|
1.ھەر كۈنى ئەتتىگەندە سوغاق سۇدا يۈز يۇيۇش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇدا پۇتنى يۇيۇش .
2.ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن ، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش .
3.ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ ياكى چايدا ئېغىزنى چايقاش .
4.ھەر كۈنى ئەتىگن 10~20مىنۇتقىچە ئاستا (سەل-پەل تەرلىگۈچە) يۈگۈرۈش.
5.ھەر كۈنى ئەتتىگندە بىر باش سۇڭپىيازنى يۇمشاق ئېزىپ پۇراش ياكى بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كۈنىگە نەچچە قېتىم پۇراش .
6.دائىم خام سامساق يەپ بېرىش ، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق زۇكامدىن تارقالغان مەزگىلدە خام سامساق يېيىشنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك .
7.قىش ، ئەتىياز پەسىللىرى تۇرۇپ شورپىسىغا ئازراق قايناقسۇ قۇيۇۋېتىپ ئىچىش ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قايناق سۇغا ئازراق زەنجىۋىل ، قارا شېكەر قوشۇپ چاي ئورنىدا ئىچىش .
8.يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغانلىقىنى بايقىغان ھامان ئاچچىقسۇغا چىلانغان پاختا بىلەن بۇرۇن تۆشۈكچىسىنى كۈنىگە 2~3قىېتىم سۈرتۈش.
9.كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سەھەر ، چۈش ۋە كەچقۇرۇن كېيىنىشكە دېققەت قىلىش ، تەرلىگەندە كېيىمنى بىراقلا سېلىۋەتمەسلىك .
10.يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغاندا ، ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق . ھەر ۋاقىت قولنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .
|