ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇشتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇشتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئاپتور:ئارز…      ۋاقىت:2008-10-6 22:03:18   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  جىددىي قۇتقۇزۇش,خاتا باسقۇچ

تۆۋەندە ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇشتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

 
    بىرىنچىدىن، ھودۇقۇپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قېلىشتىن ساقلىنىش.
بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، مەسىلەن: توك سوقۇۋەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا ئالاقزادە بولۇپ قول بىلەن تۇتسا، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىمۇ توك سوقۇۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ، توك سوقۇۋەتكەن ئادەمنى ياغاچ كالتەك، بامبۇك تاياق قاتارلىق توك ئۆتكۈزمەيدىغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ توك مەنبەئەسىدىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشسە بولىدۇ.
 
     ئىككىنچى، خالىغانچە يۆتكەشتىن ساقلىنىش:
    كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە جىددىي قۇتقۇزۇش، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ خالىغانچە يۆتكىمەسلىك، بولۇپمۇ سۆڭىكى سۇنغان، مېڭىسىگە قان چۈشكەن، باش سۆڭىكى زەخمىلەنگەنلەرنى يۆتكەشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

     ئۈچىنچى، يېقىندىكىنى تاشلاپ، يىراقتىكىگە يۈگۈرۈشتىن ساقلىنىش.
   يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشتا، ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتىكى توختۇرخانىلارغا ئاپىرىش لازىم. بولۇپمۇ يارىدارلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ۋە نەپىسى توختاپ قاللاي دېگەن بولسا، ئۇلارنى يىراق توختۇرخانىلارغا ئاپىرىشقا ئۇرۇنماسلىق لازىم.

    تۆتىنچى، قالايمىقان بىر تەرەپ قىلىشتىن ساقلىنىش.
     ئاغرىقلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايمىقان بىر تەرەپ قىلغاندا، ئەكسىنچە ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. مەسىلەن: كىچىك ياكى چوڭقۇر جاراھەتلەرنى ئويلانمايلا تېڭىپ قويۇپ، ئۇنى تازىلاپ ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغاندا، ھەممىشە ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؛ قۇرساق قىسمى زەخمىلەنگەنلەرنىڭ ئۈچەيلىرىنى زورمۇزور ئىچىگە تىقىپ قويغاندا ، يۇقۇملىنىش خەۋىپى بولىدۇ.
  
     بەشىنچى، قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش.
     ئائىلىدە جىددى قۇتقۇزغاندا ھەرگىز قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك لازىم. مەسىلەن: قۇرسىقى جىددىي ئاغرىپ كەتكەنلەر ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ قېلىپ، توغرا ھۆكۈم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ.
 
   ئالتىنچى، قالايمىقان ئىچىملىك ئىچكۈزۈشتىن ساقلىنىش.
   نۇرغۇن كىشىلەر ئاغرىقلارغا قىزىق چاي، قايناقسۇ ئىچكۈزسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللەتكىلى بولۇشى مۇمكىن، دەپ خاتا ئويلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق.

   يەتتىنچى، ھەممىلا ئاغرىقنى تۈز ياتقۇزۇشتىن ساقلىنىش.
   ئاغرىقلارنى ياتقۇزۇش ھالىتىنى ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەش لازىم، مەسىلەن: ھوشىنى يوقاتقان ئاغرىقلارنى يېنىچە تۈز ياتقۇزۇش؛ يۈرەك مەنبەلىك ھاسىرىغۇچىلارنى ئولتۇرغۇزۇش ھەمدە ئورۇندۇقنىڭ ئارقا يۆلەنچۈگىگە سەل يۆلەندۈرۈش؛ قۇرسىقى جىددىي ئاغرىپ كەتكەنلەرنى تىزىنى پۈكۈپ ئولتۇرغۇزۇش؛ مېڭىسىگە قان چۈشكەن ئاغرىقلارنى بېشىنى ئىگىز، پۇتىنى پەس قىلىپ تۈز ياتقۇزۇش لازىم.

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«باس-باس تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى