|
بىرىنچى قىسىم : خاتا قىلىنغان خەتنە
- خەتنە قىلىنغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولغان ئوغۇل ھېچنېمە بولمىغاندەك ئويناپ يۈرىدىغۇ ؟ - دەپ سورىدى مەردان دوستىدىن.
- راست دەيسەن، بۇرۇنلاردە خەتنىسى قىلىنغان بالىلار ھەپتە – ئون كۈن ياتاتتى. ھازىر تۆت – بەش كۈندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغان بولدى. خەتنە دوختۇرخانىدا ئىلمىي ئۇسۇلدا قىلىنسا ھەم سۈپەتلىك، ھەم ساقىيىشى تېز بولىدىكەن ، - دەپ چۈشەنچە بەردى دوستى.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن مەردان كۆڭلىدە :«بىر نەچچە كۈن ئارتۇق تۇرساممۇ، ئوغلۇمنىڭ خەتنىسىنى مۇشۇ يەردە قىلدۇرۇپ كەتكىنىم ياخشى بولامدۇ – نېمە؟ » دەپ ئويلاپ قالدى. ئەتىسى ئۇ ئۆيىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىۋىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى.
2004 – يىل 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى مەردان ئوغلىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىغا كەلدى ۋە دوختۇرغا كېلىش مەقسىتىنى ئېيتتى. دوختۇر تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ خەتنە قىلىشقا تۇتۇندى. خەتنە قىلىش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بىر مەزگىل كۆزىتىشتىن كېيىن مەردان ئوغلىنى ئاۋايلاپ تاكسىغا چىقىرىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ خەتنە قىلىنغان ئورۇن قىزىرىپ، ئىششىپ، ئۈجۈك بېشى مونەكلىشىپ، شەلۋەرەشكە باشلىدى. 2004 – يىلى 12 – ئايدا مەردان دوختۇرخانىنى ئىزدىدى. دوختۇرخانا تەرەپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن :«خەتنە تولۇق بولمىغان، خەتنە قىلىشتا خاتالىق بار» دەپ يەكۈن چىقاردى ۋە قايتا داۋالاش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ مۇزاكىرىدىن كېيىن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى: «ئەرلىك كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ تېرە توقۇلمىسى ئالاھىدە ھەم ئېلاستىكىلىق بولىدۇ، بىمارنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي پەرق سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇندا يۇمىلاق تارتۇق پەيدا بولغان، يارا ئېغىزى تولۇق تۇتاشقاندىن كېيىن، تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقا بولىدۇ، ئوپېراتسىيىسىنى بىر ئايدىن كېيىن قىلسا مۇۋاپىق» دەپ قارىدى.
2005 – يىل 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى دوختۇرخانا قايتىدىن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدى. مۇرات بىلەن ئاتا – ئانىسى دوختۇرخانا تاشقى بۆلۈم بالنىتسىغا سەككىز كۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا دوختۇرخانا مەردانغا 12 مىڭ 425 يۈەن تولۇقلىما بەردى. مەردانمۇ دوختۇرخانىغا :«بۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانا بىلەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئالاقەم يوق، دەۋا قىلمايمەن» دەپ ھۆججەت يېزىپ بەردى.
مەردان مۇنداق دېدى:
- ئوغلۇمنى ئېلىپ يۇرتقا قايتىپ، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىدى، يارا ئېغىزى تۇتاشماي، ئۈجۈكى كىچىكلەپ، سۈيدۈك تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن 2005 – يىلى 8 – ئايدىن بۇ يىل 2 – ئايغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 – دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋالاتقان بولساممۇ، يەنىلا نەتىجىسى بولمىدى. 2005 – يىلى 9 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا بىمارنى تەكشۈرۈپ :«خەتنىلىكتە يېنىك دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق بار، خەتنە قىلغاندا ئۈجۈك بېغىشى كېسىۋېتىلگەچكە، ئۈجۈك بېغىشى قىسقىراپ كەتكەن» دەپ دىئاگنوز قويدى. 2005 – يىلى 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 – دوختۇرخانا :«بىمار زەخىملىنىشتىن كېيىن ئىنكاس خاراكتېرلىك روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان» دەپ دىئاگنوز قويدى. 2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى :«خەتنە قىلىنغاندىن كېيىن، يەرلىك ئورۇندا چەمبەرسىمان تارتۇق پەيدا بولغان، سۈيدۈك يولى يېنىك يۇقۇملانغان، 18 ياشقا توشقاندىن كېيىن قايتا داۋالاش كېرەك» دەپ دىئاگنوز قويدى. 2007 – يىل 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا داۋالاش ئىسپاتىدا «ئۇرۇقدان خالتىسى يۇقىرىغا قورۇلۇپ قالغان، ئۈجۈك كىچىكلەپ كەتكەن، يېرىم يىلدىن كېيىن قايتا ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولىدۇ» دەپ دىئاگنوز قويدى.
ئارىدا مەردان ئوغلىنى دەسلەپتە خەتنە قىلغان دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تۆلەم تەلەپ قىلدى. دوختۇرخانا تەرەپ 2006 – يىل 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۇنىڭغا :«خەتنە قىلغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇندا تارتۇق پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى چوڭ. بىز ئەينى چاغدا سىزنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، سىز بىلەن كېڭىشىش ئاساسىدا 12 مىڭ 425 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن، سىزمۇ: ‹بۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانا بىلەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئالاقەم يوق، دەۋا قىلمايمەن› دەپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. ئەمدىلىكتە قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەدلىيىلىك باھالاشنامە ئاساسىدا بىزدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىڭىز يوللۇق ئەمەس؛ بۇ ئىشنى ئالاقىدار تارماق داۋالاش ھادىسىسى بويىچە باھالىمىغان ئەھۋالدا، بىز تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئالالمايمىز. ناۋادا سىز داۋالاش ھادىسىسى بويىچە باھالاشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينىلىپ قالسىڭىز، بىز ياردەم يۈزىسىدىن باھالاش ھەققىنى تۆلەپ تۇرساق بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
يول سوتقا
تەرەپلەر كېلىشەلمىدى. مەردان مەسىلىنى دەۋا يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تاللىدى. بۇ يىل 4 – ئايدا ئۇ شىنجاڭ گۇاڭجېڭ ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىغا ھادىسىنىڭ سەۋەبى ۋە ئوغلىنىڭ مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇ ئورۇن (2007) 0143 – نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا:«مۇراتنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى ئەمەس، ئىنكاسى ئاستا، ئۈجۈكى كىچىكلەپ، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن، تارتۇق قالغان، ئۇرۇقدان يىگىلەپ، ئۇرۇقدان خالتىسى يۇقىرىغا تارتىشىپ قالغان. 5 – دەرىجىلىك مېيىپ بولغان» دەپ؛ [2007] 0151 – نومۇرلۇق باھالاشنامىدا ھادىسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە :«مۇراتنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئىككى قېتىم خەتنە قىلىنغانلىقى پاكىت. خەتنە قىلىنغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇندا تارتۇق پەيدا بولۇپ خەتنىلىك ئىششىپ، ئۈجۈكى كىچىكلەپ، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. تۇنجى قېتىملىق خەتنە قىلىشتا تېخنىكا مەشغۇلاتىدا خاتالىق بولغاچقا، زەخىملەنگەن ئورۇن چوڭىيىپ كەتكەن، ئىككىنچى قېتىمدىكى تۈزەش ئوپېراتسىيىسىدە تارتۇق ئورنى تېخىمۇ چوڭىيىپ، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى قولدىن كەتكەن. يارا ئېغىزى تۇتاشماي، ياللۇغلىنىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان؛ دوختۇرخانا ئىككى قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە بالنىست رەسمىيىتى ياكى ئوپېراتسىيە خاتىرىسى، كېسەللىك تارىخى ماتېرىيالى تۇرغۇزمىغان. بۇ داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ. مۇراتنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار» دەپ يەكۈن چىقاردى.
مەردان مۇشۇ ئاساستا بۇ يىل 5 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي زىيان تۆلەم دەۋاسى قىلىپ، دوختۇرخانىدىن تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن جەمئىي 240 يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن دوختۇرخانا داۋالاش ھادىسىسى بويىچە باھالاشنى ئىلتىماس قىلدى. سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسقا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېبەىي ئىلىم جەمئىيىتىگە بۇ ھادىسىنى باھالاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. مەزكۇر ئورۇن بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى باھالاشنامە چىقىرىپ :«دوختۇرخانىنىڭ داۋالىشىدا قائىدىگە خىلاپ ئەھۋال مەۋجۇت.
دوختۇرخانا ئىككى قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە ھېچقانداق يازما خاتىرە قالدۇرمىغان. دوختۇرخانا ئوپېراتسىيىنىڭ توغرا بولغان – بولمىغانلىقىغا ئىسپات كۆرسىتەلمىدى؛ دوختۇرخانا ئۇقتۇرۇپ قويۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇن بىمارغا ئوپېراتسىييىدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالنى ياكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويمىغان؛ دوختۇرخانا ئوپېراتسىيىنى كىمنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدە ئىسپات كۆرسىتەلمىدى؛ بىمار جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەنگەن؛ دوختۇرخانىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى بىلەن بىمارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا دوختۇرخانا تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىمار 4 – دەرىجىلىك مېيىپ بولغان» دەپ يەكۈن چىقاردى.
بىر پاكىتقا ئىككى يول
10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇ دېلوغا سوت ئېچىلدى. سوتتا تەرەپلەر دەۋانىڭ خاراكتېرى قانداق؟ دېلو پاكىتىنى بېكىتىشتە قايسى خىل باھالاشنىڭ كۈچىنى بېكىتىش كېرەك؟ دەۋانى بىر تەرەپ قىلىشتا قايسى قانۇن – نىزام تەتبىقلىنىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەردە كەسكىن تالاش – تارتىش قىلدى.
دېلو خاراكتېرى ھەققىدە دەۋاگەر :«دېلونىڭ خاراكتېرى دوختۇرخانىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتىنىڭ دەۋاگەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشتىن كېلىپ چىققان جىسمانىي زىيان تۆلەم دەۋاسى بولۇپ، دوختۇرخانا ‹ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى› ۋە ‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىغا قانۇننى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دېلو پاكىتىنى بېكىتىشتە ئەدلىيىلىك باھالاشنى ئاساس قىلىش كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلدى. جاۋابكار ئورۇن :«مەزكۇر دەۋا داۋالاش ھادىسىسى ماجىراسى بولۇپ، دېلو پاكىتىنى بېكىتىشتە داۋالاش ھادىسىسى باھالاشنامىسىنى ئاساس قىلىش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا گوۋۇيۈەننىڭ ‹داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى› نى تەتبىقلاش كېرەك. بىز مۇشۇ بويىچە مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
سوتتا تەرەپلەر مۇرەسسەگە يېتەكلەندى. دوختۇرخانا تەرەپ 25 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەۋاگەرنىڭ دەۋا نىشانى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ مۇرەسسە نىشانىدا 10 ھەسسىگە يېقىن پەرق بولغاچقا، مۇرەسسە نەتىجىسىز بولدى.
ئىككىنچى قىسىم
«چېچەك» چىقارغان خەتنىلىك دەۋاسى ئىككىنچى سوتقا يول ئالدى
بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمى : دوختۇرخانا مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك
تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت قىلىپ :«دەۋاگەر 2004 – يىلى ئۆكتەبىردە جاۋابكار دوختۇرخانا خەتنە قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خەتنە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن 2005 – يىلى مايدا ئىككىنچى قېتىم تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلغان. بۇ قېتىم دوختۇرخانا دەۋاگەرنى ھەقسىز داۋالىغان ھەمدە ئۇنىڭ ۋەسىيىلىرىنىڭ ياتاق – تاماقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا 12 مىڭ 425 يۈەن تۆلەم بەرگەن. دەۋاگەر ئىزچىل ياخشى بولالمىغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان.
مەزكۇر دېلودا دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىكى داۋالاش ۋە مۇلازىمەت توختام مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، داۋالىغۇچى ئورۇننىڭ بىمارنى بىخەتەر داۋالاش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتى بار. جاۋابكار ئورۇننىڭ خەتنە قىلىش جەريانىدا كېسەللىك ئارخىپى تۇرغۇزماسلىقى، ئوپېراتسىيە خاتىرىسى يازماسلىقى، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى توغرا تاللىماسلىقى، ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇن بىمارغا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇپ قويماسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قانۇن بەلگىلىمىسىگە ۋە دائىملىق داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ. دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماسلىق ياكى تولۇق ئادا قىلماسلىق ھەرىكىتى مەۋجۇت. بۇ دېلودا دوختۇرخانىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن داۋالانغۇچىنىڭ ئۈجىكىگە ھالقىسىمان تارتۇق پەيدا بولغان، ئۈجەك يىگىلەپ قورساق قىسمىغا كىرىپ كەتكەن، داۋالانغۇچىنىڭ جىسمانىيىتى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ باھالاشنامىسىغا ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دەۋاگەرنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى بار، مۇۋاپىق قوللاش كېرەك. جاۋابكارنىڭ ‹بۇ دېلونى داۋالاش ھادىسىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بىز داۋالاش ھادىسىسى بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك قىسىمنىلا ئۈستىگە ئالىمىز، روھىي زىيان ۋ مېيىپلىق تۆلىمىنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز› دېگەن تەشەببۇسىنى مەھكىمىمىز مۇۋاپىق بېكىتىدۇ. دېلودا دەۋاگەر ماددىي جەھەتتە زىيانلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئېغىر روھىي ئازابقا دۇچار بولغان» دەپ قارىدى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن 12 – نويابىر دوختۇرخانىنى دەۋاگەر جەمئىي 213 مىڭ 44 يۈەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
دوختۇرخانا تەرەپنىڭ پىكىرى : بىز 1 – سوت ھۆكۈمىگە قايىل ئەمەس
بىرىنچى سوت ھۆكۈمى تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانا ھۆكۈمگە قايىل بولماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى. نارازىلىق ئەرزدە مۇنداق دېيىلدى:«بىرىنچى، مەزكۇر دېلوغا تەتبىقلانغان قانۇن توغرا بولمىغان. مەزكۇر دېلو داۋالاش ھادىسىسى سەۋەبىدىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن داۋالاش تۆلەم ماجىراسى. ھەرگىزمۇ داۋالاش ھادىسىسىدىن باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى تەتبىقلىنىدىغان داۋالاش تۆلەم دەۋاسى ئەمەس، شۇڭا بۇ دېلوغا داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىنى تەتبىقلاشنىڭ قانۇنىي ئاساسى تولۇق ئەمەس.
ئەسلىي سوتنىڭ مەزكۇر دېلونى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىسمانىي زىيان تۆلەم دەۋاسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹داۋالاش ھادىسىسى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش ماجىراسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى› نىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ ئىككىنچى، مەزكۇر داۋالاش ھادىسىسى دېلوسىدا پاكىتنى بېكىتىشتە ‹داۋالاش ھادىسىسى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسى› نى بىردىنبىر ئاساس قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما ئەسلىي سوت ‹ئەدلىيىلىك باھالاشنامە› نى ئاساس قىلغان، بۇنىڭ قانۇنىي ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مەزكۇر دېلودىكى پاكىتنى بېكىتىشتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ باھالاشنامىسى ئاساس قىلىنىشى كېرەك.
مەزكۇر ئورۇننىڭ باھالاشنامىسىدا بۇ قېتىمقى داۋالاش ھادىسىسى 4 – دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسىگە كىرىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. ئالاقىدار ئۆلچەم بويىچە 4 – دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسى مېيىپلىق دەرىجىسىگە توشمايدۇ. ئەسلىي سوتنىڭ مەزكۇر دېلودىكى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ‹داۋالاش ھادىسىسى باھالاشنامىسى› بويىچە، مېيىپلىق دەرىجىسى ۋە تۆلەم جاۋابكالرىقىنى دەۋاگەر ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىپ چىقارغۇزغان ئىككى پارچە ‹ئەدلىيىلىك باھالاشنامە (باھالاشنامىدا 5 – دەرىجىلىك مېيىپ دېيىلگەن) بويىچە بېكىتىشى ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ ئۈچىنچى، دەۋاگەر تەلەپ قىلغان تۆلەم پۇلىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنىي ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس. داۋالاش ھادىسىسى باھالاشنامىسى بويىچە دەۋاگەر مېيىپلىق دەرىجىسىگە توشمايدۇ، شۇڭا ئەسلىي سوتنىڭ دەۋاگەر تەلەپ قىلغان مېيىپلىق ياردەم پۇلى ۋە روھىي زىيان تۆلىمىنى قوللاپ ھۆكۈم چىقىرىشى قانۇن ۋە پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس. دەۋاگەرنىڭ ياتاق، قاتناش تۆلىمى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تالون – ھۆججەتلىرى تەشەببۇسىغا زىددىيەتلىك. ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن قاراش ھەققى مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزامدىكى ئۆلچەم بويىچە پاكىتنى ئاساس قىلىپ ھېسابلانمىغان. دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان داۋالاش ھەققىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ داۋالاش ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛ تۆتىنچى، ئەسلىي سوت ئوخاش خاراكتېردىكى ئىككى دېلوغا ئىككى خىل ھۆكۈم چىقارغان. بۇ ئادىللىق، بىردەكلىك پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەسلىي سوت بۇ قېتىمقى دېلو بىلەن ئوخشاش خاراكتېرىدىكى مەلۇم دېلونى داۋالاش ھادىسىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلغان، ھالبۇكى بۇ قېتىمقى دېلونى جىسمانىي زىيان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى بويىچە بىر تەرەپ قىلغان.»
دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ قارىشى : بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يېتەرلىك دەۋاگەرنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى، شىنجاڭ شىيۈەن ئادۋۇكاتلىك ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى نۇرمۇھەممەت مۇنداق دېدى: - مەزكۇر دېلودىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى بولۇپ، جاۋابكار ئورۇننىڭ نارازىلىق ئەرزىدىكى «داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىنى تەتبىقلاش كېرەك» دېگەن قارىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسىي يېتەرلىك ئەمەس.
1. مەزكۇر دېلونى نوقۇل ھالدا داۋالاش ھادىسىسى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا بىز داۋالاش ھادىسىسى ماجىراسى بويىچە ئەمەس، بەلكى جىسمانىي زىيان تۆلەم ماجىراسى بويىچە دەۋا قىلدۇق.
شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، داۋالاش ھەرىكىتىدە بىمار، بىماردىكى ئېنىق كېسەللىك، دىئاگنوز، مۇناسىپ داۋالاش لايىھىسى، كونكرېت داۋالاش تەرتىپى قاتارلىق بىر قاتار زۆرۈر ئامىللار تولۇق ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. خەتنە قىلدۇرۇش، چىش سېلىش، ھۆسىن تۈزەش، تۇغۇتقا ياردەملىشىش، قۇلاق تېشىش قاتارلىق بەزى ئالاھىدە زۆرۈرىيەتلەردە قوللىنىدىغان مۇناسىپ تەدبىرلەر ماھىيەتتە بىر خىل ئالاھىدە مۇلازىمەت ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ پەقەتلا مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە داۋالاش تارماقلىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس. ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى ياكى ئەمەلىي تەجرىبىسى بار شەخس، ئورۇنلارمۇ بۇنداق مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. مەسىلەن، خەتنە قىلدۇرۇش ئەلمىساقتىن دوختۇرخانىدا قىلىنىپ كەلمىگەن. مەزكۇر دېلودىكى خەتنە قىلدۇرغۇچى بىمار ئەمەس، بەلكى بىر ئالاھىدە مۇلازىمەت قوبۇل قىلغۇچى. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر خىل ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش توختام مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. ئەسلىي سوت مەزكۇر دېلودىكى قانۇنىي مۇناسىۋەتنى داۋالاش ۋە مۇلازىمەت توختام مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت، دەپ قاراپ، توختام قانۇنىنىڭ 122 – ماددىسى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى «نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى سوراش» پرىنسىپى بويىچە دېلونى بىر تەرەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇنداق بىر تەرەپ قىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن؛
2. «داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان مەمۇرىي نىزام. نىزام سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ داۋالاش ھادىسىسى ماجىرالىرىدىن بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم قانۇنىي ئاساس. ئەمما نىزامنىڭ قانۇنىي كۈچى دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تۈزۈپ يولغا قويغان نېگىزلىك قانۇنلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. مەلۇم كونكرېت دېلوغا تەتبىقلايدىغان قانۇنىي ئاساس چوقۇم قانۇنىي كۈچ جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان قانۇن بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدىكى قانۇننى تەتبىقلاش مۇۋاپىق؛
3. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «‹داۋالاش ھادىسىسى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى› دىن پايدىلىنىپ داۋالاش ماجىراسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوتلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دا :«نىزام» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن داۋالاش ھادىسىسى ماجىراسى ھەق تەلەپ دېلولىرىدا «نىزام» دىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدا دېيىلگىنى پەقەت «نىزام» دىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇنى چوقۇم مۇشۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دەپ چۈشنىشكە بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سوت مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن دېلولارغا ھۆكۈم – كېسىم چىقىرىشتا دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، سەۋەبى، تالاش – تارتىشتىكى كونكرېت مەسىلىلەرگە ئاساسەن قايسى قانۇننى تەتبىقلاشنى تاللىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە؛
4. مەزكۇر دېلودا يەنە بىر ئاساسلىق تالاش – تارتىش قىلىنغان مەسىلە دېلو پاكىتىنى بېكىتىشتە تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ باھالاشنامىسىنى ئاساس قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىنى ئاساس قىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر ئىككى باھالاش ئورنىنىڭ دېلودىكى ئېنىقلاشقا تېگىشلىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە باھالاش بېكىتىش سالاھىيىتى بار. قايسى ئورۇننىڭ باھالاشنامىسىدا دېلودىكى پاكىتلىق مەسىلىلەر توغرا ۋە ئوبيېكتىپ باھالاپ بېرىلگەن بولسا، سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇ باھالاشنامىنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش ھوقۇقى بار. مەزكۇر دېلودىكى ھەر ئىككى باھالاشنامىدا دەۋاگەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتە زىيانلىنىشىنى دوختۇرخانىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى2239- ۋە 2256- سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش : بۇ ماقالىگە قىستۇرۇلغان رەسىم دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز . دېلونىڭ تەرەققىياتى ۋە تەپسىلىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشماقچى بولسىڭىز ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش دېلوغا دۇچ كەلسىڭىز مۇرادجاننىڭ ئادۋۇكاتى ، پۇقرا تورىنىڭ باشلىقى نۇرمەھمەت ئادۋۇكات بىلەن ئالاقىلىشىڭ . تېلفۇن : 13325601888
|