|
1. تاماكا ، ھاراق تاشلاش ، ئاچچىق ھەم قىرىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ، ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك .
2. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ، قول بىلەن كۆكرەكنى ۋە دۈمبىنى يېنىك ئۇرۇپ بېرىش ، بۇنداق قىلغاندا بەلغەم راۋان چىقالايدۇ .
3. ئاللېرگىيىلىك رېئاكسىيە قىلىدىغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
4. قىش ۋە ئەتىيازلىقى زۇكامدىن ساقلىنىش كېرەك . قىش كۈنلىرى ئىسسىق يۈرۈش ، ئۆي ھاۋاسىنى 20~24سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك . ئىشىك دەرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆي ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك .
5.زۇكام بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش ، يۆتەل پەسەيتىش ، بەلغەم بوشىتىش دورىلىرىنى يېيىش كېرەك.
6. زۇكام يۈرەك زەئىپلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ . پۇتتا ئىششىق پەيدا بولسا سۈيدۈك ھەيدەش دورىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .
7. بەلغەم ئاسان چىقمىسا ، كالپۇك كۆكىرىپ ، بىماردا ئەنسىزلىك بولۇپ ، روھىي ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولسا ، دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك .
8. ئەگەر نەپەس يېتىشمەسلىك ھېس قىلسا ، ئوكسىگىن سۈمۈرتۈش كېرەك .
9. ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىپ كۆرەك ئاغرىپ ، يۆتەلگەندە بەلغەم قان ئارىلاش كەلسە ، ئۆپكىدە قان نۆكچىسى تۇرۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىش كېرەك . ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش تۇيۇقسىز ئېغىرلاپ ، تېرناقلىرى كۆكىرىپ كەتسە ، دەرھال دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك . بولۇپمۇ ئۆپكىنى رېنتىگىندە تەكشۈرتۈپ يەل كۆكرەكنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقىلىتىش كېرەك .
10.يۈرەك كۈچلەندۈرۈش ، سۈيدۈك ھەيدەش دورىلىرىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق يەپ بېرىش كېرەك .
|