|
دىنىي رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئادەم ئاتا يارىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ تەبىئي ۋە سېغىنىشىنىڭ تەقەززاسى تۆپەيلىدىن ئۇنىڭ يېتىم قوۋۇرغىسىدىن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانىسى ھەۋۋا ئانا يارىتىلغان. ئۇلار مەيلى جەننەتتىكى بەختلىك كۆنلىرىدە بولسۇن ۋە مەيلى گۇناھ ئۆتكۆزۆپ زىمىنغا ھەيدەلگەندىن كېيىنكى جاپالىق كۆنلىرىدە بولسۇن، ھايات - ماماتتا بىرگە بولۇپ، پەرزەنت قالدۇرۇپ، ئىنسان ئەۋلادىنىڭ بۆگۆنگىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. خۇددى ئادەم ئاتا تەشنا ۋە تەقەززا بولغىنىدەك، قىزلار بۇ دۇنيانىڭ تەقەززاسى ۋە تەشنالىقى، تەشنالىقنى قاندۇرغۇچى، شۇ تەشنالىق ۋە قىزغىن مېھر - مۇھەببەت قاينىمىدا ئەۋلاد قالدۇرغۇچى، ھەر نېمە دەپ تەرپلىسىمۇ ئەرزىيدىغان پەزىلەت ئىگىسىدۇر. شۇنداقلا گۆزەللىكى، نازۇكلۇقى، جەلپكارلىقى، نازاكەتلىكلىكى، پەزىلەتلىكلىكى بىلەن بىردەستە ئاجايىپ خۇشپۇراق گۆلگە، جىرىڭلاپ تۇرىدىغان جانان چىنىگە، سۆزۆك ۋە تىنىق قاشتېشىغا ئوخشايدۇكى، ئۇنى ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىش، ئاسراشقا خەلقىمىز ئەزەلدىن كۆڭۆل قويغان، مول تەجرىبە ھاسىل قىلغان، بۇ جەھەتتە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەندىزىسى ياراتقاندۇر. ھەربىر ئاتا - قىزلى رىنى ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق، مېھرىبان، ئۆز خۇلقلۇق قىلىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەندۇر.
خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۆشتىكى ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدە ئۇيغۇر قىزلىرى نۇردىن، خىسلەتلىك دەرەخلەردىن تۆرىلىدۇ ۋە پەزىلەت غۇنچىسىنى قەلب تۆرىدە ئېچلىدۇرۇپ، ناھايىتى پاك، مەسۇم ۋە ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگۆدەك بولۇپ ئۆسۆپ يېتىلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ نۇر ئىچىدە تۆرەلگەن خوتۇنى پاكلىق ۋە گۆزەللىكتە ناھايىتى يۇقىرى سۆپەتلەرگە ئىگە بولۇپ، « ئۇ كۆلسە كۆكمۇ كۆلىدۇ، ئۇ يىغلىسا كۆكمۇ قوشۇلۇپ يىغلايدۇ » . ئۇنىڭدىن كېين ئۆتكەن تۇمارسقا ئوخشاش مىڭلىغان باتۇر، نازاكەتلىك، گۆزەل ئۇيغۇر قىزلىرى تارىخ بېتىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شەنىنى كۆتۆرگەن، ئابرويىنى كۆككىچە ئۆستۆرگەن. ئورخۇن بويلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ سەلتەنەت سۆرۆپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمز دەۋرىدە قاغانلار پەرمان ئېلان قىلغاندا « قاغان پەرمان قىلىدۇكى... » دەپ ئېلان قىلسا كۆچكە ئىگە بولمايتتى، پەقەت « قاغان بىلەن خانىش پەرمان قىلىدۇكى...» دەپ ئېلان قىلغاندىلا كۆچكە ئىگە بولاتتى. شۇ دەۋرلەردە تاكى ئىسلام دىنىغا كىرگىچىلىك ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ مەيلى باي، مەيلى كەمبەغەل ۋە مەيلى ئەمەلدار بولۇشدىن قەتئىينەزەر، بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشىمۇ خەلقىمىزنىڭ قىز لارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە ئىززەتلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ. ھالبۇكى، جاھالەت پىرلىرى بولمىش خوجا - ئىشانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت جاھالەتتە قالدۇرۇشى تۆپەيلى، قىزلىرىمىزنىڭ قەدرى - قىممىتى ئاجايىپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئاشكارە ھالەتتىمۇ بېكىندۆرۆلدى، ھەتتا ساۋاتلىق بولۇش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندى، ئەمما خەلقىمىزنىڭ قېنىغا تىندۇرما بولغان قىزلارنى ئەتىۋارلاش ۋە ئۇلارنى كۆيۆنۆپ تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت زامانلارنىڭ ئۆتۆشى بىلەن سۇسلىشىپ قالمىدى، باشقا مەدەنىيەت تىپىدىكى خەلقلەرگە ئوخشاش قىز پەرزەنت كۆرسە ئۇنى پەس كۆرىدىغان، خورلايدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، يۆك دەپ قارايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتالمىدى.
ھالبۇكى، فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە بەزى قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلالمايمەن، قىزلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ، دۇنيانىڭ مەزلۇمى بىز، نېمىشقا ئوغۇل بولۇپ يارىلىپ قالمىغاندىمىز، دەيدىغان تولىمۇ خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش تۆپەيلىدىن ھاياتلىق يولىدا ئۆزىنى ئۆزى چۆشەپ قويىدىغان، ئۆز قەدرى - قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۆچۆن يول تاپمايدىغان، ئىزدەنمەيدىغان، ئىنتىلمەيدىغان خائىش ناھايىتى كۆچلۆك بولۇپ كەلگەنىدى. 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىلغان مەرىپەت چىراغلىرى مەھكۇملۇقتا ئىچى سىقىلغان قىزلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىنىمۇ يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىنى، بىلىم ئېلىشىنى، مۇشۇ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى ئومۇميۇزلۆك يۇقىرى كۆتۆرۆشىگە تۆرتكە بولغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىزلىرىمىزنىڭ يۆزىنى يېپىپ تۇرغان قارا چۆمپەردە ئېلىۋېتىلدى، قىزلار ئىنتىلگىنىگىچە، ئارزۇ قىلغىنىغا قەدەر يۇقىرى ساپاغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا قىز لارنى ئەزىز كۆرگەن خەلقىمىزنىڭ قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىز بولۇپ يارىلىپ قالغانلىقىدىن ھەرگىز ئۆكۆنمەسلىكى، ئەكسچە پەخىرلىنىشى، مەغرۇرلىنىشى كېرەك. چۆنكى، قىزلار بۇ دۇنيانىڭ بېزىكى، ھاياتلىق قۇۋانچىسى، ئىنسان ئەۋلادىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى، شۇنداقلا ئوغۇللاردىن ئۆستۆن تۇرىدىغان سېھرى - قۇۋۋەتكە ئىگە ئىنساندۇر.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن بىر ژورنالدىن مەملىكىتىمىزدىكى ئون مەشھۇر كارخانىچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىر ئايال كارخانىچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى ئۆستىدە توختىلىپ : « مەن بىر ئانا، مەن بالا تۇغالىغانىكەنمەن، ئەرلەر قىلالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن » دېگەن ئالتۇندەك سۆزنى ئوقۇغانىدىم. قىزلار تەڭرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق تەڭداشسىز خىسلەتكە ئىگە قىلىپ يارىتىلغانىكەن، ھەرگىز ئۆز - ئۆزىنى كەمسىتىش پوزتسىيىسىدە بولماي، ئۇنىڭ ئەكسچە رېئاللىققا يۆزلىنىپ، ئەمدى نېمە قىلىمەن، كەلگۆسىدە قانداق ئادەم بولىمەن ؟ دېگەننى كۆپرەك ئويلىشى، ئۆزىنى چۆشىنىشنى ئويلىشى، بىلىمنىڭ يۆكسەك چوققىسىغا چىقىشقا ئىنتىلىپ، قىزلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى پۆتۆنلەي ئۆز ۋۇجۇدىدا ھازىرلاپ، ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرۇپ، كامىل ئىنسان بولۇپ يېتىلىشكە بەل باغلىشى كېرەك.
ھەي، گۆزەل قىز ! سىز شۇ تاپتا مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئازادە كوچىسىدا زامانغا لايىق كىيىنىپ مەغرۇر قەدەم ئېلىپ كېتىۋېتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتلىق يولىڭىزدا قانداق قىلىشنى، قانداق ئىستىقبالغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەن، كۆڭلىڭىزگە نۇرغۇن يۆكسەك غايىلەرنى پۆككەن، شۇ يولدا تىنىمسىز تىرىشۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان، ئويلىنىۋاتقان غايىلىك ئوقۇغۇچى بولۇشىڭىز مۇمكىن ؛ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىنتىلىشى كۆچلۆك، ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئوقۇغۇچى بولۇشىڭىز مۇمكىن ۋە ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشماي قالغان، ئاساسى قاتلاملاردا ئىشلەۋاتقان ياكى خىزمەت كۆتۆپ تۇرغان ۋە ياكى ھاياتلىق يولىدا تەمتىرەپ قالغان قىز بولۇشىڭىز ھەم مۇمكىن. ھەتتا نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىڭىز مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۆپەيلىدىن كۆپۆككە ئايلانغان، ئارمىنىڭىز ئارمان پېتى قالغان، تەكلىماكاننىڭ بىر چېتىدىكى خىلۋەت ماكانغا باغلىنىپ قالغان، ئۆنۆمسىز يەرلىرىڭىزگە تەر تۆكۆۋاتقان دېھقان قىزى بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز گۆزەل، نازاكەتلىك، ياخشى خۇلقلۇق بىر ئۇيغۇر قىزى بولغانكەن سىز ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە ئۆز - ئۆزىڭىزنى تاكاموللاشتۇرۇشىڭىز كېرەك، ھەرگىز بۇ قۇتلۇق يولدىن تايماسلىقىڭىز كېرەك. ئۆزلۆكسىز ئىلىم ئۆگىنىشكە ئادەتلىنىپ، كەلگۆسىدە ئۆزىڭىزگە ئاجايىپ يۇقىرى ساپا، جەمئىيەتكە مىننەتسىز تۆھپە قوشالايدىغان روھ، كەلگۆسىدە ئەۋلادلىرىڭىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشكە باب كېلىدىغان مەنىۋى قۇرۇلما ھازىرلىشىڭىز كېرەك.
