ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:يالماۋۇز << ئەيدىز >> ئالىي مەكتەپلەرگە قىستاپ كەلمەكتە

يالماۋۇز << ئەيدىز >> ئالىي مەكتەپلەرگە قىستاپ كەلمەكتە

ئاپتور:ManYukse…      ۋاقىت:2008-2-20 11:35:29   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئالىي مەكتەپ

بۇندىن بىر يىل مۇقەددەم يەنى 2005 - يىلى 7 - ئايدا، سەھىيە مىنىسترلىقىنىڭ باياناتچىسى ماچۈنئەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن < ئەيدىز ۋە مېدىيىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى > دېگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: << دېھقانلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار ھازىر نىسبەتەن ئوڭاي زىيانلانغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى >> .

        بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بەھس- مۇنازىرىسى قايناپ كېتىدۇ. بەزىلەر : < ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپى دېيىشتە نەزىرىيىۋىي قىياسقا ئاساسلىنىلغانمۇ ياكى ستاستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىلغانمۇ؟ > دېگەندەك گۇمانىي سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مۇخبىر يولداش ماۋچۈنئەندىن يۇقىرىقى سۆزىنىڭ نىمىگە ئاساسەن ئېيتىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر بىلەن پىكىرلىشىشنى، مۇھاكىمە قىلىشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


        ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى زادى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپىمۇ ئەمەس؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا كۆپۈنچە كىشىلەر باشقىچە كۆز قاراشتا بولسىمۇ، شۇ تەرىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ كۈنسېرى ئېچىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئەيدىز كېسەللىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جىددىي قارىمىسا، ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئاللىقاچان چەتكە قېىقىشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.


        نۆۋەتتە، جۇڭگو جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت شۇكى، ئەيدىز كېسەللىكى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا كىردى. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ستاستىكىسىغا كۆرە، جۇڭگودا ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى30% ئەتراپىدا ئىكەن. دۇنيا مىقىياسىدىن قارىغاندا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 70% تىن ئارتۇقراقلىرى جىنسىي ئۇچرىشىش يولى ئارقىلىق ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى 25 - 14 ياشىقىچە بولغان ياش ۋە ئۆسمۈرلەردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت كۆز قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ( جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئوخشاش ). بىر تۈرۈلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت ئىچىدىكى 30 - 22 پىرسەنت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ جىنسىي كەچۈرمىشى بار ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر بىزگە مەلۇملۇق بولىمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى جىنسىي كەچۈرمىشى بار بولغان ئوقوغۇچىلار نىسبىتىنى يۇقىرىقى نىسبەت ساندىن بىر ئاز تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ قىياس قىلىشقا بولسىمۇ كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ دېيشىكە بولمايدۇ.


        مېنىڭچە، تېخىمۇ زور بولغان خەۋىپ كۆز قاراشنىڭ ، ئىدىيىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداقمۇ ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قالدى دېگەندە، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ زىيادە ئېچىۋىتىلىشى دەل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك ئامىل .


        ئۇنداقتا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا << ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى >> گە تايىنىش كېرەكمۇ ياكى << كىشىلەرنىڭ ئەيدىز خەتىرىنى ھېس قىلىشى >> غىمۇ؟


        بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز شۇكى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ياخشى بولغان ئۇسۇل. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا پاكىزە بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تۇرغۇزۇش، ئىپپەت - نۇمۇس تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرش، جەمئىيەتتە بولسا نىكاھتىن سىرتىقى جىنسىي مۇناسىۋەتنى ( زىنا ) قاتتىق چەكلەيدىغان ۋە ئەيىپلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش لازىم. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ئاتلىق بو يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاداققى ئۈمىد قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دور ياكى ۋاكىسنىدا ئەمەس، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىدا تېخىمۇ ئەمەس . بەلكى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىي ھاياتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقتا. جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمان - ئېتىقاد، پاكلىق چۈشەنچىلىرىدە! باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىمان - ئېىتقاد، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزنى كونترول قىلىپ، جىنسىي ھاياجانلىنىشنى تېزگىنلەپ، نىكاھدىن سىرت قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەشتە!

 

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«ئىزدىنىش تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى