|
ئوپىراتسىيەدىن بۇرۇنقى قوساقنىڭ كۆرۈنۈشى
2-ئاينىڭ17- كۈنى (بۈگۈن) قەشقەر مېھرى- شەپقەت دوختۇرخانىسى بىمار خەيرىگۈل تەۋەككۈلنىڭ قورسىقىدىكى تۆت يىللىق بولغان 15 كىلوگىرام ئېغرلىقتىكى غايەت زور بىر ئۆسمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتتى . بۇ مەزكۇر دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىيىنچىلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ ، ئېغىرلىقى پەۋقۇلئاددە بولغان بىر قېتىملىق قورساق بوشلۇقىدىن ئۆسمە ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
خەيرىگۈل تەۋەككۇل يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق يېزا مەكىت 13- كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق45 ياشلىق دېھقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 4 يىل مۇقەددىم ئۇشتۇمتۇت قورسىقى ئاغرىپ ۋە پۈتۈن بەدىنىدە قىزىش يۈز بېرىپ ، ئۇزۇنغا بارمايلا قورسىقى كۆپۈشكە باشلىغان ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىمارنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ، كېيىن يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-، ۋە 2- دوختۇرخانىلىرىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرەتكەندە ، يۇقارقى دوختۇرخانىلار بىمارنىڭ قورسىقىدىكى ئۆسمىنى يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە دەپ دىئاگنۇز قويغان ۋە بۇ ئۆسمىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئوپىراتسىيە قىلىنسىمۇ خىيىم- خەتىرىنىڭ يۇقىرى بولۇپ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 40 كۈن ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرۈش مۇمكىنچىلىقى بارلىقىنى ، شۇڭا ئىمكانىيەت بولسا ئاپتونوم رايونمىزدىكى باشقا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ بېقىشنى ئېيتقان .
ئەينى ۋاقىتتىلا قولى قىسقا تۇرمۇشى غورگۈل ئۆتۈۋاتقان خەيرىگۈل تەۋەككۇلنىڭ تۇغقانلىرى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن بىمارنى ئائىلىسىىگە قايتۇرۇپ كېتىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆيىدە باققان . «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار » دېگەندەك ئويلىمىغان يەردىن بىمارنىڭ ئەھۋالى بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشلىنىپ قالغان . بىراق قورساق قىسمىدىكى ئۆسمە بارغانچە يوغىناپ بارغان . بىراق ، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى بىمارنىڭ قورسىقى ئۇشتۇم تۇت يەنە قاتتىق ئاغرىپ، پۇت- قوللىرى سىرقىراپ ۋە ماغدۇرسىزلىنىپ بولالمىغاندا بىمارنى ئەتراپتىىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە قەشقەر «مېھرى- شەپقەت» دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن.
بۇ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ، باش ۋىراچ ھاكىم مۇھەممەت بىمارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىمارنىڭ كېسىلى ھەققىدە ئاخىرقى دىئاگنۇزنى قورساق بوشلۇقىدىكى زور ئۆسمە ، دەپ دىئاگۇنۇز قويغان ھەمدە كېسەلنىڭ قورسىقىدىكى بۇ غايەت زور ئۆسمىنى چوقۇم ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن . شۇ چاغدا بىمارنىڭ قورسىقىدىكى ئۆسمىنىڭ چوڭلۇقىدىن بىمارنىڭ قورسىقى چىڭقىلىپ يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان ، ھەتتا بىمارنىڭ يۈرەك ، بۆرەك خىزمىتىمۇ نورمال ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان .
ئېلىنغان ئۆسمە
دوختۇرلار ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى ئەھۋالنى تەكشۈرمەكتە
بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بارلىق ئۈمىدىنى مۇشۇ دوختۇرخانىغا باغلاپ بىمارنى مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلىشقا رازىلىق بىلدۈرگەن . دوختۇرخانا باشلىقى ھاكىم مۇھەممەت بىمارنىڭ كېسىلىنى قايتا قايتا تەكشۈرۈش، ئانلىز قىلىش ۋە ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق 2-خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى غايەت زور ئۆسمىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلۈپ ، ئوپىراتسىيىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، دەل بۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:30 دا بىمارنى ئوپىراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرگەن . ھاكىمجان مەمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم دوختۇر ۋە سىسترالارنىڭ ئىككى سائەتكە يىقىن جىددىي ئوپىراتسىيە قىلىشى نەتىجىسىدە ، بىمارنىڭ قورساق قىسمىدىكى 15 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئېغىرلىقتىكى بۇ غايەت زور ئۆسمە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلگەن . بىمارغا مەسئۇل دوختۇر ۋە سىستىرانىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە بىمارنىڭ روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن
|