ئىخچام تېما:تۇغۇت يوقلىغاندا پەرزلەرگە دىققەت قىلىڭ

تۇغۇت يوقلىغاندا پەرزلەرگە دىققەت قىلىڭ

ئاپتور:azliq      ۋاقىت:2008-06-29 15:51:01   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  تۇغۇت يوقلاش

مەن ئۆزەم بالىلىق بولغاندىن كېيىنلا بىزنىڭ تۇغۇتر يوقلاش ئادىتىمىزدە نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلار بار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇلارغا بۇرۇن ئۆزەممۇ ئەنچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. بۇ خىل سەۋەنلىكلەردىن نۇرغۇن كىشى هىس قىلىپ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقلىنالماسلىقى مۈمىن, بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ بولسىمۇ ياخشى نىيەتتە ئېلىپ بارغان بەزى ئىش هەرىكەتلىرىنىڭ ئەمىليەتتە زىيانلىق ياكى ئىكەنلىكىنى هىس قىلىشىغا هەمدە بۇنىڭدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن تەجىربەم ئارقىلىق يەكۈنلىگەنلىرىمنى يېزىپ قويدۇم .

            -1 يېڭى بوشانغان ئاياللارنى گۈل بىلەن يوقلىماڭ !!!   )دادا بولغۇچىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ( 

            گۇللەرنىڭ چان تۇزان هەم غىدىقلىغۇچى پۇراقلىرى ، يېڭى تۇققان ، تېخى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان ئانىغىلا ئەمەس بەلكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس يولى سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ ئېغىر بولغاندا هەتتا نەپەس يولى ياللۇقى ، ئۆپكە ئىششىقى، كۆز ۋە بۇرۇن قاتارلىق ئەزالارنىڭ گۈل چاڭلىرىغا مەنگۈلۈك زىيادە سەزگۈر بولۇشى ، كۆز ۋە تېرە ياللۇقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

            -2 ئانا ۋە بالىنى ئالدىراپ يوقلىماڭ ئاز بولغاندا بىر هەپتە ئۆتسۇن ،ئەڭ ياخشىسى بىرەر ئاي . ئانا بولۇش مۇشكۈل بىر جەريان ، ئانا بولغۇچى هارغىنلىقتىن ئەسلىگە كېلىۋالغىچە هېچكىمنىڭ ئاۋارە قىلمىغىنى ياخشى ،ئانا ۋە بوۋاقمۇ كۆپرەك دەم ئېلىشقا مۇهتاج.

            -3 تۇغۇتلۇق ئۆيگە كىرىۇشتىن بۇرۇن ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ، قولىڭىزنى سوپۇنداپ پاكىزە يۇيۇڭ ,مەيلى سىز بوۋاقنى تۇتمىغان هالەتتىمۇ ، سىز تالادىن نۇرغۇن مىكروپلارنى بىللە ئېلىپ كىرىسىز. بوۋاقنىڭ هەر خىل كېسەل مىۇكروپشلارغا قارشى تۇرۇش كۈچى تېخى ئىنتايىن ئاجىز.

            4 -بالا يۈزى كۆرگۈچىگە هەر قانچە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسىڭىزمۇ ،بوۋاققا قانچە ئامراق بولسىڭىزمۇ بوۋاقنى كۆتىرىمەن دەپ تەشەببۇس قىلماڭ، سۆيمەڭ! سىز ئانىدىن رۇخسەتسىز بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ياكى سۆيۈپ مېهرىبانلىقىشىزنى ئىپادىلىگەن ۋاتىڭىزدا ، ئانا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بولسىمۇ بۇ هەرىكىتىڭىزدىن خوش بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، شۇنداقلا ئىچىدە سىزنىڭ بۇ ئاجىز بوۋانى ئاغرىتىپ قويۇشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ .بالىنى تېزراق قويۇپ قويسىكەن دەپ ئويلايدۇ. بالا پەقەت ئانىنىڭ قولىدىلا ئۆزىنى راهەت هەم خاتىرجەم هىس قىلىدۇ . سىز ئاجرىتىپ چىقارغان ڭۆلگەيلەردە نۇرغۇن كېسەللىك مىكروپى بار هەتتا نەپىسىڭىزدىمۇ بار،ئۇلارتېخى ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ ئاجىز بوۋاقلارغا ئاسانلا هۇجۇم قىلىدۇ.

            -5 بالا بىلەنلا هەپىلەشمەي ، ئانىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ . بالا ئۆزى تۇغۇلمىدى ئانا ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان .شۇڭا يوقلاشنىڭ بىرىنچى ئوبېكتى ئانا بولسۇن . ياخشى سۆزلەر هەممىدىن شىپالىق دورا.

            -6 بوۋاقنى ئالدىراپ بىر نىمىلە رنى دەپ تەرىپلىمەڭ ياكى ئەيىپلىرىنى كۆرسەتمەڭ. قاغا بالام ئاپپاق كىرپە بالام يۇمشاق ئەمەسمۇ . بەزى مۇناسىپ ئەمەس سۆزلەرنى مەسىلەن بۇ بالا قارىراقكەن، ۋىيەي بەك كىچىككەن ،كۆزى ئىككىلىڭلارغا ئوخشىماپتۇ .....دىگەندەك ئورۇنسىز سۆز ياكى سوئاللارنى قىلىپ قويسىڭىز ، خەقنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇن ئوسال قىلىپ قويىسىز . پەقەتلا كۈلۈمسىرەڭ گەپ قىلماڭ دىگەنلىك ئەمەس .ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ ،قىسقا، چىرايلىق هال سوراپ كېتىپ قېلىڭ.

            -7 بوۋاق بار ئۆيگە كۆچلۈك ئەتتىر سەپكەن هالەتتە ياكى هارق تاماك پۇرىقى بىلەن كىرمەڭ بۇ ساپ هاۋانى بۇزۇپلا قالماي ، ئەمدىلا تۇغۇلغان بالا هەم ئانىنىڭ پۇراش سېزىمىنى غىدىقلاپ دەپ ئېلىشىنى بۇزۇدۇ.

            -8 ئۆزىڭىز مەيلى قانچە بالىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى بولماڭ ، ئەمدىلا بالا يۈزى كۆرگۈچىلەرگە ئالدىراپ يول كۆرسەتمەڭ، بۇنى قىلماڭ ئۇنى قىلماڭ، ئۇنى خاتا قىلدىڭىز بۇنى توغرا قىلدىڭىز دەپ ئەيىپلىمەڭ. ئەگەر يېڭى ئاتا ئانا بولغۇچى سىزدىن مەسلەهەت سورىغاندا تەجىرىبىڭىزنى ئېيتسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا. بىلەرمەنلىك قىلماڭ.

            -9 تۇغۇت يوقلىغاندا هەممىدىن قانداق سوغا مۇهاپىق هەم ئەهمىيەتلىك بولار دېەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن.
ئانا ئۈچۈن بوۋاقلار قوللانمىسى ئانىلارغا كۆرسەتمە خاراكتېرلىك كىتاپ هەگممىدىن ياخشى سوغا . ئۇنىڭدىن باشقا يىمەك ئىچمەك ياكى بالىلار بويۇمغلىرىنىڭ كۆپ ياكى قىممە ت بولىشىدىن ئۇنىڭ ئىشلىنىشكە ئەپلىك ياكى سۈپەتلىك بولىشى مۇهىم. ئەگەر ئانىنى يوقلاشنى بۇرۇنلا كۆشۈلگە پۈككەن بولسىڭىز ئۇ تېخى يەڭگىمەستە نىمىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ياكى نىمىگە ئېهتىۇياجلىق ئىكەنلىكىنى سورىۋالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدى ئەلۋەتتە.

            -10 تۇغۇتلۇق ئۆيدە ئۇزۇن ئولتۇرماڭ. يېى پەرزەنت يۈزى كۈررگەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ هەممىسى چارچاغلىق ، ئۇنداق ئۇزۇن مېهمان كۈتۈشكە ماجالى يوق .شۇنداقلا بالا هەم ئانا كۆپرەك دەم ئېلىشى زۆرۈر.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇتلۇق ئۆيدە تۇتىودىغان پەرزلىرى هەقىقەتەن تولىمۇ ئورۇنلۇق هەم زۆرۈر قائىدە يۇسۇنلار ئىكەن . بۇلارغا ئەمەل قىلىش هەقىقەتەن بالا هەم ئانا ۋە پۈتۈن ئائىلىگە كۆپ تەرەپلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى هەقىقىي هىس قىلىپ يەتتىم. بولسا بۇ هەقتە يەنى ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇت پەرزلىرى هەققىدە مەخسۇس كىتاپ يېزىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«دىيارىم مۇنبىرى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى