ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:مەنى ئاغرىپ كېلىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟

مەنى ئاغرىپ كېلىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟

ئاپتور:نۇرد…      ۋاقىت:2008-2-19 22:27:11   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  كولا

مەنى ئاغرىپ كېلىش دىگىنىمىز ، مەنى كەلگەندە زەكەر ، سۈيدۈك يولى ، ئەۋرەت ھەم تۆۋەنكى قوساق قىسمىدا ئۆتكۈنچە ئاغرىشنى كۆرسىتىدۇ . مەنى كېلىش ۋاقتى ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ جەرياننى قوشۇمچە جىنسىي ئورگانى ، چات ئارىلىقى مۇسكۇللىرى ھەم زەكەر بىلەن بىرلىكتە رىتىملىق تارتىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . نورمال ئەھۋال ئاستىدا ، مەنى كىلىش بىلەن بىرگە ھوزۇرلىنارلىق ھېس پەيدا بولىدۇ ، ئاغرىق ھېس قىلماسلىقى كېرەك .

                جىنسىي مېدىتسىناسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، مەنى ئاغرىتىپ كېلىش كۆپىنچە كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئەزا خاراكتىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ . ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ :

                سۈيدۈك يولى ھەم جىنسىي ئورگانلار ئەرلەر تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىغا گىرىپتار بولغاندا مەنى ئاغرىپ كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . بۇ سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، دوۋسون ياللۇغى ، مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ يۇقۇملىنىشلار يەرلىك ئورۇنلارىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەنى كەلگەن چاغدىكى مۇسكۇللارنىڭ رىتىملىق تارتىشىشى بۇ ياللۇغ ئورۇنلىرىغا  تەسىر كۆرسىتىپ ئاغرىق پەيدا  قىلىدۇ . ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى ھەم يان ئۇرۇقدان ياللۇغىمۇ مەنى ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى بىمارلاردا يەنە ئاغرىق سەۋەبىدىن مەنى يۈرۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ .

                ئەرلەر سۈيدۈك يولى سىستېمىسى ئورگانلىرىدا كۆرۈلگەن جاھىل خاراكتىرلىك ئۆسمىلەرمۇ مەنى ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چقىرىدۇ . مەسىلەن ئۇرۇقتان ، يان ئۇرۇقداندا ئۆسمە كۆرۈلگەندە ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى بېسىم ھەم ئۇرۇقداننىڭ ھەرىكەتلىنىشىدە ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ . لېكىن بۇ خىل ئاغرىق ئالدىنقى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقتىن سەل يېنىكرەك بولۇپ ، كۆپىنچە ئىچىدىن سىېزىلەر-سېزىلمەس ئاغرىيدۇ . مەزى بېزى ، ئۇرۇق خالتىسى ، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆسمە پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن پەيدا بولغاندىمۇ بىرقەدەر يوشۇرۇن ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق ئاغرىق پەيدا بولغاندا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

                بۇنىڭدىن سىرت ، ئەرلەر سۈيدۈك يولى تۇبىركۇليۇزى ھەم ، سۈيدۈك يولىدا گۆش ئۆسۈندىسى پەيدا بولۇپ قېلىش ، زەكەر قاتتىق تۈگۈن ئالامىتى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ مەنى ئاغرىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ھەرىكەت بەك ئېغىر بولۇپ كېتىش ، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى كۆپلەپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن جىنسىي ئورگانلارغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلسىمۇ ، ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ .

                جىنسىي مۇتەخخەسىسلىرى شۇنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتمەكتە ، جىنسىي تۇرمۇش ئادەتتە نورمال كېلىپ ، تۇيۇقسىز مەنى ئاغرىپ كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى لازىم . كىسەللىك ۋاقتىدا جىنسىي تۇرمۇشنى پەرز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئەزاغا بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىش ، دىئاگنوزى ئېنىق بولغان كېسەللىكلەر ۋاقتىدا  داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

نۇرمەمەت.دانىش تەرجىمىسى

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:7پاكىنەك     مەسئۇل تەھرىر:7پاكىنەك

    مەنبە:«ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى