ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:تاماكا ۋە ئوزۇقلۇق توغرىسىدا

تاماكا ۋە ئوزۇقلۇق توغرىسىدا

ئاپتور:شاكى…      ۋاقىت:2008-10-6 22:13:31   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  تاماكا,ئوزۇقلۇق

خمىيىلىك تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۆك تاماكا تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق 20 خىلدىن ئارتۇق ماددا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىكوتىننىڭ مىقتارى ئەڭ كۆپ، ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بىر ئادەم بىر تال تاماكا چەككەندە ئالتە سېكونت ئۆمرى قىسقىرايدۇ.



     نۆۋەتتە دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئادەم تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك  كېسەلىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىليون ئادەم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، بىر مىليون ئادەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە، تاماكا چېكىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تاماكا نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.

     تاماكا چېكىش بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار دىگەندە، تاماكا چېكىش ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر تال تاماكا 25 ـ 100 مىللىگىرام ۋېتامىن س نى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر ئوزۇقلۇقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەر نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. بولۇپمۇ ۋېتامىن  ئا، ۋېتامىن س، ۋېتامىن يې، سېلىن، قاتارلىق ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنى تۇلۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.

     تاماكا چېكىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر تەخمىنەن 40 خىلدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى راك كېسەللىكلەرنىڭ تۈرىلا ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئېغىز بوشلۇقى راكى، كاناي راكى، ئۆت خالتىسى راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى قاتارلىقلار.


     نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا چېكىشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر پايدىلىق تەرىپى پەقەت %1، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى 100 ھەسسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. 20 يىل تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەن ئادەمگە قارىغاندا 20 ھەسسە يۇقىرى؛ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

     تاماكا چېكىش ئەتراپتىكى كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئادەم تاماكا چەككەن ۋاقىتتا  تەخمىنەن %50 نىكوتىن تاماكا ئىسلىرى بىلەن بىرگە ھاۋاغا تارقىلىدۇ، %20 نىكوتىن ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، %25 نىكوتىن كۆيۈش جەريانىدا بۇزلىدۇ، %5 نىكوتىن تاماكا قالدۇقىدا قېپقالىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا ئىس قاپلاپ كەتكەن مۇھىتتا تۇرغاندا گەرچە تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم بولسىمۇ، ئوخشاشلا نىكوتىننىڭ زىيىنىغا ئۇچىرايدۇ. بەلكىم قۇبۇل قىلىدىغان نىكوتىن مىقتارى تاماكا چەككۈچىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.

     تاماكا ساغلام بەدەننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. تاماكا چېكىشنىڭ ئەڭ بىۋاستە خەتىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا كۆرۈلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىشىچە، ئۆسمىنىڭ چوڭىيىش نىسبىتى تاماكىنىڭ مىقتارى بىلەن بىردەك بولىدىكەن. تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10 ـ 50 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئىسسىق ھەم قۇرۇق بولغان تاماكا ئىسى پۈتۈن نەپەسلىنىش يوللىرىنى بىۋاستە غىدىقلىغاچقا، تاماكا چىكىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا زۇكام، نەپەس يوللىرى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەنلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى ياكى شاخچە كاناي ياللۇغى بولىدىكەن.

    تاماكا چېكىشنىڭ دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنى قاندىكى قەنت مىقتارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا بىۋاستە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە نېرۋىلارنى كونتىرول قىلىپ، ناھايىتى ئاسانلا نېرۋا كېسەللىكلەرنى قوزغىتىدۇ. يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ھەم يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ نەپەس يوللىرى يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلاش رولى بولۇپ بولۇپ، نەپەسلىنىش يوللىرىنىڭ يۇقىملىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىئابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، دىئابېت كېسىلى بارلار ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك لازىم.

    كۆك تاماكىنى ئەڭ بالدۇر ئىستېمال قىلغانلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار بولۇپ،  ئىندىئانلار كەشىپ قىلغان كۆك تاماكا ناھايىتى ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تالقالغان. ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر تاماكىنىڭ بەلگلىك دورىلىق قىممىتى بار دەپ قارىغان. ئىلىم - پەننىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بولۇپمۇ تىببىي تەتقىقات ئىلمىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر تاماكا چېكىشنىڭ خەتىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ تاماكا چېكىش بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورىگەرلىك ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرىنىڭ زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئۇلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى يېمەكلىك تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئامىنو كېسلاتانىڭ نىكوتىننىڭ زەھەرنى نېيتراللاش رولى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئەگەر مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلسا، تاماكا تاشلاشقا ئامالسىز قالغان بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئازىراق چىقىش يولى  كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«باس-باس تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى