ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:پىسخىك ساغلاملىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

پىسخىك ساغلاملىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

ئاپتور:نۇرد…      ۋاقىت:2008-2-10 10:27:19   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  پىسخىك ساغلاملىق

پىسخىك ساغلاملىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

              ساغلاملىق تۆت قاتلاملىق مەنىدىن تەركىپ تاپقان .

                بىرىنچىسى تەندە كېسەل بولماسلىق ، يەنى ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ساغلاملىق .

                ئىككىنچىسى ، سۇبىكتىپ ئارامسىزلىنىش بولماسلىق ، يەنى پىسخىك ساغلاملىق بولۇپ ، ئۆز ھېسسىياتىنىڭ ياخشى بولۇشى ، ناچار كەيپىيات ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ روشەن كۆرۈلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ .

                ئۈچىنچىسى ، جەمىيەتكە ماسلىشىشى ياخشى بولۇش ، يەنى نورمال خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ ھۆددىسىدىن ھىقالايدىغان ، تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇش ، باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلارغا زىيان سالمىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالايدىغان ، ئەتراپىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن بىرلىشىپ كېتەلەيدىغان بولۇش .

                تۆتىنچىسى ، ئەخلاقى ياخشى بولۇش ، توغرا ئەخلاق قارىشى ، مۇۋاپىق ئەخلاقى تۇيغۇ ۋە ھەرىكەت بولۇشى ، ئەخلاق مىزانلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ، ، باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە مەدھىيلىشىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئىبارەت .

 

                پىسخىك ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ سۆزنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپتىن چۈشىنىشكە بولىدۇ :

                1. پىسخىك كېسەللىك بولماسلىق .

                پىسخىك كېسەللىك يەنە روھىي كېسەللىكمۇ دىيىلىدۇ . ئۇ پىسخىك پائالىيەتنىڭ نورمال بولمىغان ئىپادىسىدۇر . پىسخىك كېسەللىك بولماسلىق پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئاساسلىق تەلىپى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . چۈنكى پىسخىك كېسەللىك ھالىتىدە ، ئادەم پىسخىك پائالىيەت فۇنكىسىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ . پىسخىك كېسەللىك شۈبھىسىزكى ، پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى .


                2. ناچار پىسخىك پائالىيەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەڭشىيەلەيدىغان بولۇش .

                كىشىلىك تۇرمۇش ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ ، قاتمۇ - قات زىددىيەت ، بېسىملارغا تولغان ، ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكلىدەك بولۇپ كېتىدىغان ، دائىملا خوشال - خورام يۈرىدىغان ئادەم بولمايدۇ . خىلمۇ خىل تۇرمۇش مۇھىتىدا پاسسىپ پىسخىكىنىڭ پەيدا بولۇپ قېىسشىدىن ساقلانماق تەس . پىسخىكىسى ساغلام بولغان كىشىلەر مەڭگۈ ياخشى پىسخىك ھالەتنى ساقلىيالىشى ناتايىن . ئۇلارمۇ خاپا بولىدۇ ، ئازابلىنىدۇ ، ئۇنداق ياكى مۇنداق پىسخىك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ . ئەمما پىسخىكىسى ساغلام بولغان كىشىلەر بۇنداق مەسىلىلەرەە يولۇققاندا ، ۋاقتىدا بايقاپ مۇۋاپىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنالايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق پىسخىك پائالىيەتلىرىنى تەڭشەپ ، ناھايىتى تېزلا نورمال پىسخىك پائالىيەت ھالىتىگە قايتالايدۇ . رىقابەتكە تولغان ھازىرقى جەمىيەتتە ، پىسخىك ھالەتنى ياىشى تەڭشەپ تۇرۇش بولسا ، پىسخىك جەھەتتە ساغلام تۇرۇشنىڭ مۇھىم تەلىپىدۇر .

                3. ئاكتىپ ، مۇقىم بولغان پىسخىك ھالەتنى ساقلاش ، پىسىىك پائالىيەت فۇنكىسىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇرۇپ ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش داۋامىدا ، يۇشۇرۇن قابىلىيەلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىش .

                بۇ پىسخىك ساغلاملىقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھالىتى بولۇپ ، غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش ، جەمىيەتتە قانداق ئورۇندا تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي شارائىتلار ئاستىدا ، نورمال ، مۇقىم بولغان پىسخىك ھالەتنى ساقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .


               پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ، رېئاللىققا ئىمكانقەدەر رازىمەنلىك پوزىتسىيىسى تۇتىدۇ ، ئۇلاردا پىسخىك جەھەتتە تېڭىرقاش ئاز بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك ھالەت يەنە خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ، مۇئەييەن ئۇتۇققا ۋە جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان بولۇش ، ئەتراپىدىكى ھەرخىل كىشىلەر بىلەن ئىناق بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ، دۈچ كەلگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن ھەل قىلالايدىغان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى