ئىخچام تېما:چاچ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىشارەت بېرەلەيدۇ

چاچ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىشارەت بېرەلەيدۇ

ئاپتور:نامسىز      ۋاقىت:2008-07-07 14:53:32   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  چاچ

ئادەمنىڭ يېمەك- ئىچمىكى مۇۋاپىق بولمىسا ياكى بەدەندە داۋالاش زۆرۈر بولغان كېسەل بولسا، چاچ بۇنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئۇچرايدۇ؛ شۇڭا چاچ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن دەل ۋاقتىدا بىشارەت بېرەلەيدۇ.

  چاچ شالاڭلىشىش-- قالقانسىمان بەز ئاجرالمىلىرىنىڭ زىيادە كۆپەيگەنلىكىنىڭ ياكى زىيادە ئازايغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان گورمون بەدەندىكى زور مىقتاردىكى ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەز ئاقسىلنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتسە،چاچ چۈشۈپ ۋە شالاڭلىشىپ كېتىدۇ.


  چاچ چۈشۈش-- تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر. تەبىئىي دەۋر ئالمىشىش سەۋەبلىك كۈنىگە نۇرغۇن چاچ چۈشۈپ تۇرىدۇ. لېكىن چاچنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى تېزلەشسە، تۆمۈرنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ.


  چاچنىڭ يۇمشاق، جانسىز، قۇرغاق بولۇشى-- بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ساغلام چاچ ئۆز ئارا ئايرىلىپ، يېيىلىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق بولمىسا، ھەر بىر تال چاچتىكى تۈك خالتىسىنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى سۇ تەركىبلىرىنى ياخشى ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا بەدەنگە سۇ تولۇقلايدىغان يېمەكلىلكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا،چاچنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.


  چاچنىڭ پاقىراقلىقىنى يوقىتىشى-- بەدەندە ۋىتامىنB كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر. چاچنىڭ پاقىراقلىقىنى يوقىتىشى ۋىتامىن Bنىڭ كەملىكىدىن بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن B كۆپ يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىقلارنى كۆرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، چاچ پارقىراق بولىدۇ.


  چاچنىڭ مايلىق بولۇشى-- سۈتنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. سۈت تەركىبىدىكى ياغ تۈك خالتىسىنىڭ ياغ بېزىگە يېقىنلىشىپ، ياغ ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.


  چاچ ئۆسمەسلىك-- يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇڭا يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. چاچنى پات- پات يۇيماسلىقتىن بولغان چاچتىكى ياغلىق كىرمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


  چاچ ئۇچىنىڭ يېرىلىشى-- مىنېرال ماددىلارنىڭ ياكى ۋىتامىنلارنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، چاچ ئۇچى يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


  چاچ كېپەكلىشىش-- زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىق زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئادەمنىڭ باش تېرىسى ياكى تېرىلىرىدە ئاز مىقتاردا زەمبۇرۇغ بولىدۇ، باش تېرىسىدە كېپەك كۆپ بولغانلاردا بۇنداق زەمبۇرۇغلارنىڭ تارقىلىش نىسبىتى %25تىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. زور مىقتاردىكى زەمبۇرۇغلار تېرىنى غىدىقلاپ، نۇرغۇن تېرە باكتېرىيىسى پەيدا قىلىدۇ. باش تېرىسىدىكى كېپەكنى ئازايتىشتا، دورىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

 

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«شىنجاڭ رادىئو ئىستانىسى تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى