ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:سۇ ۋە سالامەتلىك

سۇ ۋە سالامەتلىك

ئاپتور:لالە      ۋاقىت:2008-11-9 13:44:23   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  سۇ,سالامەتلىك

يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلاش، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

پەرىدە غوپۇر

             ئۇنداقتا، كۈندە قانچىلىك سۇ ئىچىش كېرەك؟

             ئادەتتە، ئادەم كۈندە ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارى، بەدەندىكى سەرپ بولغان سۇنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك. كۈندە چىقىرىلىدىغان سۈيدۈكنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 1500مىللىلىتىر بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە چوڭ تەرەت، نەپەس جەريانىدا چىقىرىلىدىغان سۇ ۋە تېرىدىن پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغان سۇلار قوشۇلۇپ، ئومۇمىي سەرپ بولىدىغان سۇ تەخمىنەن  2500 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ.

             لېكىن ئادەم بەدىنى كۈندە يېمەكلىكتىن ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا تولۇقلايدىغان سۇنىڭ مىقدارى ئاران 1000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا نورمال ئادەم كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ  1500مىللىلىتىر، يەنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىشى كېرەك.

             دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ۋە تاماق يەۋاتقاندا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندا سۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇنى، ئادەتتە، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە كۈندۈزى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش، ھەم بۇنى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشنىڭ ساغلاملىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار.

                1. سۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندە سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاشقازان –  ئۈچەي ۋاقتىدا تازىلانغانلىقتىن، چوڭ تەرەتمۇ يىغىلىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان – ئۈچەي يېنىك دەرىجىدە غىدىقلىنىپ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

                2. سۇنىڭ زەھەر ھەيدەش رولى بولىدۇ. بەزىلەر كەچلىك تاماقنى كۆپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن، كەچتە ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان ھايۋانات ئاقسىلى ۋە تۇز كۆپرەك بولىدۇ. ھايۋانات ئاقسىلى بەدەندە پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، سۈيدۈك ھەيدەش ئارقىلىق، زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.

                3. سۇ ئىچىپ بەرگەندە، قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن  تۇرغاندىن كېيىن دەرھال بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىۋەتكەندە، ئالدىنقى كۈنى كەچلىك تاماقتا بەدەن قوبۇل قىلغان تۇزنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

                4. يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، بەدىنىدىكى سۇلار سۈيدۈك، تەر ۋە نەپەس ئارقىلىق ئازىيىپ، قاننىڭ قۇيۇقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قان تومۇرى دىۋارى ۋە قاننىڭ سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دائىم دېگۈدەك يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان ئارتېرىيىدە قان يېتىشمەسلىكنى، ھەتتا ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆپ ھاللاردا، سەھەردە ياكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ. ياشانغانلار سەھەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە قان تومۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، بۇ ئارقىلىق يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە سۇ ئىچكەندە قايناق سۇ ئىچىش كېرەك. ئىچكەن سۇنىڭ مىقدارى ئادەتتە 200 ~ 400 مىللىلىتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. سۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاشقازانغا پايدىسىز بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.


                سۇ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

                1. قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك. قاينىتىلمىغان سۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ھەر خىل مىكروبلار بولىدۇ. تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بىر تېمىم سۇ تەركىبىدە تەخمىنەن 40 مىڭ دانە باكتېرىيە بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە پارازىت قۇرت تۇخۇملىرىمۇ بولۇپ، كېزىك، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىلىرى سۇدا بىر ئايغىچە ھايات كەچۈرەلەيدىكەن، بۇ باكتېرىيىلەر قورساققا كىرگەندىن كېيىن، ئادەمدە ئاسانلا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان – ئۈچەي يەللىكى، كېزىك ياكى تولغاق قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

                2. ئۇسساپ كەتكەندە، بىر قېتىمدىلا جىق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. بىر قېتىمدىلا سۇنى كۆپ ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدا چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ مىقداردىكى سۇ ئاشقازان – ئۈچەيگە يىغىلىپ قېلىپ، ئادەمدە قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق.

                3. كۆپ تەرلىگەندە تۇزلۇق سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. كۆپ تەرلىگەندە، بەدەن كۆپ مىقداردا سۇنى خورىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ، سۇسىزلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. لېكىن بەك تەرلەپ كەتكەندە، تەرنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى تۇزمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا تەركىبىدە تۇز بولغان قايناق سۇنى ئىچىپ بېرىش لازىم. ئادەتتە 500 مىللىلىتىر سۇغا بىر گرام تۇز قوشۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«تەڭرىتاغ تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى