ئىخچام تېما:[كۆپ سۈرەت]ناچار ئادەت ۋە چىش

ناچار ئادەت ۋە چىش

ئاپتور:فارا…      ۋاقىت:2008-07-06 13:21:40   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  جاغ

جاغنىڭ غەيرىي بولۇشى تۇغما سەۋەبلەردىن سىرت، يەنە بىر قىسىم ناچار ئادەتلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك .

 

         1. بالىنى ئېمىتكەندە، بوۋاقنىڭ ئېمىش ھالىتى ( بوۋاقنى تۇتۇش ھالىتى ) بىلەن سوسكىنىڭ ئورنى توغرا بولماسلىق. مەسىلەن: بوۋاق تۈز ياتقاندا سوسكا يۇقىرىقى جاغ سۆڭەكنى باسىدۇ، بوۋاق تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكىنى ئالدىغا سوزغاندىلا سۈتنى ئېمەلەيدۇ، بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، ئاستىنقى سۆڭەك ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىپ، ئۇدۇل چىش تەتۈر چىشلىشىدىغان ( تۆۋەنكى جاغدىكى چىشلار يۇقىرىقى جاغدىكى چىشلارنى ئورايدىغان ) غەيرىي شەكىل ھاسىل بولىدۇ. ئېمىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى بوۋاقنى تۈز ئولتۇرغۇزۇپ، سوسكا بىلەن ئۈستۈنكى جاغ سۆڭەكنى زىيادە بېسىۋەتمەسلىكتىن ئىبارەت.

 



         2. ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولماسلىق : بىر تەرەپنىلا بېسىپ يېتىش، قول ياكى مۇشتۇمىنى يۈزگە يېقىپ ئۇخلاش، دۈم يېتىشلارنىڭ ھەممىسى بېسىلغان ئورۇننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈزنىڭ سىممىتېرىك بولماسلىقى، چىش ئورنىنىڭ خاتا بولۇشى ياكى چىشنىڭ غەيرىي ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلىغاندا ھەرگىز نوقۇل بىر خىل ھالەتتىلا ياتماسلىق، بېسىلغان ئورۇننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

         3. يېمەكلىكنى بىر تەرەپتىلا چايناشقا ئادەتلىنىش: يېمەكلىكنى ئەگەر پەقەت بىر تەرەپتىلا چاينىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئىشلەتمىگەن تەرەپتىكى يۈز مۇسكۇلى ۋە سۆڭەك يېگىلەپ، بىر يۈز چوڭ، بىر يۈز كىچىك بولۇشتەك غەيرىي شەكىل كېلىپ چىقىدۇ، چوقۇم يېمەكلىكلەرنى ئىككى تەرەپتە چايناپ، يۈزنى نورمال يېتىلدۈرۈش لازىم.

         4. تىلنى چىقىرىش ۋە تىلنى چىشلەشكە ئادەتلىنىش : مەيلى تىلنى چىشلەش ياكى تىلنى چىقىرىش بولسۇن، ھەممىسىلا چىشنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇدۇل چىش جۈپلەشمەسلىكتەك غەيرىي شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بارماقنى شوراشقا ۋە نەرسىلەرنى چىشلەشكە ئادەتلىنىش: ئادەتتە بارمىقىنى شوراشنى ياكى قەلەم چىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ يۇقىرىقى ئۇدۇل چىشى ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىپ، تۆۋەنكى ئۇدۇل چىش كەينىگە كېتىپ، چىشلار قىستىلىپ، ئۇدۇل چىش ئاراش بولۇشتەك غەيرىي ھالەت شەكىللىنىدۇ.

         5. لېۋىنى چىشلەشكە ۋە لېۋىنى شوراشقا ئادەتلىنىش: ئاستىنقى لېۋىنى شورايدىغان ياكى چىشلەيدىغانلارنىڭ تۆۋەنكى ئۇدۇل چىشى ئۈستى-ئۈستىگە چىقىپ قىستىلىپ، يۇقىرىقى ئۇدۇل چىشى ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىپ، ئىككى لېۋى جۈپلەشمەي، چىش كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

         6. ئاغزى بىلەن نەپەسلىنىشكە ئادەتلىنىش: ئاغزى بىلەن نەپەسلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيى ئېگىلىپ، ئۇدۇل چىشى قىستىلىپ ئاراش بولۇشتەك غەيرىي شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


         ئەگەر بالىلاردا ناچار ئادەتلەر كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقلىرى يول قويماستىن، نەسىھەت قىلىپ، ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە كۆندۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ مەخسۇس بۆلۈمدە داۋالىتىپ تۈزىتىش، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

 

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008-01-25

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«فارابىي چىش سېلىش ئورنى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى