ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:ئۆپكە تۇبىركۇليۇزدىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ؟

ئۆپكە تۇبىركۇليۇزدىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ؟

ئاپتور:ئەقى…      ۋاقىت:2008-2-9 1:41:06   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  تۇبىركۇليۇز

يۇقۇم مەنبەسىنى كونتورول قىلىش تۇبېركۇليۇزدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم ئامىلى.

              ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىغا گىرىپتا بولغۇچىنىڭ يۆتىلىشى ياكى مىشقىرىشى بىلەن تۇبېركۇليۇز باكتېريىسى ھاۋاغا تارقىلىپ ساغلام كىشىلەرگە يۇقىدۇ.جىددىي ھەركەتچان مەزگىلدىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى بىر ئورۇندا نورمال كىشىلەر بىلەن ئۇچىراشسا ،كەم دىگەندە ئون كىشىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ،شۇڭا بۇنداق كىشىلەر چوقۇم بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.


              ئاغرىقنىڭ ئائىلىدىكىلەر ئاغرىق ئىشلەتكەن يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىشى ھەم ئۇ ئىشلەتكەن تاماق قاچىلىرىنى دېزىنفىكسىيە قىلىشى ،شۇنداقلا دائىم ئىشىك دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ،يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


              ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يۇقۇملىنىش بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئىممۇنىت ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئادەتتە ئاسانلىقچە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى بالدۇر بايقاش،بالدۇر داۋالىتىش كېرەك.


              ئادەتتە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بولۇپمۇ ياشلاردا كېسەللىك ئالامىتى روشەن گەۋدىلەنمەيدۇ،ئۆپكە تۇبېركۇليۇزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياخشىسى ھەر يىلى قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈش كېرەك.


ئۇنىڭدىن باشقا باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرگەندە ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەندە سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ،ئادەتتە بولسا يىللاپ تەكشۈرۈلمەيدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھەريىلى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.


              ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ھاۋا تولا ئۆزگەرگەندە ،ياخشىسى كىشىلەر زىچ توپلاشقان ئاممىۋىي سورۇنلارغا ئاز بېرىپ،ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.شۇنداقلا خالىغان يەرگە تۈكۈرىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك.


              ئۇنىڭدىن باشقا زۇكام بولۇپ ئىككى ھەپتە دورا يىسىمۇ ياخشىلانمىسا،ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئۇدا يۆتەلسە،ئىشتىھا سەۋەبسىز تۇتۇلۇپ بەدەن ماغدۇرسىزلانسا،چۈشتىن كىيىنكى بەدەن تېمپۇراتوراسى ئۇدا 38سېلسىيە گىرادۇستىن چۈشمىسە ،دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

 

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى