ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:ئەر-خوتۇن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن سۈنئىي  ئۇرۇقلاندۇرۇپ تۇغدۇرۇلغان پەرزەنتلەرنى كىم باقىدۇ؟

ئەر-خوتۇن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇپ تۇغدۇرۇلغان پەرزەنتلەرنى كىم باقىدۇ؟

ئاپتور:نامەلۇم      ۋاقىت:2008-2-21 19:49:10   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش

مۆمىن بىلەن ساجىدە باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 1998 – يىلى توي قىلغان، بىراق توي قىلىپ ئۈچ يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىغان. كېيىن پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكىلىق يېتەكلەش تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۆمىننىڭ ئۇرۇقى پۈچەك بولۇش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

          ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ساجىدە 2001 – يىلى 3 – ئايدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، شۇ يىلى 12 – ئايدا بىر قىز تۇغقان. كېيىن ئەر – ئايال ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇرۇش – تالاش بېسىقماي، بىر – بىرىدىن كۆڭلى قالغان ھەمدە ساجىدە بۇ يىل 1 – ئايدا سوتقا ئەرز قىلىپ مۆمىن بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا قوشۇلغان، بىراق بالىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەسىلىسىدە تالىشىپ قالغان.


           بۇ ھەقتە سوت مەھكىمىسىدە مۇنداق ئۈچ خىل پىكىر كېلىپ چىققان،

          بىرىنچى خىل پىكىردىكىلەر بالىنى چوقۇم ئەر تەرەپنىڭ بېقىشىغا بۇيرۇش كېرەك، چۈنكى ئەر تەرەپنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدار يوق، دەپ قارىغان.

          ئىككىنچى خىل پىكىردىكىلەر بالىنى چوقۇم ئايال تەرەپنىڭ بېقىشىغا بۇيرۇش كېرەك، چۈنكى بالىنىڭ ئەر تەرەپ بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارىغان؛

          ئۈچىنچى خىل پىكىردىكىلەر بۇ دېلودا ئىككى تەرەپ بېقىشنى تالىشىۋاتقان بالا ئەر تەرەپنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن ھەر ئىككى تەرەپ بىردەك قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ تۇغدۇرۇلغاچقا، نىكاھلىق تۇغۇلغان بالا بولىدۇ، مۆمىن بالىنىڭ ئۆز دادىسى. نىكاھ قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئەر – خوتۇن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بالىنى بېقىش، تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. بالىنىڭ يېشى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىزچىل ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بۇيرۇش مۇۋاپىق، دەپ قارىغان. مەن ئۈچىنچى خىل پىكىردىكىلەرنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن.


شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.

 

 

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«پۇقرا تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى