|
1 .روھىي جىددىيلىك . ئۇزۇن مەزگىللىك قايغۇ - ھەسرەت مەيۈسلۈك ۋە روھىي زەربە ئاسانلا ئاشقازاننىڭ جاراھەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2.ھەددىدىن زىيادە چارچاش . مەيلى جىسمانىي ئەمگەكتىن ياكى زىيادە چارچاش ئاشقازان ، ئۈچەيگە قان يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، يېپىشقان سۇيۇقلۇقنى ئازايتىپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3.ھاراقنى كۆپ ئىچىش . ئىسپىرت ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ياغىلىق جىگەر ، جىگەر قېتىشىش ۋە جىددىي ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇيۇق بەز ( ئاشقازان ئاستى بېزى ) ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئاشقازاننىڭ زەخمىلىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .
4.تاماكا . تاماكا چەكسە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخىملىنىدۇ .
5.ۋاقتىدا غىزالانماسلىق . قورساق بەك ئېچىپ كەتسە ، ئاشقازان كىسلاتاسى ، ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشى ئارتىپ كېتىدۇ . تاماقنى بەك كۆپ يەۋەتسە ئاشقازان كېڭىيىپ ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ ، ئاشقازان زەخمىلىنىدۇ .
6.باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىش . تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرما تاياقچا باكتېرىيىسى ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن . ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرما تاياقچە باكتېرىيىسى قاچا - قۇچا ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلاردىن باشقىلارغا يۇقىدۇ .
7.كېچىدە غىزالىنىش . بەك كەچ غىزالىنىش ئەڭ ناچار ئادەتلەرنىڭ بىرى . بۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭىدىن باشقا كېچىدە غىزالانغاندا ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىپ ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ .
8 .نىترىتلار . ھەممەيلانگە مەلۇم ئىترىتلار راك كېسلىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق « قاتىل » ھېسابلىنىدۇ . پۇراپ قالغان بېلىق ، بۇزۇلغان كۆكتات ، چىرىگەن ئاشلىق قاتارلىلاردا نىترىتلارنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ سالسا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ .
9.قالايمىقان دورا يېيىش . دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېيىش ، ھەرگىز قالايمىقان دورا يېمەسلىك كېرەك . چۈنكى بەزى دورىلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە ، بەدەنگە ، بولۇپمۇ ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزىدۇ .
|