قىزلار دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، سىز بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق قارايسىز، قانچىلىك ماسلىشىپ كېتەلىدىڭىز ؟ بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى زادى قانچىلىك، ئەگەر بۇ ئۆزگىرىش مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ؟ قانداق مەنىۋى كەيپىيات بۇنداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئۆنۆملۆك توسۇپ قالالايدۇ ؟ ئەي قىز، مانا بۇ سۇئاللار ئالدىڭىزغا قويۇلۇپ باقتىمۇ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرەرى توغرىسىدا باش قاتۇردىڭىزمۇ قانداق خۇلاسىلەرگە كەلدىڭىز ؟
دەرۋەقە ئالدىڭىزغا قويۇلغان سۇئاللار ئىنتايىن نۇرغۇن، ئۇنىڭ جاۋابلىرىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن بولۇشى مۇمكىن. ھايات مۇمكىنچىلىكلىرى ئىچىدىن يول تېپىپ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بۇيىچە ئىلگىرىلەپ كېتىۋېرىدۇ. ۋاقىتقا يۆگەن سېلىشنى، ئۆز قىممىتىڭىزنى تېپىشنى بىلەلىسىڭىز ۋە شۇنداقلا قىزلارغا خاس گۆزەل ئەخلاقنى ئۆزىڭىزگە يار قىلىپ ئالماستەك ئىرادە تىكلىيەلىسىڭىز، سىزنىڭ قىزلىق لاتاپىتىڭىز ۋە نازاكىتىڭىزدىن جاھان تەسىرلىنىپ، پۆتكۆل مۇھىتىڭىز باھار ئەييامىغا جۆر بولىدۇ. بەختنىڭ نەغمە ناۋاسىنى ياڭرىتىپ، ھايات سازىنى سازلىيالايسىز !
قىز بولۇپ يارىلىش پېشانىڭىزگە پۆتۆلگەنىكەن، سىز بۇ مۇقەددەس ئىرادىدىن ئۆزىڭىزنى چەكسىز بەختلىك سانىشىڭىز، قىز بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشىڭىز، ۋۇجۇدىڭىزغا قىزلىق پەزىلەتنى جەملەپ، سېھرى كۆچىڭىزنى قېزىشىڭىز، ھاياتتا ئىنسانلارغا پايدىلىقلا بولىدىكەن، ھەرقانداق ئىشقا ئىجتىھات قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلەرمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۆرۆپ قويۇشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرىڭىز ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل ۋە مايىل قىلالىسىڭىز، ھەي بەختلىك قىز، سىز بۇ دۇنيادا مەنىلىك ياشىغاننىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۆرگەن ھېسابلىنىسىز.
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ خىيالىدىنمۇ تېز قەدەملىرى ئىشىك ئالدىغىلا كېلىپ قالدى، ئۇ سىزنى ئۆز قەدىمىگە ماسلىشىپ يولغا چىقىشىغا تەقەززا قىلماقتا، ھالبۇكى سىز يەنىلا ئۆگىنىپ قالغان خۇي بىلەن سۆرەلمىلىك قىلامسىز ياكى ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ھەرقانداق يۇقىرى شەرتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتەلەمسىز ؟ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق - پەزىلەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ چولپاندەك پارلاپ تۇرغان قىزلىق نازاكىتى ۋە بۇ نازاكەت بەخش ئەتكەن لاتاپەت بىلەن قىزلار دۇنياسىدا يۆز بېرىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرگە، ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇشلارغا ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق جەڭ ئېلان قىلالامسىز ؟
سىز مانا شۇنداق قىلالامسىز ؟ چۆنكى سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا چەكسىز سېھرىي كۆچ كۆمۆلۆپ يېتىپتۇ، قىزلىق ئەدەب - ئەخلاق گۆللىرى خۇشپۇراق چېچىۋېتىپتۇ، ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا نازاكەت ۋە لاتاپەت بابىدا يىگانە چولپان بولۇپ قالىسىز، چۆنكى سىز دېگەن بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى ! |