ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:خانىم - قىزلاردىكى ئانانىزىم ئادىتى

خانىم - قىزلاردىكى ئانانىزىم ئادىتى

ئاپتور:نامسىز      ۋاقىت:2008-9-23 19:19:29   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئانانىزىم,قولدا لەززەتلىنىش

قىزلاردا داۋام قىلغان ئانانىزىمدا تۇغۇتقا تەسىر يېتىشى ناتايىن. لىكىن قول ياكى باشقا ئۈسكۈنە ئارقىلىق يەرلىك ئورۇننى سۈنئىي غىدىقلاپ لەززەتلىنىش بىر مۇددەت تەكرار داۋام قىلىش نەتىجىسىدە ياللۇقلىنىش، شەلۋەرەش بولۇپ ئادەت قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، قان ئازلىق ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئۇنتۇغاقلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مومكىن.

            قولنىڭ ياكى غىدىقلاشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىق سەۋەبتىن يۇقۇملىنىش، ياللۇغ ئىغىرراق بولسا ئايال دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ. قىزلىق پەردىسى مەسىلىسىگە بىر نەرسە دېمەك تەس، بۇنى ئايال دوختۇر كۆرۈپ بىلەلەيدۇ.


            ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش مەيلى ئوغۇللاردا ياكى قىزلاردا بولسۇن بۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن يالغۇز ياشاش ، مەزمۇنى شەھۋانىي تۈس ئالغان پاراڭ ، كىتاب-ژورنال، كىنو-فىلىم قاتارلىقلارنى كۆپ كۆرۈش، تار كېيىملەرنى كېيىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى تۈكلەرنى پاكىز ئىرىغدىماسلىق، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن لەززەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلاش...قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدىن فىزئولىگيلىك جىنسىي تەلەپنىڭ نېرۋىنى غىدىقلىشى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ يالغۇز قالغان مەلۇم بىر كۈندە ئانانىزىمغا كىرىشىپ قالىدۇ. ھەر قېتىم ئانانىزىم قىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئازغىنە لەززەتلەنگەندىن سىرت ئانانىزىم ئاياغلاشقاندا پۈتۈن بەدەن بوشىشىپ ئۆزىدىن سەسكىنىش ، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مۇرەككەپ پىسخىكىلىق زىددىيەت ئىچىدە قالىدۇ. بۇ ئەھۋال قىز-يېگىت ھەر ئىككىلا جىنىستا يۈز بىرىدىغان ئورتاقلىقتۇر.


            بۇ خىل ئەھۋال بىر مۇددەت داۋام قىلغاندىن كىيىن جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىش- پۇت-قوللار ئېغىرلىشىپ ئاسان چارچايدىغان، كۆز ئاستى قورۇق، كۆكۈش بولۇپ قالىدىغان، چىرايى سۇلغۇن ، نۇرسىز بولۇپ قالدۇ. ھەم يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك جىنسىي ئەزا ياللۇقلىنىش، شەلۋەرەش بولۇپ ئادەت قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، قان ئازلىق ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئۇنتۇغاقلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. پىسخىكىلىق جەھەتلەردىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاش، ئۈمۈدسىزلىك، ئۆزىدىن بىزار بولۇش، يالغۇزلۇقنى خالاش قاتارلىق ئاجىزلىقلار پەيدا بولىدۇ.


            بۇنى داۋالاشتا روھىي جەھەتتىن تەربىينى ئاساس قىلىپ ئىمكان بار بىمارنى يالغۇز قويماسلىق، مەزمۇنى ساغلام، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان، ئۈمۈتۋارلىق تۈسىدىكى پاراڭلارنى قىلىپ بىرىش، ئانانىزىمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىىن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان ئېغىر زىيانلىق قىلمىش ئىكەنلىكىنى سەبرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ،بىرەر ئەردەن چىققان تۇل دوستى بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش، رومان، ھەمدە مۇھەببەتلىك ، رومانتىك كىنو فىلىملەرنى شۇ ئادەتتىن قول ئۈزەلىگىچىلىك كۆرمەسلىك، ۋاقتىدا ياتلىق قىلىۋىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ. ئانانىزىمدىن تولۇق قول ئۈزگەندىن كىيىن ياللۇقلىنىش ۋە بەدەن ئاجىزلىقى بولۇپمۇ نېرۋا ئاجىزلىقىغا قارىتا داۋالىنىش ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا بىمارنىڭ ئەمەلىي مىجەز ئەھۋالىغا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرلىدۇ.

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى