ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:[كۆپ سۈرەت]بۇ بىرجۈپگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى

بۇ بىرجۈپگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى

ئاپتور:نامەلۇم      ۋاقىت:2008-2-17 9:42:45   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئەنۋەر,رۇقىيە

تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرىپ ئېھتىمال ھەممىمىز بۇ ئىككى ياشنىڭ بەخىتلىك بىر ئائىلىنى قۇرغانلىقىنى، ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ تۇرغان ئوتلۇق مۇھەببەتنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار:

 

 

 

             شۇنداق، بۇ بىر جۈپ ياش ھايات مۇساپىسىدە بىر - بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرىشىپ، قەلىبلىرىدىكى يالقۇنلۇق تىلەكلىرىنى روياپقا چىقىرىپ، مەڭگى بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن، بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى توي قىلىپ بەخىتلىك بىر ئائىلىنى قۇرغان ئىدى. بىز ئەل - ئاغىينە، قولۇم - قوشنىلارمۇ بۇ ئىككى ياشقا شۇنداق مەستلىكىمىز كېلەتتى. ھالبۇكى بۇ ئىككى ياش بەخىت بوسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىشىغا دەھشەتلىك قارا قىسمەت ئۇلارغا كەينى - كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى.......


             ئەنۋەرجان ئەسلى ئۈرۈمچى كان ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پىنسىيەگە چىققان ئاددىي بىر ئىشچى ئۆمەر ئاكۈنىڭ ئارزۇلۇق بىر تاللا ئۇغلى ئىدى. ئۆمەر ئاكىمۇ ئەشۇ كۆمۈر كاندىن كىرىدىغان ئازغىنە پىنسىيە مۇئاشى بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى ئارانلا قامداپ كىتىپ باراتتى. ئەنۋەرجان بولسا ئاممىۋى قاتناش مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 2004 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شېركىتىگە ئىشقا چىشتى، ھەم 913 - يول ئاپتوبوسىنى ھەيدىدى. ئەمدىلا خىزمەتكە چىققان ئەنۋەرجان خىزمەتنى ناھايىتى قەدىرلەيتتى. تاپقىنىنى ئائىلىسىنى خۇش قىلىشقا، سىڭلىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتۇشقا سەرىپ قىلاتتى. ئاتا - ئانا ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يالغۇز ئۇغۇلدىن بەكلا رازى ئىدى، ھەم ئۇنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى.


              ئەنۋەرجان 2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۆزى بىلەن بىر كالوندا ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشى رۇقىيە بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك تۇرمۇشنى باشلىغان ئىدى. لېكۈن كىتىلمىگەن ئىش ئارقا - ئارقىدىن يىز بېرىپ بۇ ئائىلىنى ېېچىنىشلىق بىر ھالغا چۈشۈرىپ قويدى. بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەنۋەرجان دوستىنىڭ توي مەرىكىسىدىن ئۇزاپ ېۆيگە قايتىۋاتقاندا بۇلاڭچىلارغا ئۇچراپ ناھايىتى ېېغىر يارلاندى. بۇ قارا نىيەت، ۋەھىشى بۇلاڭچىلار ئەنۋەرجاننىڭ يانفون قاتارلىق نەرسىلىرىنى بۇلىغاندىن سىرىت، ئۇنىڭ يىز، بويۇن قىسمىغا بىر قانچە پىچاق ئۇرغان، ھەم بىلىكۈنىڭ پىيىنى كىسۋېتىپ ئادەم كۆرمەيدىغان ئەخلەتخانىغا ئۇنى تاشلىۋەتكەنىدى. بەخىتكە يارىشا بىر تازلىق ئىشچىسى ئۇنى كۆرىپ قېلىپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئەنۋەرجاننى جىددىي قۇتقۇزغان. دوختۇرلار قانسىراپ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەنۋەرجاننى 5 كۈن جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئاران ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. لېكۈن زەخمە يىگەن قولىنى بىلەكتىنلا كىسىۋەتتى، بولمىسا ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئۈمۈد يوق ئىدى. بىچارە يىگىت شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى جاھاندا ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشاتقۇزۋاتقان. مۇشۇ ېىللىق ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقارغۇزۋاتقان ئۇڭ قولىدىن ئايرىلىپ قالدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ ئۇڭ قولىنى بىلىكىدىن بىلىكىدىن كېسىۋەتتى. بىچارە ئاتا - ئانا بۇ ئۇغلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تاپقان - تەرگىنىنى ئاساسەن سېتىپ بولدى. ئۇغلىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن كەتكەن 65 مىڭ يىەندىن كۆپ پۇل كەتتى. 65 مىڭ يىەن بىر كۆمۈركاندىن پىنسىيىگە چىققان ئىشچى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاز پۇل ئەمەستە. جەمېىيەتتىكى ئاقكۆڭىل كىشىلەر، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمى ئارىسىدا ئەنۋەرجان ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن بىر قولىدىن ئايرىلدى.


              بالا كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك ئەنۋەرجان دوختۇرخانىدىن تېخى چىقمايلا ئايالى رۇقىيەنىڭ بۆرەك كېسىلى قوزغىلىپ، بۆرىكۈنى ئالماشتۇرمىسا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ئۇپىراتىسىيە ۋە داۋالىنىشقا كېتىدىغان نەچچە يىز مىڭ يىەن پۇل بۇ ئاددىي تۇرمۇش كەچۇرۋاتقان ئانا - ئانىلارنى ھەقىقەتەن ئامالسىز ھالغا چۈشۈرىپ قويدى. دۇقىيەنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ كېسەلچان بولۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن ۋە قىزىنىڭ كېسىلى ئېلىپ كەلگەن روھى بېسىم سەۋەبىدىن ئۇلارمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. رۇقىيە ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتى قارمىقىدىكى 2 - خەلق دوختۇرخانىسدا داۋالانماقتا. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى سانىدا جەمېىيەتتىكى ئاقكۆڭىل ساخاۋەتچى كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ېېلان چىقىرىلدى. گەرچە كۆپلىگەن ئاقكۆڭىل كىشىلەر ياردەم قىلغان بولسىمۇ، لېكۈن ئىقدىساد ھەقىقەتەن يىتىشمەي، بۇ بىچارە قىز كېسەل كارۋىتىدا ئەجەل كىتىپ ياتماقتا.......


             قەدىرلىك قېرىنداشلار:

             بىز مۇسۇلمانلار ھەممىمىز بىر تەن. بەدىنىمىزنىڭ بىرەر يېرىگە يىڭنە سانجىلسا پىتىن بەدەن شۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاغرىغانغا ئۇخشاش بۇ ېېچىنىشلىق ئەھۋالغا قانداقمۇ چىداپ تۇرايلى. بۇ قېرىندىشىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سېخى قولىمىزنى سۇنايلى، بىزدە << تاما - تاما كۆل بولار>> دىگەن تەمسىل بار. ئارىمىزدا ئاقكۆڭۈل، مەرد كىشىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. بىز ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﻗﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺳﯧﺨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﺑﯘ قىزنىڭ ھاياتىنى، بۇ ېىناق بىر ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى. ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار:


             جۇڭگو بانكىسى رۇقىيە بارات نامىدىكى: 4563518300019526930 نۇمۇرلۇق كارتىغا پۇل سالساڭلار، 


             ياكى بولمىسا شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتى قارمىقىدىكى 2 - خەلق دوختۇرخانىسى ېىچكى كېسەكللىكلەر بۆلىمى، 10 - قەۋەت 27 - كارۋاتتىكى رۇقىيە بارات بىلەن بىۋاستە كۆرىشىپ ياردەم قولۇڭلارنى سۇناڭلارمۇ بولىدۇ .  


             ئالاقىلاشقۇچى تېلېفون نۇمۇرى: ئەنۋەرجان ئۆمەر: 5313643 - 0991

 

 

 
ئەنۋەرجان ئايالى رۇقىيە بىلەن دوختۇرخانىدا


 

ئەنۋەرجاننىڭ يارىلانغاندىن كېيىنكى سۈرىتى


 


دوختۇرخانا ئىسپاتى




 
ئەنۋەرجاننىڭ ساقۋاقتىدا چۈشكەن رەسىمى

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەنىدا:
  • كىيىنكى پارچەنىدا:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى