|
ئىچى سۈرۈش : كېسەل ئەھۋالى ئانچە ئېغىر بولمىسا ، 100 گرام قايناقسۇغا بىر قوشۇق شېكەر ۋە ئازراق گۈرۈچنى سۇدا قاينىتىپ ، سۈيىنى ئىچسە بولىدۇ . كېسەل ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .
ياغ ياكى قايناق سۇدا كۆيۈپ قېلىش : كۆيۈك يېنىك بولسا دوختۇر پاختىسىنى خلورومىتسىنغا چىلاپ يارا ئورنىغا سۈرسە ، ئېچىشىش ۋە ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىدۇ . ئەگەر ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .
تارتىشىپ قېلىش : ئاۋۋال ئاغرىقنى ياتقۇزۇپ ئېغىز ، بۇرۇننى تازىلاپ ، يۇمشاق رەختنى چىشلىتىپ ، ئاغرىقنىڭ تىلىنى چىشلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئاندىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .
بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا : 100–150 كۈنجۈت يېغىنى قىزىتىپ ئازراق ھەسەل ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بالىغا ئىچكۈزسە ، بالا يەۋالغان نەرسە 24 سائەت ئىچىدە چوڭ تەرىتى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ .
بالىلار كېچىدە تۇيۇقسىز قىزىپ قالسا : قىزىتمىسى بەك يۇقىرى بولمىسا مۇزنى لۆڭگىگە ئوراپ بالىنىڭ قولتۇقى ۋە پېشانىسىگە قويۇش لازىم . ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئۈلۈش ئاق ھاراققا ئىككى ئۈلۈش سۇ ئارىلاشتۇرۇپ بالىنىڭ بەدىنىگە سۈرسىمۇ بولىدۇ . بالىنىڭ قىزىتمىسى يۇقىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .
بالىلار يىقىلىپ كېتىپ بېشىنى ئىششىتىۋالسا : كېسەل ئەھۋالى ئېغىر بولمىسا دوختۇر پاختىسىنى برومىڭىرامىنغا چىلاپ ئىششىپ قالغان ئورۇننى پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن ، بىر قىسىم ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى سۈرۈش كېرەك . ئىششىپ قالغان ئورۇننى قول بىلەن ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ . مۇز پارچىسىنى لۆڭگىگە ئوراپ ئىششىغان ئورۇنغا قويسا ، ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ .
تۇرسۇن قۇربان تەييارلىغان ( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
|