ئىخچام تېما:ئاياللارنى چۈشىنەمسىز ؟

ئاياللارنى چۈشىنەمسىز ؟

ئاپتور:ay~chiwa…      ۋاقىت:2008-02-09 13:39:42   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئايال

تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دېققەت قىلىڭ ، سىزنىڭ ئاياللارنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى تىگىپ قالغۇسى...

        1 . ئاياللارنىڭ كۈچى چىدامچانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ .


         ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى خىمىيىلىك تەركىب ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ . ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ماي ماددىسى كۆپ ، مۇسكۇللار ئازراق بولغانلىقتىن ، ئاياللارنىڭ چىدامچانلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ . مەسىلەن ، يېشى ، سالامەتلىكى ئوخشاش بولغان ئەر - ئايال ئۇزۇنغا يۈگۈرگۈچىنىڭ ئىچىدە ئايال گەرچە ئەردەك تېز يۈگۈرەلمىسىمۇ ، لېكىن ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزاقراق يۈگۈرەلەيدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم يۈگۈرۈش جەريانىدا بەدىنىدىكى گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " غا ئايلىنىدۇ .

          لېكىن ، گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " چەكلىك بولغاچقا ، بەدەندىكى ماينىڭ داۋاملىق " يېقىلغۇ " بولۇپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ . كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دەپۈس مەكتىۋىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، ئاياللارنىڭ تېنىدە 25 پىرسەنت ماي ماددىسى ، ئەرلەرنىڭ تېنىدە 15 پىرسەنت ماي ماددىسى بولىدىكەن . شۇڭا ، گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بەدىنىدىكى ماي ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تولۇپ - تاشقان جىسمانىي ، مەنىۋىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدىكەن .


          بىراق ، ئەرلەر بولسا ئاسانلا ھېرىپ قالىدىكەن . ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ياش ئەر - ئايال بولۇپ ، ئېرى دائىم : " ئايالىم بەك ئاجىز ، شامال چىقسىمۇ ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ ، ھەتتا مۇراببا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنىمۇ ئاچالمايدۇ ، بازاردىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاندا ، مەن بولمىسام نەرسىلەرنى ماشىنىغىمۇ سالالمايدۇ ........ " دەيدىكەن . بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ مۇز تېيىلىپ ئوينىغان . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ، كرېسلوغا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالغان . لېكىن ، ئايالى بولسا كەچلىك تاماقنى ئېتىپ ، تاتلىق تۈرۈملەرنى پىشۇرۇپ ئارام ئالماي ئىشلەپ كەتكەن . ئېرى تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالغان . لېكىن ئايالى پوپايكا توقىغاچ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان . ئازراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان . ئېرى بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ ، ئايالىم ئادەتتە يالغاندىن ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مېنى ئىشقا سالىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ قالغان .


          ئەمىلىيەتتە ئۇ ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن .

 

         2 . ئاياللار بىۋاستە سىزىمغا تايىنىپ شەيئىلەرنى كۈزىتىشكە ماھىر بولىدۇ .

         ئادەتتە سول مېڭىسى تىل ئىقتىدارىنى ، ئوڭ مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈ قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدۇ . قىزلارنىڭ سول مېڭىسى ئوغۇللارنىڭكىگە قارىغاندا تېز تەرەققى قىلىدۇ ، ئوغۇللارنىڭ ئوڭ مېڭىسى قىزلارنىڭكىدىن بالدۇر يېتىلىدۇ . شۇڭا ، قىزلارنىڭ سۆز ، يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ .


         ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەر - ئاياللارنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ پەرقىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ . ئەرلەر كىتاب ئوقۇغاندا ئاساسەن سول مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ . خەرىتە ئارقىلىق بىرەر جاينى ئىزدىگەندە ئوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ . لېكىن ، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشنى بۇنداق بۆلۈۋالمايدۇ . كۆرۈش سەزگۈسى قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدىغان ئوڭ مېڭىسى تىل قابىلىيىتىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ .


         تىل قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدىغان سول مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈسىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ . شۇڭا ، ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى بۆلىكىدىن تەڭ پايدىلىنىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ . بۇ بىر خىل بىۋاستە سەزگۈنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدۇر . شۇڭا ، ئاياللار باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى زېھىن قويۇپ بىلەن ئاڭلاش بىلەن بىرگە ، سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسسىياتى ، كىيىنىشى ، ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ . باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە سۆزلىگۈچىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشتا ئاياللار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ .

 

         3 . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .


         ئاياللار ئېرى بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ . ئەر - ئاياللار ھېسسىياتىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . بىراق ، نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئايالى بىلەن بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ .


         ئاياللارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى ------ ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ، كۆيۈنۈش ، ئىللىقلىق ، مۇھەببەتتۇر !

         مەنبە : " ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار " ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

 

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئىزدىنىش تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى