|
1. يۇز قۇرۇلۇشى قىسقا ، كەڭ ياكى يۇزىنىڭ ئۇستى تار، ئاستى كەڭ، كۆزى چوڭ،يۇمىلاق كەلگەنلەر...
2.ئېڭىكى تار ياكى ئېڭىكى تۆۋەندىكىلەر.
3.كۆزى كىچىك ،كۆز چانىقى تارلار.
4.كۆزى ئالىغاي ياكى يۇقىرىقى قاپىقى ھەددىدىن زىيادە ساڭگىلاپ كەتكەنلەر.
5.ئاسان تارتۇق قالىدىغانلار، قان سېستىمىسى كېسەللىكى ،قان سېيىش كېسەللىكى، يۇرەك كېسللىكى بارلار.
6. 18ياشتىن تۆۋەن 48ياشتىن يۇقىرىلار.
7. زۇكام بولۇپ قىزىۋاتقان، يۆتىلىۋاتقان، ھەيز كېلىۋاتقانلار....
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشتىن ئۇچ كۇن بۇرۇن، كۆز دورىلىرىنى كۇندە ئۇچ قېتىم كۆزگە تېمىتىپ تۇرۇش كېرەك.
ئوپراتسىيدىن كېيىن كۆزنى كۆپ ئاچماي دەم ئالدۇرۇش، يەللىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. ئوپراتسىيدىن كېيىن كۆزنىڭ ئىششىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىششىق تەدرىجىي يېنىپ كېتىدۇ، ئۇچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە رەسمىي ساقىيىپ بولىدۇ.
قوش قاپاق ئوپراتسىيسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ئوپراتسىيسى بولۇپ، ئوپراتسىيە سۇپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى گۇزەللىك ئۇنۇمگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئوپراتسىيدىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك دوختۇرلارغا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ياخشى ئىشتىن يامان ئاقىۋەت چىقىپ ئۇخلىسا ئىككى كۆزى يۇمۇلمايدىغان،ئىككى كۆزى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان،كۆزنىڭ قېتى ھەددىدىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ كېتىدىغان ھەتتا ئالىغاي بولۇپ قالدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
|