ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:[كۆپ سۈرەت]جۈمەنىسانى قۇتقۇزۇۋالايلى

جۈمەنىسانى قۇتقۇزۇۋالايلى

ئاپتور:كۆكت…      ۋاقىت:2008-2-17 9:39:14   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  جۈمەنىسا

ھازىر خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدىن كەلگەن جۇمەنىسا ئۈرۈمچى ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا قىينىلىپ ياتماقتا. ئۇنىڭ جىسمانىي ئاغرىقىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى غالىپ كەلمەكتە.

ئەسلى تېما:]مۇراجەت[ تورداشلار، بۇ قىزنى قۇتقۇزىۋالايلى!

             مەن مەتسىدىق (جۈمەنىسانىڭ دادىسى) ئاكا بىلەن ئۇچراشقان كۈنى ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا بىر تىيىن پۇل يوق ئىكەن. مەتسىدىق ئاكا ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

             مەتسىدىق ئاكا قىزىنى يۇرتىنىڭ ئادىتى بويىچە 15-16 يېشىدا تالالىق قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي قىزى ھامىلدار بولغان. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن بەك خۇش بولغان. لېكىن ھامىلدارلىقنىڭ كۈن سانى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دېمى سىقىلىشتەك ئېغىر بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. يېزىدىكى تېۋىپلاردىن دورا ئېلىپ يىگەن بولسىمۇ، قىلچە پايدىسى بولمىغان. ئاخىرى خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، يۈرەك كېسىلى باركەن، ئۆپكە سېسىپتۇ، دىگەندەك دىئاگىنوزلارنى قويغان ۋە دوختۇلار بالىنى چۈشۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بالا 6 ئايلىقتەك چوڭ بولۇپ بولغان بولغاچقا، بالىنى چۈشۈرمەي تۇغىۋەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە "يۈرەك كېسىلى" دىگەن گەپنى ئاڭلىغان جۇمەنىسانىڭ يولدىشى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن. (ئېرىنىڭ يۈزسىزلىكىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ بەك غەزىپىم كەلدى) بالا ئاخىرى توغۇلغان، شۇنداقلا بارلىق بىساتلىرىنى سېتىپ دىگۈدەك خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇخانىدا ئوپراتسىيە قىلدۇرغان. گەرچە ئوپراتسىيە قىلدۇرغان بىلەن، جۇمەنىسانىڭ كېسىلى ئۈزۈل كېسل ساقايمىغان. بۇلار بۇنىڭدىن 3 يىل مۇقەددەمكى ئىشلار ئىكەن.

             يېقىندا جۇمەنىسانىڭ كېسىلى بارغانچە ئېغىرلىغان ۋە خوتەندىكى دوختۇرلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشنى `تەۋىسىيە قىلغان. بۇيىل 7 -ئاينىڭ باشلىرىدا ئازراق پۇل غەملىگەن مەتسىدىق ئاكا ئايالىنى تەڭ ئېلىپ، قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى تېببىىي ئۇنۋېرستېت دوختۇرخانىسىغا كەلگەن. جۇمەنىسانىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئۆپكە تەرەپتە بولغاچقا، تېببىي ئۇنۋېرستېت دوختۇرخانىسى ئۇلارنى 17- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىيپاش ئۇددۇلىدىكى ئوپكە دوختۇرغانىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. بىر نەچچە كۈن داۋالىغاندىن كېيىن، مەتسىدىق ئاكىلارنىڭ قولىدا سىنىت پۇل قالمىغان ۋە مۇناىسۋەتلىك ئورۇنلاردىن ياردەم سوراۋاتقاندا مەن بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغان ئىدى. مەن بۇنداق ياردەم سورىسا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، توردا مۇراجەت قىلىپ بېقىش تەكلىپىنى بەردىم. ئۇلار 1200 كوي پۇلنى دوختۇرغا ئۆتكۈزىۋەتكەندىن باشقا ھېچقانداق پۇلى قالمىغان ئىكەن. شۇ كۈنىمۇ 1200 كويدىن دوختۇرخانىدا ئاران 200 كوي ئېشىپتىكەندۇق.

             ئۇلار كۈنىنى ياتاقداشلارنىڭ بىرەر ۋاق تامىقى ۋە بەزى ئاق كۆڭۈل كىشلەرنىڭ بەرگەن نەچچە ئون كوي پۇلى بىلەن قامداۋىتىپتىكەندۇق. ياتاقداشلار بەرگەن تاماقنى ئۆزلىرى يىمەي، قىزىغا يىگۈزگەچكە، ئاپىسى ئاچ قۇرساقچىلىقتا ئاشقازان كېسىلى بولۇپمۇ قاپتۇ.

             كېيىن مەن بىر نەچچە قېتىم ئەمەلىي كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلدىم، تۆنۈگۈن دوختۇردىن جۇمەنىسانىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىۋالدىم. جۇمەنىسا ئەسلى تۇبېركليۇز بىلەن ئاغرىپتۇ. ھېچقانداق يۈرەك كېسىلى يوقكەن (بۇنى ئۇقسا ئېرى قانداق قىلاركىن؟) بەلكى ئۆپكىدىكى تۇبېركليۇز سەۋەبىدىن يۈرەككە تەسىر قىلغان ئىشكەندۇق. باشتا ئۆپكە تۇبېركليۇزدىن باشلىنىپتۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋالانماي ياكى چالا داۋالانغانلىقتىن، تۇبېركليۇز پۈتۈن بەدەنگە تاراپتۇ ۋە مىنگىتكە (مىنگىت- مېڭە ياللۇقى، بۇ ئىنتايىن ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈش نىسبتى ئىنتايىن يۇقىرى) تەرەققىي قىلىشقا باشلاپتۇ. يەنە ئۈچەي تۇبېركليۇزى بارلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. جۇمەنىسا ئاغرىق ۋە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ. (رەسىمدىكىدەك) ئەسلىدە تۇبېركليۇز بولغان ئادەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى بولغان، بولۇپمۇ ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇلارغا يىگۈدەك ئاددى نەرسىلەرمۇ تېپىلمايۋاتىدۇ.

             ھازىر ئۇلار ئۈرۈمچى 17- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يانتۇ ئۇددۇلىدىكى ئۆپكە دوختۇرخانىسىنىڭ 3- قەۋەت 30- كارۋاتتا يېتىۋاتىدۇ. (يېقىندا مۇشۇ تېلېفون يوق ياتاققا يۆتكەلدى، مېنىڭ تېلفون نومۇرۇم 0991- 8299147، مەتسىدىق ئاكا كۈندە چۈشتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدۇ).

             مۇشۇ مۇراجەتنى كۆرگەن تورداشلار ئاللاھ يولىدا شۇ مىسكىنلەرنى يوقلاپ قويساڭلار. 1 يۈەن ئاز ئەمەس، 100 يۈەن كۆپ ئەمەس. ھەممىمزى بىر ياقتىن قول، بىر ياقتىن باش چىقىرىپ، ئاشۇ نارسىدە بالىسىنىڭ يىتىم قالماسلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ، جۈمەنىسانى قۇتقۇزىۋالساق!!!

             ئەگەر سىز يىراقتا بولۇپ ، ئاللاھ يولىدا ساۋابلىق قىلماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى كارتىغا ئاتىغىنىڭىزنى سالسىڭىز بولىدۇ.


             يېزا- ئىگىلىك بانكىسى: 9559980890631602616

             كارتا ئىگىسى: مەتسىدىق مەترۇزى

             خەنزۇچىسى: 麦麦斯地克。麦麦如孜

 

             پۇل سالغان تورداشلار ماڭا ئۇچۇر ياكى 0991- 8299147 غا تېلېفون قىلۋەتسەڭلار. مەن بۇلارنى تورغا چىقىرىپ قويىمەن!


             ئىئانە قىلغۇچىلار تىزىملىكى:

 

1. ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺖ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ) : 50 ﻳﯜﻩﻥ
2. ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑﻠﯩﺘﯩﭗ : 21 ﻳﯜﻩﻥ
3. ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻯ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ : 168 ﻳﯜﻩﻥ
4. ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﺪﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﺎﻻﻡ : 500 ﻳﯜﻩﻥ
5. ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ 912 : 10 ﻳﯜﻩﻥ
6. ﺋﯘﻟﺘﺎﺷﺘﺎ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ: 50 ﻳﯜﻩﻥ
7. ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ: 100 ﻳﯜﻩﻥ
8. ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ : 10 ﻳﯜﻩﻥ
9. ﻧﺎﻟﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺍﻝ : 200 ﻳﯜﻩﻥ
10. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ) : 200ﻳﯜﻩﻥ
11. ﺑﯩﺮ ﻳﯜﻩﻥ ﭘﯩﻼﻧﻰ: 50 ﻳﯜﻩﻥ
12. ﺟﯧﻚ : 50 ﻳﯜﻩﻥ
13. ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ (ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ) : 110 ﻳﯜﻩﻥ
14. ﮬﻪﻗﺘﻪﻳﯜﺭ (ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ) : 100ﻳﯜﻩﻥ
15. ﺑﻪﺭﻧﺎ (ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﻏﺎﻧﺪﺍ) : 20 ﻳﯜﻩﻥ
16. 719 (ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ) : 50 ﻳﯜﻩﻥ
17. ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ (ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ) : 20 ﻳﯜﻩﻥ
(ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻗﻼﺷﺘﺎ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 300 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
18. ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىكى مەنسۇز ئەپەندى : 50 يۈەن
19. ئاۋسترالىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىكى گلەن ئەپەندى : 100 يۈەن
20. ساياھەت ئىدارىسىدىكى نەجىبە خانقىز : 20 يۈەن
21. ﺳﻪﻳﻤﺎﭼﺎﯕﺪﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﻛﺮﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ: 300 ﻳﯜﻩﻥ
22. ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ: 50 ﻳﯜﻩﻥ
-------------------------
ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ: 2269ﻳﯜﻩﻥ

 


مەنبە: http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=18439

 


بالنىستتىكى جۇمەنىسا:

 

 

 

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئىزدىنىش مۇنبىرى»
  • ئالدىنقى پارچەنىدا:
  • كىيىنكى پارچەنىدا:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى