىنى بېيىتقان. ياشانغانلار چۈشتە نېمە تاماق يېگۈسى بولسا، پىدائىي تۇرسۇنئايغا ئېيتىپ قويسىلا، ئۇ پونكىتنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدىن ئۇلار ئۈچۈن شۇ تاماقنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ياشانغانلارنىڭ تاماق تۈرلىرىنى سەرخىللاشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارغا لەغمەن، پولو ئېتىپ بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، تۇرسۇنئاي دائىم ئۇلارنىڭ بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ قويىدىكەن، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، شاھمات ئوينايدىكەن. قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياشانغانلار ئېغىز ئاچسىلا، ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە قىلىپ بېرىدىكەن. ياشانغانلار چۈشلۈك تاماقنى ئۆزى سېتىۋالغاندىن سىرت، باشقا مۇلازىمەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدىن ھەق ئېلىنمايدىكەن.
ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك كۈتۈش پونكىتى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
|