|
ھازىرقى دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھكسۇن تۇزەش مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئادەم گۇزەللىكنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان قاشنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم شۇڭلاشقىمۇ ئەجدادلىرىمىز(ئالدى سۆلىتىڭ قېشىڭ، كەينى سۆلىتىڭ چېچىڭ) دېگەن مەشھۇر ماقالىنى قالدۇرغان.
قاش تېرىش ئىنچىكىلىك تەلەپ قىلىدىغان بىرخىل نازۇك ئىش.
قاش تەرگەندە تەبىئىي قاش ئاساس قىلىنىشى ، قاشنىڭ ئىنچىكە توملۇقى ۋە ئەگمىلىكى شۇ ئادەمنىڭ يۇزى، كۆز قاپىقى ۋە پۇتۇن بەدەن قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۇرلۇشى كېرەك. يۇزى كەڭ ھەم سېمىز، ئۇستىخانلىق ئاياللار قېىشىنى بەك ئىنچىكە ياسىۋالسا، قاشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى باشقا ئەزالار بىلەن ماس كەلمەي قالىدۇ.
يۇزى كىچىك،ئۇرۇق،بوي-بەستىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەسلەر قېشىنى بەك كەڭ ياسىۋالسا، نازۇكلۇقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
كۆزى بىلەن قېشىنىڭ ئارىلىقى يېنىلار قاشنى پەسەيتىپ ياسىۋالسا، قاش-كۆزى تېخىمۇ يېقىنلاپ كەتكەندەك كۆرىنىدۇ.
يۇزىنىڭ تۇزۇلىشى تۆت چاسراق ياكى سوزۇنچاقراق كەلگەنلەردىن قېشىنى تۇز قىلىپ ياسىغانلار يۇزىنىڭ تۇزۇلىشى يۇمىلاق كەلگەنلەردىن قېشىنى ياي شەكىلدە ياسىغانلار، شۇنداق ياسسا قاش چىرايلىق بولىدۇ. دەپ ئويلاپ ئەسلىدىكى قېشىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەنىلا تەبىئي قاشنىڭ ئاساس قىلىنغىنى ياخشى.
نوقۇل ھالدا قاش تېرىش-گۇزەل بولۇش دېمەكتۇر، دېيىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. بەزىلەرنىڭ قاشقا ياندىشىپ ئۆسكەن ياۋا قېشى ئۆزىگە تەسۋىرلىگۇسىز تەبىئىي گۇزەللىك بېغىشلايدۇ.....
قىزلار قاش تېرىشنى بەك بالدۇر باشلىۋالماسلىقى كېرەك چۇنكى ياش قىزلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا قاشنى ئۇزۇن مۇددەت تېرىۋەرسە قاش ئورنىدا داغ پەيدا بولۇپ قېلىشى ياكى قاپاق ساڭگىلاپ كېتىشتەك ئەكىسچە ئەھۋاللار يۇز بېرىشى مۇمكىن.
قاش تەرگەندە تېرىنى قول بىلەن بېسىپ تۇرۇپ تېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قاپاق ساڭگىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى شۇنداق بولۇپ كەتمەلىكنڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
|