|
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى جىنسىي تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قورال . بۇ ئارقىلىق ئايالىڭىزنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دورا ئىچىپ بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ .
لېكىن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ياسىغان بولسىمۇ ، قىسمەن كىشىلەر ئىشلەتكەندە يەنىلا زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ، مەسىلەن ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ، زەكەرنىڭ بېشى قىزىرىش ، قىچىشىش ھەم يىڭنە سانىغاندەك ئاغرىش ، ئېغىرراقلىرىدا يارا پەيدا بولۇش ، ياللۇغلىنىش ؛ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار بولسا سىرتقى لەۋ ھەم جىنسىي يولىدا قىچىشىش ھەم قىززىق كۆيگەندەك بولۇش ، جىنسىي يول شىللىق پەردىلىرى قانغا تولۇش ، سۇلۇق ئىششىش ، ئاق خۇن كۆپىيىشتەك ئەھۋاللار كۆرلىدۇ .
زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەرنى قىلىپ كۆرۈڭ:
1.ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئېلىۋېتىڭ ، ئىشلەتمەڭ ، باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىڭ ؛
2.زىيادە سېزىمچانلىق كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ئەكىس تەسىرىنى داۋالاش ھەم ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا 2 ھەپتە ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك ؛
3.يەرلىك ئورۇننى تاتىلىماڭ ، قاشلىماڭ ، ھەم قىززىق سۇدا ۋە ياكى سوپۇن سۈيىدە يۇماڭ ؛
4. يەرلىك ئورۇنغا ۋاقتىنچە خلوروتېتراتسىكلىن 金霉素 ياكى تېتراتسىكلىن كۆز مەلھىمى 四环素眼膏نى سۈرتۈڭ .
5.سېزىمچانلىققا قارشى دورا ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى ئادەتتە 5~7كۈنگىچە داۋالانسا ساقىيىپ كېتىدۇ .
|