|
تەييار چۆپ تەييار چۆپ تەركىبىدە بەدەنگە پايدىسىز بوياق ماددىسى بىلەن چىرىتماس دورا قاتارلىقلار بار .
پىلتە قۇيماق پىلتا قۇيماق تەركىبىدە زەمچە بار . زەمچە تەركىبىدە ئاليومىن بولغان ئانئورگانىك ماددىدۇر . پىلتە قۇيمقنى ھەر كۈنى ئىستېمال قىلغاندا ، بۆرەكنىڭ ئاليۇمىننى سىرتقا چىقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراپ ، چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا ھۈجەيلىرى زەھەرلىنىدۇ ، ھەتتا ياشانغانلاردا دېۋەڭلىك كېسىلى كۆرۈلىدۇ .
تېتىتقۇ(ۋېيجىڭ) تېتىتقۇنى كۈنىگە كۆپ بولغاندا ئالتە گرام ئىستېمال قىلسا مۇۋاوىق ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا ، قىسقا مەزگىللىك باش ئاغرىش ، يۈرەك سېلىش ، كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ ، ئادەمنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ .
ئېچىتىلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئېچىتىلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدە پارلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە نۇرغۇن ئىشقارلىق ئازوت ھەم ھىدرو سولفىت قاتارلىقلار بار ، بۇلار ئاقسىلدىن ئاجرىلىپ چىققان چىرىگەن ماددىلاردۇر .
ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم بۇ دائىم ئىستېمال قىلىنسا ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى ، يەنە كالتىسىي كەمچىل بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ .
تۇزلانغان كۆكتات تۇزلانغان كۆكتات ياخشى تۇزلانمىسا ، فوسفوروئۇس ئامىن كىسلاتاسى زىيادە كۆپىيىپ كېتىپ ، راك پەيدا قىلىدۇ .
گازىر گازىر تەركىبىدە تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار . كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ، بەدەندىكى نۇرغۇن فولىن خوراپ ، جىگەر ھۈجەيلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
قوي – كالا گۆشى كاۋىپى گۆشنى قاقلاپ پىشۇرغاندا بېنزوپرېنغا ئوخشاش زەھەرلىك ماددا ھاسىل بولىدۇ ، شۇڭا قوي – كالا گۆشى كاۋىپى كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ، راك پەيدا قىلىدۇ .
پالەك پالەكتە ئوزۇقلۇق مول ، بىراق ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا بولغاچقا ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى قىممەتلىك ئېلېمېنت سىنىك بىلەن كالتىسىي ئوكسالىك كىسلاتا بىلەن بىرلىشىپ ، بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە سىنىك ، كالتىسىي كەملىك كۆرۈلىدۇ .
ئابدۇرېھىم توختى تەرجىمىسى |