|
1. پۇرچاق تۈرلىرى : بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سېرىق پۇرچاق، كانىماش، كۆك پۇرچاق راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ۋە بىر قىسىم ماددىلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ .
2.سامساق: تەركىبىدىكى ياغدا ئېرىشچان ئۇچۇچان ماي يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ رولىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، ئورگانىزىملارنىڭ راكقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇىدۇ .
3. پەمىدۇر: تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمونىتىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەنگە كىرگەن راك پەيداقىلغۇچى ماددىلار، زەھەرلىك ماددىلار، باكتېرىيىلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ ياكى يوقىتىدۇ.
4.ئاق تۇرۇپ: تەركىبىدىكى لىگنىن ئورگانىزىملاردىكى يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم باكتېرىيە، زەھەرلىك ماددىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۆلتۈرۈش رولىغائىگە .
5. سەۋزە: تەركىبىدىكى كاروتىننىڭ ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆەنلىتىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار .
6. كۈدە تەركىبىدىكى لېگىن ۋەتالا ماددىسى بار . لېگىن بولسا ئادەم بەدىنىدىكى يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ. ئاكتىپلاشقاندىن كېيىنكى يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر راك پەيدا قىلغۇچى مادىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ .
7. باشپىياز : تەركىبىدىكى گلوۇتاتىئون ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىدلىق زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىز مادىغا ئايلاندۇرۇپ،بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچىرشىنى ئازايتىپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.
8.كاپۇستا، ياڭيۇ: بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ناتىرى سىئانى، ئارسىن، ھاك كسىلاتاسى قاتارلىق خىمىيىلىك مادىلار زەھەرسىزلەندۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە .
9.سەرەبىل : تەركىبىدە ئاقسىل، يۇپۇرماق كىسلاتاسى،يادرو كىسلاتاسى بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە .
10.سۈت: تەركىبىدە بىر خىل ئورگانىك كىسلاتا بولۇپ، بەدەندىكى خولېستىرولنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە ئۇنىڭ بىرىكىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان يېغىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ .
11.تۇخۇم : توخۇم سېرىقىدىكى لېتسىتىن قاندىكى خولېستېرولنى ئۇششاق دانچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، قان تومۇر ئارقىلىق ئورگانىزىملاردىكى توقۇلمىلارغا كىرگۈزۈپ، ھۈجەيرىلەرگە سۈمۈرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق قان يېغىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ
12.بېلىق گۈشى : تەركىبىدە كۆپ خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، قان يېغىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا نىسبەتەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە .
|