ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:[سۈرەتـــلىك]ئەخمەت قۇرباننىڭ 14 يىللىق زەھەر چەكلەش خىزمىتى

ئەخمەت قۇرباننىڭ 14 يىللىق زەھەر چەكلەش خىزمىتى

ئاپتور:نامەلۇم      ۋاقىت:2008-2-20 11:13:16   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئەخمەتجان

" ۋىيەي ، سىز ئەخمەت قۇربان دوختۇرمۇ ؟ مېنىڭ يولدىشىم ئىمىن يەنە زەھەر چېكىۋالدى ، بۇ قېتىم مەن چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىمەن ." بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەخمەت قۇرباننىڭ ئاچچىقى كىلىپ . " بۇ سىزنىڭ ئۇنى ئوتقا ئىتتىرگىنىڭىز بولمامدۇ ؟ " دېدى .

 

             ئەخمەت قۇربان ئۈرۈمچى يارپ ئامبۇلاتۇرىيىسىنىڭ زەھەر تاشلىتىش دوختۇرى ،" مەملىكەتلىك خەلق ئىچىدىن چىققان  ئون زەھەر چەكلەش ئەربابى"نىڭ بىرى ، " شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى " .ئۇ  14 يىلدىن بىرى ، زەھەر چەكلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئالدى كەينى بولۇپ  ئىككى پارچە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى زەھەر چەكلەش كىتابى نەشىر قىلىندى ...............    ئۇ بۇ ئامبۇلاتۇرىينى 2002 – يىلى ئاچقان بولۇپ ،بۇ  زەھەر چەكلەشتىن مەسلىھەت بېرىدىغان ئامبۇلاتۇرىيە . 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ، مۇخبىر يارپ ئامبۇلاتۇرىيىسىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئەخمەت قۇرباننىڭ بۇ ئامبۇلاتۇرىيىدە زەھەر تاشلاشتىن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيىسى ئېچىپ ، بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتقان ھالىتىدە كۆردى .

             ئەخمەت قۇربان تېلېغۇن ئۇرغان ئايالغا چۈشەندۈرۈپ : " قايتا چېكىش ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ تېخى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنىشىڭىز كېرەك ، ئائىلە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك ، شۇندىلا ئۇ ئىرادە تىكلەپ زەھەردىن يىراق تۇرالايدۇ " دېدى .يىرىم سائەت سەۋىرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ،ئۇ  قارشى تەرپنىڭ ، مەن ئەمدى بۇنداق خىياللاردا بولمايمەن ، دېگەن گىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا خاتىرجەم بولۇپ تېلېغۇننى قويدى .

             ئىمىن بولسا ئەخمەت قۇربان بۇرۇن داۋالىغان زەھەر چەككۈچى . ئەخمەت قۇربان : « تىببىي ئىلىم جەھەتتىن ئېيتقاندا ،دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى كېسەلنى فىزىئولوگىيە جەھەتتىن داۋالاش ، بىراق زەھەر چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، پىسخولوگىيە جەھەتتىن داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، ياخشى داۋالىمىسا قايتا چېكىۋىلىش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ بولىدۇ ،مۇشۇنداق چاغدا  ئەگەر ئائىلە مېھىردىن ئايرىلسا ، زەھەر تاشلاش ئىرادىسى يوق بولۇپ  كېتىدۇ . بۇ چاغدا دوختۇرنىڭ زەھەر چەككۈچىنىڭ ئائىلىسدىكىلىرىگە نەسىھەت قىلشى مەسئۇلىيىتى بار . » دېدى .

             14 يىلدىن بىرى ، ئەخمەت قۇربان  نۇرغۇنلىغان زەھەر چەككۈچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە ياردەم بەردى .ئەخمەت قۇربان بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4- دوختۇرخانىنىڭ زەھەر چەكلەش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى .ئۇ  1992-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ بۇ دوختۇرخانىغا تەقىسم قىلىنغان ، شۇندىن باشلاپ  ئۇ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە كىرىشكەن.

             شىنجاڭ بولسا جۇڭگو زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتىنىڭ ئاپەت رايونى ، ھەم يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ، ئەخمەت قۇربان خىزمەت قىلىدىغان زەھەر چەكلەش بۆلۈمىگە ھەر يىلى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت بىمارلىرى كىلەتتى . ئۇ ھەر قېتىم زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ بوشۇشۇپ كېتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قايتا چېكىۋىلىشىنى كۆرۈپ ، ئۆززېممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى .ئۇ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ، دورا ئارقىلىق زەھەر تاشلاتقۇزۇش بىلەن قىرىنداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى بىرلەشتۈرۈپ ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىپ ، زەھەر چەككۈچىگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى . ئەخمەت قۇرباننىڭ داۋالىغان كېسەللىرى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، قايتا چېكىۋىلىش ئەھۋالى ئاساسەن يۈز بەرمىدى . بۇ ئەخمەت قۇرباننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى .

             ئۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا يېزىلغان زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنىڭ ئازلىقىنى بايقىدى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ ، 1995-يىلدىن باشلاپ ، تۆت يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، ئۇيغۇرچە « زەھەر چېكىملىكىنى چەكلەش بىلىملىرىدىن سوئال-جاۋابلار» بىلەن «خېروئىن» دېگەن ئىككى پارچە كىتابنى يېزىپ چىقتى . ئۇ ئۆز يىنىدىن 60 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ، بۇ ئىككى كىتابتىن 30 مىڭدىن باستۇرۇپ ، ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقسىز تارقاتقان . بۇ كىتاب رايونىمىزدا ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنىڭ ئاز بولۇشتەك بوشلۇقنى ئورنىنى تولۇقلىدى . « خېروئىن » ناملىق كىتاب ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ زەھەر چەكلەشتە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم كىتابى بولۇپ قالدى .

             ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى زەھەر چەكلەش خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇ  2002- يىلدىن باشلاپ ، ھەر يىلى "شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى" بولۇپ ، خىزمەتگە بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . ئۇ ھەر يىلى ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەر خىل زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى باستۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ئاممىغا تارقىتاتتى .

             ئۇنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى زەھەر چەكلەش خىزمىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، 2002-يىلى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ، پۈتۈن زېھىنى بىلەن زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى . ئۇ يارپ زەھەر چەكلەشتىن مەسلىھەت بىرىش ئامبۇلاتۇرىيىسىنى قۇردى ، ھەمدە شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇرچە زەھەر چەكلەش ھەقسىز قىزىق لىنىيسى (0991-2865305,0991-8537631)   ئاچتى ،ئىقتىساد كەمچىل بولغانلىقتىن قىيىنچلىقلار كۆپ بولدى ، بىراق بۇلار ئەخمەت قۇرباننىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى .

             بۇ يىل ئەخمەت قۇربان مەملىكەتلىك خەلق ئىچىدىن چىققان ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابىنىڭ  بىرى بولۇپ باھالاندى . ئەخمەت قۇرباننىڭ يەنە نۇرغۇن ئارزۇلىرى بار ،ئۇ شۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كېچە-كۈندۇز  تىرىشماقتا .

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«يارىپ زەھەرلىك چىكىملىكلەردىن ساقلىنىش تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى