ئىخچام تېما:زىبۇ-زىننەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر

زىبۇ-زىننەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر

ئاپتور:روزى…      ۋاقىت:2008-06-29 14:30:57   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  زىبۇزىننەت

تۆۋەندە قىسمەن زىبۇ-زىننەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز .

 1.  ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش رادىئو-ئاكتىپلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئامىرىكىلىق بىر ئايال قولىغا توي ئۈزۈكىنى سېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈزۈك سالغان بارمىقىنىڭ تېرىسى قىزىرىپ، بارمىقى ئىششىپ كەتكەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە راك كېسلى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ بارمىقى بىلەن ئالقىنىنىڭ يېرىمى ئوپراتسىيە قىلىنىپ كېسىپ تاشلانغان.

كېيىن بۇ ئۈزۈكنى تەكشۇرگەندە ئۇنىڭدا<<رادىئو-ئاكتىپلىق ئېلېمېنىت >> بارلىقى بايقالغان. دەل مۇشۇ ماددىلار بۇ ئايالغا بەخىتسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئىش ئامېركىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. نىيۇ-يورك شەھرىدىكى بىر سەھيە بۆلۇمى 1000دەك زىننەت بۇيۇمىنى تەكشۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 70نەچچە زىننەت بۇيۇمىدا رادىئو ئاكتىپلىق ئېلېمىنىتلار  بارلىقىنى بايقىغان، ئەسلىدە بەزى رادىئو ئاكتىپلىق ئېلىمىنىتلار مەسىلەن:كوبالىت، پۇلۇنىي، رادىي قاتارلىقلار دائىم ئالتۇن كانلىرىغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئالتۇننى قېزىپ ئېلىش،تاۋلاش ۋە زىننەت بويۇملىرىنى ياساش جەريانىدا، ئاز مىقداردىكى رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار يەنىلا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. كېشىلەر بۇ خىل رادىئو ئاكتىپلىق ئېلىمىنىت ئارىلاشقان زىننەت بويۇملىرىنى تاقىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇزۇن مۇددەت رادىئاتسىينىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ،رادىئوكتىپلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالىملار كېشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار كېشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇ نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئۆتۇپ ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ سان مىقدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى يىلىك ۋە جىنسىي سېستىمىسىدا يامان سۇپەتلىك كېسەللىك .ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.


    2.ئالتۇن زىننەت بويۇملىرى تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تېرىسى زىيادە سىزىمچان ئادەملەر زىننەت بويۇملارنى تاقىغاندا زىيادە سېزىمچانلىق تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، ئەڭ ياخشىسى ساپ ئالتۇن ياكى ساپ كۇمۇشتىن ياسالغان زىننەت بويۇملىرىنى تاقاش، خروم يالاتقان ياكى نېكىل يالاتقان زىننەت بويۇملىرىنى تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك.


    3.مارجان كېسىلى

     بويۇن تېرىسى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، مارجان تاقىغان جاي ئوڭايلا زەخمىلىنىپ، قىسمەن جاينىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىۇ، شۇڭا، ئىستىمالچىلار مارجان سېتىپ ئالغاندا نەپىس ئىشلەنگەن، سۇپەت جەھەتتىن ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بويۇمىدىن قېلىشمايدىغان بويۇملارنى تاقاپ ئېلىشى،خروم نېكىل سىماب يالاتقان ياكى ئالىيومىن، قەلەيگە ئوخشاش قېتىشما بويۇملاردىن ياسالغانلىرىنى ئالماسلىقى كېرەك، يۇيۇنغاندا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بويۇندىكى مارجاننى ئېلىپ پاكىز رەخىت پارچىسى بىلەن تازىلاپ، كېسەللىك مىكروبى بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر قېتىم يۇزىنى يۇغاندا بوينىنىمۇ قوشۇپ يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


   4.ئۈزۈك كېسىلى

    ئۈزۈك بەك كىچىك بولۇپ ، قولنى قىسىپ كەتسە، قول بارماقلىرىنىڭ مەلۇم قىسمى بېسىمغا ئۇچراپ، قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماسلىق تۇپەيلىدىن مۇسكۇللارنىڭ ھەتتا سۆڭەكنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم كېسەللەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان دوختۇر سېستىرلار قولىنى دائىم يۇيۇپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۈزۈككە باسۇرلۇپ قالغان تېرە ئاسانلىقچە تازىلانمايدۇ -دە كېسەللكىك مىكروبلىرى ئۇ يەردە ساقلىنىپ قېلىپ ئاسانلا باشقىلارغا يۇقىدۇ. يېمەكلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئۈزۈكنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇنغان كېسەللىك مىكروبلارنى يېمەكلىكلەرگە يۇقتۇرىدۇ. شۇڭا، يۇقىرقى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىش ئۇستىدە ئۈزۈك تاقىماسلىقى كېرەك.


   5.ھالقا كېسىلى:

    ھالقىنى تاقاش ئۇچۇن قۇلاقنى تەكشۇرگەندە دىزىنفىكسىيە قىلىش ۋە مىكروبسىلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىغاندا، قۇلاقنىڭ تۆشۇكىدە بەزى غەيرىي ماددىلارنىڭ قېپقېلىشى بىلەن قۇلاق يۇقۇملىنىدۇ. يېنىك بولغاندا، قىسمەن جايلاردا يېرىڭلاش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كۆرىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا قاتما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چەت ئەللەردە ئىلگىرى قاتما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ستاتىستىكا قىلغاندا بۇنىڭ ئچىىدە 16پىرسەنىتى قۇلاقنى تەكشۇرۇشتىن كېلىپ چىقانلىقى بايقالغان، بۇنىڭدىن باشقا قۇلاقنى تەكشۇرۇش ب تىبلىق جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولىدۇ. شۇڭا قۇلاق تەشكۇرگۇچىلەر دېزىنفىكسىيگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«قىز ئاياللارنىڭ مەخپىيەتلىلىكى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى