ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:قىشتا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇل

قىشتا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇل

ئاپتور:شىنج…      ۋاقىت:2008-2-9 8:51:31   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  زۇكام

قىشتا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇل


    1.  ۋاقتىدا  ۋاكسىنا  ئەملىتىش  كېرەك.  تارقىلىشچان  زۇكام  ۋاكسىنىسىنىڭ  ئادەم  تېنىنى  قوغداش  ئۈنۈمى  %70  -  %90  كە  يېتىدۇ.  ۋاكسىنا  ئەملەنگەندىن  كېيىن  تارقىلىشچان  زۇكامغا  گىرىپتار  بولغان  تەقدىردىمۇ  كېسەل  ئالامەتلىرى  يېنىك،  ئەگەشمە  كېسەللەرگە  گىرىپتار  بولۇش  ئېھتىماللىقى  تۆۋەن  بولىدۇ.


    2.  ئورتاق  ئىشلىتىلىدىغان  بۇيۇملار  بىلەن  ئۇچراشماسلىق  كېرەك.  ئورتاق  ئىشلىتىلىدىغان  قەلەم،  ئاممىۋى  تېلېفون،  ئىشىك  تۇتقۇچى  قاتارلىق  ئاممىۋى  بۇيۇملار  بىلەن  ئۇچرىشىشتىن  ساقلانسا،  كېسەل  باكتېرىيىسى  بىلەن  يۇقۇملىنىش  ئېھتىماللىقىنى  تۆۋەنلەتكىلى  بولىدۇ. 


    3.  قول  يۇيۇش  سۇيۇقلۇقى  بىلەن  قولنى  پات  -  پات  يۇيۇپ  تۇرۇش  كېرەك.  قول  يۇيۇش  سۇيۇقلۇقىنىڭ  باكتېرىيىنى  تىزگىنلەش  رولى  بار.  لېكىن  ئۇنى  توغرا  ئۇسۇلدا  ئىشلىتىش  كېرەك.  قول  يۇيۇش  سۇيۇقلۇقىنى  قولغا  سۈركەپ  10  -  15  سېكۇنت  ئۇۋۇلىغاندىن  كېيىن  ئاندىن  سۇ  بىلەن  چايقاش  كېرەك. 


    4.  كۆپرەك  دوست  تۇتۇپ  پىكىر  ئالماشتۇرۇش  كېرەك.  كىچىك  كوللېكتىپتىكى،  يالغۇزلۇقنى  خالايدىغان  كىشىلەرگە  سېلىشتۇرغاندا،  ئىجتىمائىي  ئالاقىسى  كەڭ  كىشىلەر  تېخىمۇ  كۆپ  تارقىلىشچان  زۇكام  ئانتېتىلاسى  ھاسىل  قىلالايدۇ.


    5.  ئۆزىگە  مۇۋاپىق  بېسىم  قىلىش  كېرەك.  ئادەم  بېسىمغا  ئۇچرىغاندا  بەدىنى  ئاگاھلاندۇرۇش  سىگنالى  چىقىرىپ،  بېسىم  ئازايتىش  ھورمونى  ۋە  بۆرەك  ئۈستى  بېزى  ھورمونى  قويۇپ  بېرىدۇ.  ئىممۇنىتېت  سىستېمىسى  تېخىمۇ  كۆپ  ئىممۇنىتېت  ھۈجەيرىسى  ئىشلەپچىقىرىدۇ.  ئەمما  بېسىم  ۋاقتى  زىيادە  ئۇزۇن  بولۇپ  كەتسە،  ئەكس  تەسىر  پەيدا  قىلىدۇ. 


    6.  كۆپ  ھەرىكەت  قىلىش،  كۆپرەك  ئۇۋۇلاش  كېرەك.  كۈندە  3  سائەت  ئاكتىپ  ھەرىكەت  قىلغان  ئادەمنىڭ  ھەرىكەت  مىقدارى  ئاز  ئادەمگە  قارىغاندا،  تارقىلىشچان  زۇكامغا  گىرىپتار  بولۇش  نىسبىتى  %35  تۆۋەن  بولىدۇ.  مەيلى  كەسپىي  ئورۇندا  ئۇۋۇلىتىش  ياكى  ئەر  -  خوتۇنلار  بىر  -  بىرىنى  ئۇۋۇلاپ  قويۇش  بولسۇن  ئوخشاشلا  ئىممۇنىتېت  كۈچىنى  ئاشۇرىدۇ.


    7.  قارىغۇلارچە  ۋىتامىن  تولۇقلىماسلىق  كېرەك.  تەركىبىدە  ۋىتامىن  A،  B6،  B12،  C،  D  ۋە  فولىك  كىسلاتاسى،  سېلىن،  كالتسىي،  سىنك  قاتارلىق  مىنېرال  ماددىلار  بولغان  بىر  خىل  مۇرەككەپ  بىرىكمىلىك  ۋىتامىن  دورىلىرىنى  تاللاپ  ئىچىشكە  بولىدۇ.  بۇنىڭدىن  باشقا  يېمەكلىك  تەركىبىدە  ئەڭ  ياخشىسى  ئاز  مىقداردا  ياغ  بولۇشى  كېرەك.  چۈنكى  بەزى  ۋىتامىنلار  ياغدا  ئېرىگەندىن  كېيىن  ئاندىن  ئورگانىزملار  قوبۇل  قىلىپ  پايدىلىنالايدۇ.


    8.  ئادەمگىياھ،  كەتىرا  ئىستېمال  قىلىش  ئادەمگىياھ،  كەتىرا  ئىلىكنى  غىدىقلاپ،  ئاق  قان  ھۈجەيرىسىنى  ھاسىل  قىلىدۇ،  ئاق  قان  ھۈجەيرىسى  ئانتېتىلا  ۋە  ۋىرۇسقا  قارشى  تۇرۇش  ئىقتىدارىغا  ئىگە  ئىنتېرفېرون  ھاسىل  قىلالايدۇ.


    9.  ئۇيقۇغا  كاپالەتلىك  قىلىش  قانغۇدەك  ئۇخلاش  قىشتىكى  ئەڭ  مۇھىم  ئىش  ھېسابلىنىدۇ. 


    10.  تارقىلىشچان  زۇكام  دورىلىرىنى  ئىچىش  تارقىلىشچان  زۇكام  ۋىرۇسى  بىلەن  يۇقۇملىنىپ  قالغاندا،  دوختۇرنىڭ  كۆرسەتمىسى  بويىچە  دورا  ئىچىش  كېرەك. 
  

  شىنجاڭ پەن -تېخنىكا گېزىتى  
 

 

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«شىنجاڭ ئىلىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى