|
1.ئىممۇنىتېت ئىقتىدارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ . جىددىيلىك ۋە ئەندىشىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئۇنىڭ دەرىجىسى ئارقىلىق ئەمەس . بەلكى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىت جىددىي كەيپىياتتا ئۆتكەنلەرنىڭ ئىممۇنىتىت ئىقتىدارى ۋە يۈرەك - قان تومۇر ئىقتىدارى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ .
2 . ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزۆپ كېتىدۇ . ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىر بېسىم ۋە جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ياشىغۇچىلارنىڭ مىڭىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ . ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراپلا قالماي يەنە ئىنكاس ئاسىتىلاش ، ئاسان ئۇنتۇش ، ھەرىكىتى قوپاللىشىش ، ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
3 . زۇكامنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ . تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ . خۇشال يۈرىدىغان كىشىلەر زۇكام بولسىمۇ ، ناھايىتى ئاسانلا ساقىيىپ كېتىدۇ ، ئەمما زۇكام بولغاندا جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ياشىغانلار بولسا زۇكۇمى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ، ئاسان ياخشىلىنىپ كېتەلمەيدۇ .
4 . قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ . ئادەتتە يۈرەك كېسىلى ، يۇقىرى قان بېسىم ، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى جىددىي روھىي كەيپىيات ۋە بېسىملارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
5 . كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ساقىيىشى تەسكە چۈشىدۇ . بىمارلار ئوچۇق - يورۇق ،كۆتۈرەڭگۈ روھىي كەيپىيات ئىچىدە دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ماسلاشسىلا كېسىلى ئاسان ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .
6 . پاسسىپ كەيپىيات ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلاردىمۇ جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بولۇپمۇ ئائىلىدىكى بىرەرىدە جىددىيلىك ، ئاچچىقلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە ، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ جىددىيلىشىدۇ . ھازىرقى زامان پىسخىلوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ۋاقىت ئىككى بولۇپ ، بىرى ئەتتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ، يەنە بىرى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ئىكەن ، شۇڭا ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرى چوقۇم ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلىشى لازىم . |