ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:[كۆپ سۈرەت]تاھىرگە دوختۇر لازىم

تاھىرگە دوختۇر لازىم

ئاپتور:musicfan      ۋاقىت:2008-2-17 9:33:44   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  تاھىر

ﺑﯘ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ : ﺑﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺷﯩﭙﺎ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯘ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺷﯘ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ .

ئەسلى تېما«ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ !! »

ئەسلى مەنبە:ئىزدىنىش تورى

http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=17539

 

 

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ !

                        ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﻻﺭﺩﺍ  .

-------------------------------------------------------------------------------------

 

مۇراجەتنامە

              ئىسىم:تاھىر

              1974-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ئېگە چاقىسىز يىتىم بالا . مەن تۆۋەندە 10 نەچچە يىدلىن بېرى تارتىۋاتقان كېسەللىك ئازابىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرپ ئۆتمەكچىمەن .

              20 ياشقا كىرگىچە ھەممە ئەزايىم ساق-سالامەت ئىدى ، 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز دۈمبەم ئومۇرتقام پولتىيىپ چىقىپ ، دوك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم .بۇنىڭدىن مەن قاتتىق چۆچۈپ ، دوختۇرخانىغا كۆرۈنسەم ، دوختۇرلار :"ئۆپكەڭ تەتۈر ئۆرۈلۈپ قاپتۇ"دەپ دىئاگنوز قويدى .

              1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئۈچ يىل ئىچىدە قەشقەر شەھىرىدىكى ھەممە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالانغان بولساممۇ ، ساقىيىش تۈگۈل كېسىلىم كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى .

              2000-يىلى ئۈرۈمچى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى )يىشۆيۈەن(غا بېرىپ كۆرۈندۈم ، ئۇ يەردىكى دوختۇرلار كېسىلىمنى "مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك"دەپ ، مېڭەمنى ئوپىراتسىيە قىلدى . ئوپىرايسىدىن كېيىن ساقىيىش تۈگۈل ، ئىككى تىزىم تىگىشىپ قېلىپ ماڭغاندا ، ئولتۇرۇپ قوپۇشتا بەكلا قىينالدىم . بۇ ئەھۋالدا پەقەت ماڭالمايدىغان مېيىپلار ھارۋىسىدىكى كىشىلەرنى كۆرۈپ ، كۆڭلۈم تەسەللىي تاپاتتى ...

              شۇنداقتىمۇ كېسىلىمگە ئۆزۈم داۋا تاپىمەن دەپ ، بەل قويۇۋەتمەي ئۈمۈتۋار ھالەتتە ، 2001-يىلى ئاكام بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى  شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى )يىشۆيۈەن(گە يەنە باردۇق . ئەپسۇس ، بۇ دوختۇرخانىدىن ئۈمىدسىز ، روھىم چۈشكۈنلەشكەن ھالەتتە قايتىپ كەلدىم . كېسىلىم كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ "شىنجاڭ جىكۈن" دوختۇرخانىسىغا داۋالنىشقا بارغاندا ، ئوپىراتسىيە خىراجىتى ئۈچۈن 100مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بەردى. لېكىن مەن بىر ئېگە چاقىسىز يىتىم ، پۈتۈنلەي ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىمنى يوقاتقان تۇرسام ، ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل مەندە نېمە قىلسۇن؟

              2006-يىلى 4-ئايدا "بېيجىڭ جىشۈتۈەن " دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كېسىلىمنى كۆرسەتتىم ، ئۇلار "250 مىڭ يۈەن پۇل ئەكەل ، بولمىسا بۇ يەردىن چىقىپ كەت " دەپ دوختۇرلارنىڭ ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ بەك ئۈمىدسىزلەندىم .

              دۆلىتىمىز مىيىپلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا نېمە ئۈچۈن ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ ؟ ئمەن شۇنداق ئاجىز بىچارىمۇ؟ھازىرقى شارائىتىم بولسا مەرھۇم دادامنىڭ ئىدارىسىدىكى بىر ئۆيدە يەككە -يىگانە يالغۇز ھالەتتە شۇ ئىدارىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمەن . مېنىڭ مەقسىتىم شىنجاڭدىكى ۋە باشقا ئىچكى ئۆلكىلەردىكى دوختۇرخانا ، سەھىيە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى ۋراچ دوختۇرلار ، دىلكەش ئۇيغۇر مىللى داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى تىۋىپ دوختۇرلانىڭ مېنىڭ كېسىلىمگە قارىتا داۋالاش ئىمكانىيىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ، ناۋادا داۋالاش ئىشەنچىسى بار دوختۇرلارنىڭ مەن بىر بىچارە بىلەن ئالاقىلاشسا ، شۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسام ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلغان ، شۇ گۈزەل ھاياتقا ئىشەنچ نەزىرى بىلەن قارىغان بولسام نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە ؟!

              ئاخىرىدا شۇ ئاقكۆڭۈل دوختۇر ، سېستىرالارغا سۈيۈملۈك ئاتا-ئانىلارغا ماڭا ئوخشاش ئېگە چاقىسىز يىتىم بالىلارغا ، مىيىپلارغا ئائىلسىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

              ئالاقىلىشش تېلىفون نومۇر: 2279091 --0998

              ئادرىسىم:قەشقەر ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلار باشقارمىسىنىڭ ماددىي ئەشيالار پونكىتى ئائىلە قورۇسىدىك تاھىر روشەن .

 
12 يىل بۇرۇنقى ساغلام ۋاقىتتا چۈشكەن رەسىم

 

 
2006يىلى 6 ئايدىكى بەدەن ئەھۋالى

 

 

 

 

 

 

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئىزدىنىش تورى»
  • ئالدىنقى پارچەنىدا: تۈگىدى
  • كىيىنكى پارچەنىدا:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى